−− «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا
«ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشتە، مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشقا تايىنىش كېرەك؛ ئاممىنىڭ رازىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشتا، مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىغا قاراش كېرەك. مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتى يولغا قويۇلغان يەتتە ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېت باشتىن-ئاخىر «ئۈچنى زور كۈچ بىلەن بىر تەرەپ قىلىش» يەنى غايىسى، ئېتىقادىدا چىڭ تۇرماسلىق، مەقسەت ئېڭى ئاجىز، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراش قاتارلىق مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن بىر تەرەپ قىلىش، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، ھوقۇق ئىجارىكەشلىكى قىلىش، مەسئۇل بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن بىر تەرەپ قىلىش، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي بەلگىلىمىلىرىنى كۆزگە ئىلماسلىق، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا بويسۇنماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. «ئۈچنى زور كۈچ بىلەن بىر تەرەپ قىلىش» تەلىپىگە ئاساسەن، مەسىلىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئاغرىش نۇقتىسى»نى تېپىپ چىقىپ، «نىشان»نى چەنلەپ، «ئاغرىق»نى يوقاتقاندىلا، ئاندىن مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىدە كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يېتىشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىدە ئامما شەكىلۋازلىقنى ئەڭ ئۆچ كۆرىدۇ، مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدۇ. تەلەپچان، راستچىل بولماسلىق مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا چوقۇم ھەقىقىي تېگىپ، ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىش كېرەك، مەسىلىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پائال بىر تەرەپ قىلمىغاندا، تېخىمۇ چوڭ ناچار تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئەستايىدىللىق بىلەن ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى، بىر جاي، بىر سىستېما، بىر ئورۇندا كۆرۈلگەن ئومۇمىي مەسىلىنى رەھبەرلىك بەنزىلىرى كوللېكتىپ مۇزاكىرىلىشىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى؛ بەنزىگە تەۋە مەسىلىنى ئاساسلىق مەسئۇل يولداش تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇل بولۇپ، بەنزە ئەزالىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇشى؛ شەخسكە تەۋە مەسىلىنى رەھبىرىي كادىرلار ئاڭلىق ئۇدۇللاشتۇرۇپ پائال تۈزىتىشى كېرەك. تۈزىتىشتە چوقۇم دادىل ئېلىشىپ، تەلەپچان، راستچىل بولۇش، ئاغزاكى، قەغەز يۈزىدە ياكى يالغاندىن تۈزىتىشكە بولمايدۇ، ھەقىقىي ئۆزگەرتىشنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن تەلەپچان، راستچىل بولماسلىق مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى، كادىرلارنى قايىل قىلىپ، ئاممىنى كۆندۈرگىلى بولىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
بەدىئىي سۈرەتلەر
كۈمۈش تۈسكە كىرگەن تەڭرىتاغ
سىرلىق قىياپەتتىكى گۈزەل توغراقلىق
شىمالىي شىنجاڭنىڭ كەچ كۈزدىكى گۈزەل كارتىنىسى
كەنتكە چۈشكەن كادىرلار
كەڭ ساي كارتىنىسى
ئۈرۈمچى غەربىي چوڭ كۆۋرۈك كارتىنىسى
كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سايرام كۆلى
ئۇيقۇدىن ئويغانغان شەيتانكەرىش
3ئەل خىزمىتىدىن ئارىيە
قاراماي غەربىي چوڭ جىلغىسىنىڭ تۈگۈنچى باھاردىكى كۆركەم مەنزىرىسى
ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت بايرىمىدا ئاز سانلىق مىللەت كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى