ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

مەركەزنى چۆرىدەپ ئومۇمىيلىق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدە ياخشى مەسلىھەتچى، ياردەمچى بولۇش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2015 - يىلى 12 - ئاينىڭ 28- كۈنى 08:27   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 24 – دېكابىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 21 – دېكابىر بېيجىڭدا مەملىكەتلىك ھۆكۈمەت باش كاتىپلىرى ۋە بەنگۇڭتىڭى مۇدىرلىرى يىغىنىنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

    لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېڭى بىر يىلدا ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىپىلىرى مۈشكۈل ھەم ئېغىر بولىدۇ، جەزمەن ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىققا توغرا قاراپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر بۇ جەھەتتە ئۈلگە بولۇپ، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇشىنى ساقلاشقا كۈچ چىقىرىپ، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈش، ئەنئەنىۋى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئاشۇرۇشقا كۈچەپ، جامائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە جامائەت مۇلازىمەتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەمىنلىنىشىنى ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، ‹‹13 – بەش يىل››نى ياخشى باشلىشى كېرەك.

    لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بەنگۇڭتىڭ سىستېمىسى ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلەرنى راۋانلاشتۇرۇشىدىكى تۈگۈن، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى باغلايدۇ، تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدۇ، مەسئۇلىيىتى ئېغىر. ئۇ بەنگۇڭتىڭ سىستېمىسى خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشكە قارىتا مۇنداق ئۈچ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى ‹‹1 – مەسلىھەتچى، 1 – ياردەمچى›› بولۇشى كېرەك. ئومۇمىي ۋەزىيەتكە قاراپ، ئومۇملۇقنى كۆزلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتتىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلە ۋە گەۋدىلىك زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام بىلەن كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىپ، بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە دەز كېتىدىغان ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى تۇتۇپ، تەدبىر ۋە تەكلىپلەرنى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى كۈچلۈك تايانچقا ئىگە قىلىشى كېرەك. ئىككىنچى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى ‹‹ياخشى مۇلازىم›› بولۇشى كېرەك. بەنگۇڭتىڭ سىستېمىسىدىكىلەر ماكرولۇق تەپەككۇرغا ئىگە بولۇشى ھەم كونكرېت مەشغۇلاتنى ئۈستىگە ئېلىشى، ئەمەلىي ئىش قىلىشى، يىغىننى ئۈنۈملۈك ئېچىشى، كارغا كېلىدىغان ھۆججەتلەرنى تارقىتىشى كېرەك. بولۇپمۇ ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش، ھۆكۈمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش تەلىپى بويىچە، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ كۆپ ‹‹بىرىكمە مۇشت›› چىقىرىشى؛ تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلەپ، بىرلىكتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش دولقۇنىنى تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ئۈچىنچى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى ‹‹يۇقىرى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ بېجىرگۈچى›› بولۇشى كېرەك. ياخشى سىياسەتلەر كۆپ چىقىرىلغان بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىسە بىكار. ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم تەدبىرلىرىنى چۆرىدەپ، خىزمەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نازارەت قىلىشنى كۈندىلىك ھەرىكەتتىكى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، زىممىسىگە ئېلىشتا دادىل بولۇپ، كۈچى ۋە نوپۇزى بار ئادەم بىلەن تۇتۇشۇشقا جۈرئەت قىلىش، يىغىن بىلەن يىغىننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھۆججەت بىلەن ھۆججەتنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ساقلىنىشى؛ سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ئۆز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ، دۆلەتكە پايدا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بەنگۇڭتىڭ سىستېمىسىنىڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، جەزمەن ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ يورۇتۇشى كېرەك. يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئەندىزە، يېڭى تېخنىكا بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، ئوشۇقچە قائىدە – يوسۇنلارنى تۈگىتىپ، ئىش بېجىرىش تىزىملىكىنى ئاشكارىلاپ، سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خەلقنى ھۆرمەتلەش پوزىتسىيەسى بىلەن مەمۇرىيەت ئىشلىرىنى قىسقارتىپ، ئاساسىي قاتلام بىلەن ئامما ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، زامانىۋى ھۆكۈمەت قۇرۇشتىكى جەڭگىۋار يېڭى قوشۇن بولۇشى كېرەك.

    لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە تارماقلار ئۈن – تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، تىرىشىپ بەدەل تۆلەۋاتقان بەنگۇڭتىڭ سىستېمىسىدىكى كادىرلار بىلەن ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە ئىدىيە ۋە سىياسىي جەھەتتە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كۆپچىلىك ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەيدىغان مۇھىت يارىتىپ بېرىشكە تىرىشىشى كېرەك. 

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى