ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مۇھاكىمە مۇنبىرى

‹‹مىزان›› بىلەن ‹‹نىزام››نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق ئۈستىگە ئېلىش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30- كۈنى 03:36   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ شۆچياڭ

    مەركەز ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك – تەلەپچان بولۇش مىزانى›› بىلەن ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى›› (تۆۋەندە ‹‹نىزام›› ۋە ‹‹مىزان›› دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. بۇ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىغا مەڭگۈ كاپالەتلىك قىلىشتا تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى ‹‹مىزان›› بىلەن ‹‹نىزام››نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق ئۈستىگە ئېلىپ، خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، پارتىيە نىزامنامىسىدە يۈكلەنگەن كۆزىتىش نازارەتچىلىكى مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى كېرەك.

    بىرىنچىدىن، ‹‹مىزان›› بىلەن ‹‹نىزام››نى پۇختا ئۆگىنىش كېرەك. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ‹‹مىزان›› ۋە ‹‹نىزام›› بويىچە باشقۇرۇش مۇقەررەر ھالدا قانۇن ۋە ‹‹مىزان››، ‹‹نىزام›› بويىچە كۆزىتىشنى قانات يادۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى ‹‹مىزان›› بىلەن ‹‹نىزام››نى ئۆگىنىشنى كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشى، كۆزىتىش خادىملىرىنى ‹‹مىزان›› بىلەن ‹‹نىزام››نى ئۆزلەشتۈرۈشتە ئۆز ھەرىكىتىگە تەتبىقلاپ، غايە، ئېتىقادنىڭ ‹‹يۇقىرى›› پەللىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام قائىدىلىرىنىڭ ‹‹ئەڭ تۆۋەن›› چېكىنى چىڭ ساقلاپ، ‹‹يۇقىرى›› پەللىنى تۆۋەنلەتمەسلىك، ‹‹تۆۋەن چەك››تە چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

    ئىككىنچىدىن، ‹‹مىزان›› ۋە ‹‹نىزام›› ئارقىلىق كۆزىتىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. كۆزىتىش پارتىيە نىزامنامىسىدە يۈكلەنگەن مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى ۋە ئۇسۇلى، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈزۈم بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدۇر. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹مىزان›› بىلەن ‹‹نىزام››دا يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ قويۇش داۋاملاشتۇرۇلۇپ، ‹‹ئالتە چوڭ ئىنتىزام››نىڭ مەزمۇنى، ئىپادىلىنىش شەكىللىرىدە ناھايىتى تەپسىلىي، كونكرېت بەلگىلىمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ بىزنى كۆزىتىش خىزمىتىدە مەسىلىلەرنىڭ خاراكتېرىنى پەرقلەندۈرۈپ، يىپ ئۇچىنى تۈرلەرگە ئايرىش ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى. قانۇن ۋە ‹‹مىزان››، ‹‹نىزام›› بويىچە كۆزىتىشنى قانات يادۇرۇشتا كۆزىتىش ئوبيېكتى جەھەتتە، چوقۇم ‹‹ئومۇمىيلىق›› تەلىپىنى ياخشى ئىگىلەپ، كۆزىتىش نازارىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ كۆزىتىش مەزمۇنى جەھەتتە، ‹‹قاتتىق›› بولۇش تەلىپىنى چوقۇم ياخشى ئىگىلەپ، ‹‹تۆتنى بايقاشقا كۈچەش››تە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئالتە چوڭ ئىنتىزام›› بويىچە كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىنتىزام بىلەن قائىدىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش؛ كۆزىتىش ئۇسۇلى جەھەتتە، ‹‹ئۈنۈم›› تەلىپىنى ياخشى ئىگىلەپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى جانلىق تەتبىقلاپ، مەسىلىنى بايقاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش؛ كۆزىتىشنى يولغا قويۇش جەھەتتە، ‹‹مەسئۇلىيەت›› تەلىپىنى ياخشى ئىگىلەپ، كۆزىتىش خىزمىتىدىكى ھەر قايسى مەسئۇلىيەت سۇبيېكتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئىنتىزام تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ كۆزىتىش مۇۋەپپەقىيىتىنى تەتبىقلاش جەھەتتە، ‹‹ئەمەلىي›› بولۇش تەلىپىنى ياخشى ئىگىلەپ، كۆزىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەتبىقلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    ئۈچىنچىدىن، ‹‹مىزان›› ۋە ‹‹نىزام›› ئارقىلىق كۆزىتىش نازارىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. كۆزىتىش جەريانىدا بايقالغان مەسىلىلەر نېگىزىدىن ئېيتقاندا، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ ئاجىزلىشىشى، پارتىيەۋىلىك قارىشىنىڭ سۇسلىشىشى، پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ بوشاپ كېتىشى، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ئىزچىللاشمىغانلىقى، ئىجرا قىلىنمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يولداش ۋاڭ چىشيەن: يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى، ئەمما ئومۇمىي تەرىپى ئەمەس، دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. بىز مەركەزنىڭ تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە نىزامنامىسىدە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى مەۋقە قىلىپ، ئىنتىزامنى قانۇننىڭ ئالدىغا قويۇش، ئىنتىزامنى قانۇن ئاساسىدا قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئىنتىزام بىلەن قانۇننى ئايرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئالتە چوڭ ئىنتىزام›› ۋە ‹‹تۆتنى بايقاشقا كۈچەش››نى زىچ چۆرىدەپ، نۇقتىلىق ئادەم، نۇقتىلىق ئىش، نۇقتىلىق مەسىلىگە دىققەت قىلىپ، ‹‹مىزان››دىكى يۇقىرى ئۆلچەم، ‹‹نىزام››دىكى تۆۋەن چەكنى ساقلاش تەلىپى بويىچە، ‹‹تۆت خىل ھالەت››تىكىلەرگە نازارەت قىلىش ئىنتىزامىنى تولۇق تەتبىقلاپ، مەسىلىنى بايقاپ، چۆچۈتۈش كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك تايانچ بىلەن تەمىن ئېتىشىمىز كېرەك. كۆزىتىش خىزمىتى پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتتۇر، شۇنداقلا ‹‹ئۆتكۈر كۆز››، ‹‹ئۇزۇن قۇلاق›› بولۇپ، ‹‹يولۋاس››نىمۇ، ‹‹چىۋىن››نىمۇ تېپىپ چىقىپ، دائىم ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇش دېمەكتۇر. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹ئالتە چوڭ ئىنتىزام››غا خىلاپ مۇھىم مەسىلىلەرنى بايقاشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزامنىڭ يادروسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشتۇر، كۆزىتىش خىزمىتىدە بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماسلىق، چەكلىمىگە بويسۇنماسلىق، ئەمەلدە بويسۇنۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىش، گۇرۇھۋازلىق قىلىشتەك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق بايقاش، بولۇپمۇ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتەك چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە ‹‹ئىككى خىل ئىش››، ‹‹ئىككى خىل ئادەم›› بولۇش خاھىشىنىڭ ساقلانغان – ساقلانمىغانلىقىنى بايقاشقا كۈچەش كېرەك؛ پاك – ئىنتىزامچان بولۇشنىڭ يادروسى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىشنى چەكلەشتۇر، بۇ جەھەتتە ھوقۇق، پۇل سودىسى، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ نەپكە ئېرىشىش، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق قىلىشتەك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق بايقاش كېرەك؛ تەشكىلىي ئىنتىزامنىڭ يادروسى دېموكراتىيە، مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدۇر، بۇ جەھەتتە باشباشتالىق بىلەن بوشاڭلىقنى نۇقتىلىق بايقاش كېرەك؛ ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىنىڭ يادروسى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ئىسراپخورلۇق مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق بايقاشتۇر. مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

    تۆتىنچىدىن، ‹‹مىزان›› ۋە ‹‹نىزام›› ئارقىلىق قوشۇننى ياخشى يېتەكلەش كېرەك. ئىشەنچ نازارەتكە باراۋەر ئەمەس، ھوقۇق نازارەتتىن ئايرىلسىلا ئاسان مەسىلە كۆرۈلىدۇ. كۆزىتىش قوشۇنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نوپۇزى ۋە ئىناۋىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇڭا باشقۇرۇشنى ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. كۆزىتىش كادىرلىرى ئۆزلىرىنى دۇرۇس، پاك تۇتقاندىلا، ئاندىن باشقىلارنى كۆزىتەلەيدۇ ھەم كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشتىن چەتنەپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ‹‹مىزان›› بىلەن ‹‹نىزام››نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ‹‹مىزان›› بىلەن ‹‹نىزام››نىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدە – نىزامى، پارتىيە ئىنتىزامى ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، نازارەتنى كۈچەيتىشى ۋە نازارەتنى قوبۇل قىلىش ئاڭلىقلىقى، قەتئىيلىكىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. كۆزىتىش كادىرلىرىمۇ ‹‹ئىشەنچ نازارەتكە باراۋەر ئەمەس››لىك ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹مىزان›› بىلەن ‹‹نىزام›› بويىچە ئۆز ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، باشقىلاردىن قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىشنى ئاۋۋال ئۆزى قىلىپ، باشقىلاردىن قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىشنى ئاۋۋال ئۆزى قىلماسلىقى كېرەك. باشقۇرۇشقا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، ھەر ۋاقىت ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، قىلماسلىققا تېگىشلىك گەپنى قىلماي، بارماسلىققا تېگىشلىك يەرگە بارماي، كۆرۈشمەسلىككە تېگىشلىك كىشىلەر بىلەن كۆرۈشمەي، يېمەسلىككە تېگىشلىك تائامنى يېمەي، ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەشتىن قەتئىي ساقلىنىپ، كۆزىتىش كادىرلىرىنىڭ ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك خىسلىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، سادىق، پاك، دادىل كۆزىتش كادىرى بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى