ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

لوپنۇر ناھىيەسى ئۇتۇقلۇق ئىگىلىك تىكلىگەن 93 ئايالنى مۇكاپاتلىدى

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 01 - ئاينىڭ 11- كۈنى 03:13   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياسىنجان رەھمىتۇللا خەۋىرى: لوپنۇر ناھىيەسى يېقىندا ناھىيەدىكى 93 مۇنەۋۋەر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئايالغا 250 مىڭ يۈەن ئىگىلىك تىكلەش مۇكاپاتى تارقاتتى.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مۇنەۋۋەر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئاياللارنىڭ ھەممىسى يېقىنقى ئىككى يىلدا ھەقسىز ئىگىلىك تىكلەش كۇرسىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ناھىيە، يېزا-بازار، كەنت ئاياللار بىرلەشمىلىرى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى نەق مەيداندا بېرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئاشكارلىدى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىگىلىك تىكلىگەن ئاياللار ئاساسلىقى باقمىچىلىق، تىككۈچىلىك، كەشتىچىلىك، يېمەك –ئىچمەك، ھۆسىن تۈزەش قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، كۆلىمى بىر قەدەر زور ۋە يېتەكچىلىك رولى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئۈچ ئاياللارنىڭ قول –ھۈنەرۋەنچىلىكتە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ئايرىم –ئايرىم ھالدا 10 مىڭ يۈەندىن 30 مىڭ يۈەنگىچە مۇكاپاتلاندى.

مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى