سۇ مېيى ۋە يېمەكلىكلەر يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئىنتايىن مۇرەككەپ رېئاكسىيەگە كىرىشىپ، نۇرغۇنلىغان يېڭى خېمىيەلىك ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ.سۇ مېيى ۋە مايلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ماي كىسلاتاسى بىلەن گېلتسىرىن بولۇپ، ماي كىسلاتاسى 200 سېلتسىيە گرادۇستا رىئاكسىيەلىشىدۇ. بۇ ئىسسىقلىقتىن رېئاكسىيەلىشىش دېيىلىدۇ. تۈرلۈك ماي كىسلاتالىرى ئىسسىقلىقتىن رىئاكسىيەلەشكەندە ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل مايلارنى ھاسىل قىلىدۇ. ماي تەركىبىدىكى ئاكتىپلىقى تۆۋەنرەك تويۇنغان ماي كىسلاتاسى ئىسسىقلىقتىن رىئاكسىيەلىنىپ، ھالقىسىمان يەككە رىئاكسىيەلىك گەۋدە ھاسىل قىلىپ، زەھەرلىك ماددىغا ئايلىنىدۇ. سۇ مېيىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىدىغان يۈزى ئىسسىقلىقتىن ئوكسىدلىنىش رىئاكسىيەگە كىرىپ ئوكسىدلانغان ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ.بۇلار ئادەمنىڭ شىللىق پەردىسىنى كۈچلۈك غىدىقلايدۇ، سۇ مېيىدا قايتا-قايتا يېمەكلىك پىشۇرغاندا ئالدىنقى قېتىم يېمەكلىكنى پىشۇرغاندا پەيدا بولغان زىيانلىق ماددىلارنىڭ بىر قىسمى سۇ مېيىدا يەنە قالىدۇ. قايتا پىشۇرۇش قېتىم سانى كۆپەيگەنسىرى، سۇ مېيىدىكى زىيانلىق ماددىلار شۇنچە كۆپىيىدۇ. شۇڭا سۇ مېيىدا قايتا-قايتا يېمەكلىك پىشۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
يېمەكلىك تەركىبىدىكى سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. ماددا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلارمۇ يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا ئوكسىدلىنىپ ئۈنۈمى تۆۋەنلەيدۇ ياكى يوقىلىدۇ.يېمەكلىك ئاقسىللىرى 160 سېلتسىيە گرادۇستا پارچىلىنىپ، رېئاكسىيەلىشىپ كاربونىلامىن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ماددىلارنى ھاسىل قىلىپ، ئوزۇقلۇق قىممىتىنى يوقىتىدۇ. شۇڭا مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.
ــ ماتېرىيالدىن
مۇھەررىر : ئامانگۈل
بەدىئىي سۈرەتلەر
كۈمۈش تۈسكە كىرگەن تەڭرىتاغ
سىرلىق قىياپەتتىكى گۈزەل توغراقلىق
شىمالىي شىنجاڭنىڭ كەچ كۈزدىكى گۈزەل كارتىنىسى
كەنتكە چۈشكەن كادىرلار
كەڭ ساي كارتىنىسى
ئۈرۈمچى غەربىي چوڭ كۆۋرۈك كارتىنىسى
كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سايرام كۆلى
ئۇيقۇدىن ئويغانغان شەيتانكەرىش
3ئەل خىزمىتىدىن ئارىيە
قاراماي غەربىي چوڭ جىلغىسىنىڭ تۈگۈنچى باھاردىكى كۆركەم مەنزىرىسى
ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت بايرىمىدا ئاز سانلىق مىللەت كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى