ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مەملىكەت

جۇڭگو سوت مەھكىمىسى مۇزېيىنىڭ يېڭى مۇزېيى ئېچىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2016 - يىلى 01 - ئاينىڭ 11- كۈنى 03:19   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
 
     خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: مەملىكىتىمىزنىڭ سوت مەھكىمىلىرى تارىخىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە قەدىمىي كىتابلار ساقلانغان جۇڭگو سوت مەھكىمىسى مۇزېيى 2016-يىلى 6-يانۋەر رەسمىي ئېچىلدى.

    جۇڭگو سوت مەھكىمىسى مۇزېيىنىڭ يېڭى مۇزېيى بېيجىڭ شەھىرى شەرقىي شەھەر رايونى جېڭيى يولى 4-نومۇرغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەر ئىلگىرى سابىق ياپونىيە يوكوخاما بانكىسىنىڭ بېيجىڭدىكى شۆبە بانكىسىنىڭ ئورنى ئىكەن. مۇزېيدا ھازىر ساقلانغان قەدىمىي كىتابلاردىن 2488 ى بولۇپ، تەخمىنەن 2000 ى كۆرگەزمە قىلىنغان، بۇ كىتابلار جۇڭگونىڭ قەدىمكى قانۇنشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تازا گۈللەنگەن مەزگىللىرىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ‹‹تاڭ سۇلالىسى قانۇنلىرى ھەققىدە ئومۇمىي بايان››، ‹‹مىڭ سۇلالىسى مەمۇرىي قانۇن-تۈزۈملىرى كودېكىسى››، ‹‹چىڭ سۇلالىسى مەمۇرىي قانۇن-تۈزۈملىرى كودېكىسى››، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ قەدىمكى قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى نەتىجىلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ‹‹ناھەقچىلىقنى يۇيۇش خاتىرىسى›› قاتارلىق قىممەتلىك قەدىمىي كىتابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

    بۇنىڭدىن باشقا، كۆرگەزمە زالىغا يەنە جوۋ يۇڭكاڭ، بو شىلەي دېلوسىغا ئالاقىدار ھۆكۈمنامىلەر ۋە ياندىن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىسپاتلىرى قاتارلىقلار تىزىپ قويۇلغان بولۇپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەر بەس-بەستە كېلىپ كۆرگەن.

 


مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى