ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تارىخ ۋە تەزكىرە

ئات ئۈستىدىكى مىللەت موڭغۇللارنىڭ غەربىي يۇرتتىكى پائالىيىتى ①

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 07 - ئاينىڭ 10- كۈنى 04:09   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

     

    ئالتىنچى لېكسىيە

    مىلادىيە 13 – ئەسىردىكى موڭغۇللارنىڭ غەربكە يۈرۈشى ھەم تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب – شىمالىدىكى ھەرقايسى رايونلارنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇلۇشى، موڭغۇللارنىڭ بەش ئەسىرگە يېقىن غەربىي يۇرتنى باشقۇرۇش دەۋرىگە قەدەم قويدى. غەربىي يۇرتنىڭ قىياپىتىدىمۇ تارىخىي بۇرۇلۇش ياسىدى.

    1. موڭغۇللارنىڭ غەربىي يۇرتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى

    چىڭگىزخان قۇرغان بۈيۈك موڭغۇل دۆلىتى (موڭغۇل ئۇلۇسى)نىڭ غەربىي يۇرتتىكى جايلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش جەريانىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىككى باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ. بىرىنچى باسقۇچ، غەربىي لياۋ خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ئەمەلىي ھوقۇق يوللىغ تاشىننىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىدىن نايمان قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلىنىڭ ئوغلى كۈچلۈكنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن خانلىق سىياسىي جەھەتتىن زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ دۆلەت كۈچى بارغانسېرى ئاجىزلىدى. خانلىققا قاراشلىق بولغان ھەرقايسى مىللەتلەر ئۇنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلدى. مىلادىيە 1209 – يىلى قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەلىكىدىكى خەلق غەربىي لياۋ ئەۋەتكەن باش دورغاپنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ خالىغانچە ئەسكىلىك قىلىپ، مال – دۇنيا توپلاپ، شەھۋانىيلىققا بېرىلىشى ھەم يەرلىك خەلققە خالىغانچە زۇلۇم سېلىشىغا چىدىيالماي ئىدىقۇت بارچۇق ئارتتېكىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن دورغاپنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. مىلادىيە 1212 – يىلى ئىدىقۇت ئۆزى كىرولىن دەريا بويىدىكى موڭغۇل ئوردىسىغا بېرىپ ئۆزلۈكىدىن چىڭگىزخانغا تەۋەلىك بىلدۈردى. بۇنىڭ بىلەن تەڭلا ئالمالىق ئەتراپىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان قارلۇق قەبىلىلىرىنىڭ ئاقساقىلىمۇ ئۆز ئېلىگە باشچىلىق قىلىپ چىڭگىزخانغا تەۋەلىك بىلدۈردى. بۇنىڭ بىلەن تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى ھەرقايسى جايلار چىڭگىزخاننىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتتى. ئىككىنچى باسقۇچ 1218 – يىلى باشلانغان بولۇپ، موڭغۇل خانى چىڭگىزخان غەربىي يۇرتنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىش ئۈچۈن قوماندان جەبەنى كۈچلۈككە جازا يۈرۈش قىلىشقا ئەۋەتتى. موڭغۇل قوشۇنلىرى غەربىي لياۋنىڭ مۇداپىئەدە تۇرغان قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ كۈچلۈكنى بەدەخشان تاغلىق رايونىدا (بۈگۈنكى ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالى) ئۆلتۈرۈپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتەكلىرىدىكى قەشقەر، يەكەن، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەرنى ئارقا – ئارقىدىن ئۆز كونتروللۇقى ئاستىغا ئالدى. بۇنىڭ بىلەن غەربىي لياۋ خانلىقى مۇنقەرز بولدى. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب – شىمالىدىكى جايلارنىڭ ھەممىسى موڭغۇللارغا تەۋە بولدى. بۇنىڭ بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلانغان غەربىي يۇرتتىكى تەپرىقىچى كۈچلەرنىڭ قالايمىقان ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىلدى. بۇ خىل ۋەزىيەت يۈەن، مىڭ خاندانلىقلىرىنىڭ ھەمدە چىڭگىزخاننىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب – شىمالىغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىغا مۇستەھكەم ئاساس سالدى.

    مىلادىيە 1219 – يىلى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى خارەزىم خانلىقىنىڭ (بۈگۈنكى قازاقىستان دۆلىتى زېمىنىدىكى سىر دەرياسى بويىدىكى) چېگرادىكى ئوترار شەھىرىنىڭ ئەمرى موڭغۇل سودىگەرلىرى ۋە ئەلچىلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، چىڭگىزخان قىساس ئېلىش ئۈچۈن بۇ رايونلارغا ئەسكەر چىقاردى. بۇنىڭ بىلەن غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى جايلار موڭغۇللارنىڭ غەربكە يۈرۈشىنىڭ ئارقا سەپ بازىسىغا ئايلىنىپ، موڭغۇللارنىڭ غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىشى بىرقەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇستەھكەملەندى. (1235 – يىلى چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادلىرى قىپچاق يايلاقلىرى، رۇس ئېلىنى كونترول قىلدى. 1252 – يىلى موڭغۇللارنىڭ ئايىغى پارسلار يۇرتىغا يېتىپ باردى. بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ھەم ياۋروپانىڭ بىر قىسمى موڭغۇللارنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتتى).

    چىڭگىزخان غەربىي يۇرتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب – شىمالىدىكى ئىلگىرى بار بولغان يەر تۈزۈمىگە ماسلاشتۇرۇپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي ئەھۋالنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ھەربىي، مەمۇرىي ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئەمەلدار تەيىنلەپ، بۇ رايونلارغا بولغان باشقۇرۇشنى يولغا قويدى. بۇ ھەربىي، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ غەربىي يۇرتنىڭ كەڭ رايونلىرىغا بولغان كونكرېتنى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى بولۇپ، بۇ تارىختىن بۇيانقى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا ئىگىلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنىڭ داۋامى ۋە تەرەققىياتى ئىدى.

    موڭغۇل دۆلىتىنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا ئەڭ دەسلەپ تەسىس قىلغان ئەمەلدارى ‹‹دارۇغاچى›› بولۇپ، موڭغۇل تىلىدا ‹‹دورغاپ بېشى›› (باش نازارەتچى) دېگەن مەنىدە. بۇ موڭغۇللار ھەرقايسى جايلاردا تەيىنلىگەن ئەڭ يۇقىرى نازارەتچى ئەمەلدار ئىدى. ئۇ ‹‹نوپۇس باشقۇرۇش، باج – سېلىق يىغىش، قوشۇن يۆتكەشكە ئىمزا قويۇش››تەك چوڭ ھوقۇقلارغا ئىگە ئىدى. 1221 – يىلى، چيۇ چۈجى پەرمانغا بىنائەن ئوتتۇرا ئاسىياغا بېرىپ چىڭگىزخاننى زىيارەت قىلىش سەپىرىدە ئالمالىقتا (ھازىرقى غۇلجا) مۇسۇلمان خان ۋە موڭغۇل ‹‹دورغاپنىڭ ئىززەت – ئېكرام بىلەن كۈتۈۋېلىشىغا سازاۋەر بولغان››. ئىككى يىلدىن كېيىن موڭغۇللار بېشبالىق قاتارلىق جايلاردىكى يەرلىك ئىشلارنى باشقۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تۈردە ‹‹دارۇغاچى›› تەسىس قىلغان. 1225 – يىلى چىگىزخان شەرقتىن قايتىپ غەربكە يۈرۈش قىلغاندا يول ئۈستىدىكى جىمىسار شەھرىدە يۇلتۇزئىنال دېگەن ئۇيغۇرغا مەزكۇر رايوننىڭ دارۇغاچىلىق ھوقۇقىنى بەرگەن ھەم ئۇنىڭ ئاتىسى قاريىغاچقا شۇ يەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى مۇكاپاتلاپ، باش تەپتىشلىك مۆھۈرىنى ھەدىيە قىلغان.

    يۇقىرىقىلار موڭغۇل بۈيۈك قاغانلىقىنىڭ غەربىي يۇرتتا تەسىس قىلغان ھەربىي، مەمۇرىي ئورگانلىرى بولۇپ، بۇ ئورگانلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئېكىنچىلىق رايونلىرىنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئىدى.

    چىڭگىزخان ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا، موڭغۇللارنىڭ ئادىتى بويىچە موڭغۇللارنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارنى ‹‹ئالتۇن جەمەت››كە سۇيۇرغال قىلىپ بەردى. ئالتاي تېغى، تەڭرىتاغنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلار ئاسالىق ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي ۋە ئۈچىنچى ئوغلى ئوكتاينىڭ باشقۇرۇشىدا بولدى. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، قۇچۇ ئۇيغۇر زېمىنىنىڭ غەربىدىكى جايلاردىن ئىككى دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان كەڭرى زېمىن، يەنى ئەسلىدىكى غەربىي لياۋ خانلىقىنىڭ زېمىنلىرى چاغاتايغا بۆلۈپ بېرىلدى. ئۇنىڭ مەركىزىي ئالمالىق شەھىرىدە بولدى. بۈگۈنكى كۈنەستىن دۆربىلجىننىڭ شىمالى، ئېرىتىش دەريا ۋادىلىرى ھەم ئالتاي تېغىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئەسلىدىكى نايمان قەبىلىسىنىڭ چارۋىچىلىق رايونلىرى ئوكتايغا بۆلۈپ بېرىلدى. ئۇنىڭ سىياسىي مەركىزى ئېمىل دەريا ۋادىلىرى، قوبۇقسار قاتارلىق جايلار بولدى. چاغاتايغا بۆلۈنگەن يەرلەر كېيىنچە ئۆزگىرىپ چاغاتاي خانلىقى، ئوكتايغا بۆلۈنگەن يەرلەر كېيىنچە ئوكتاي خانلىقى بولدى. ئىككى خانلىق ئۆز زېمىنلىرىدا ھوقۇق يۈرگۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى، بىراق يەنىلا ئەسلىدىكى موڭغۇل چوڭ خانىنىڭ قارام يەرلىرى ھېسابىدا چوڭ خاننىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرەتتى. يەنى بۇ قارام يەرلەرنىڭ خانلىرىنى چوڭ خان تەيىنلەيتتى، چوڭ خان بۇ قارام يەرلەرنىڭ خانلىرىنى ۋاسسال بەگلەر دەپ قارايتتى.

    چىڭگىزخاندىن باشلانغان موڭغۇل بۈيۈك خانلىرىنىڭ غەربىي يۇرتتا يۈرگۈزگەن قوش قاتلاملىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، دەسلەپتە موڭغۇل ھۆكۈمرانلار قاتلىمىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتىش، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى بەرپا قىلىشتا ئاكتىپ رول ئوينىغانىدى، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ھەرخىل شەكىلدىكى زىددىيەتلەر ئاشكارىلىنىپ، كېيىنچە موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش – تالاشقا سەۋەب بولدى.

    2. ‹‹ئالتۇن جەمەتنىڭ›› كېيىنكى ئەۋلادلىرى

    مىلادىيە 1227 – يىلى چىڭگىزخان كېسەل بولۇپ ئۆلگەندىن كېيىن تولېي دۆلەت نازارەتچىسى بولدى. چېڭگىزخان ئۆلۈشتىن ئىلگىرى، ئوكتاينى خان ۋارىسى قىلىپ بېكىتكەنلىكتىن، 1229 – يىلى كۈزدە ئوكتاي خانلىق تەختىگە ئولتۇردى. 1241 – يىلى ئوكتاي ئۆلگەندىن كېيىن خانىش تۆرۇكىنا ۋاقىتلىق ھاكىمىيەت باشقۇردى. 1246 – يىلى ئۇ ئۆز ئوغلى كۆيۈكنى يۆلەپ، خانلىق تەختىنىڭ ۋارىسى قىلدى. چوڭ ئوغلى باتۇنويان كۆيۈك بىلەن ئازارلىشىپ قېلىپ، كېسىلىنى باھانە قىلىپ، كۆيۈكنىڭ خانلىق تەختىدە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشمىدى. كۆيۈك تەختكە چىققاندىن كېيىن، نويانلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىش مەقسىتىدە 1248 – يىلى دەم ئېلىشنى باھانە قىلىپ، ئۆزى چوڭ قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ، قاراقۇرۇمدىن يولغا چىقتى. ئەمەلىيەتتە بۇ باتۇخانغا قىلىنغان جازا يۈرۈشى ئىدى. كۆيۈكخان غەربكە يۈرۈش قىلىپ بۈگۈنكى ئۆلۈنگۈر دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا كەلگەندە كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلدى. بىر مەزگىللىك ئوردا ئىچىدىكى تالاش – تارتىشلاردىن كېيىن، 1251 – يىلى چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى تولىينىڭ ئوغلى مۆڭكە موڭغۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ خانلىق ئورنىغا چىقتى. بۇنىڭ بىلەن بۈيۈك موڭغۇل خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى ئوكتاي جەمەتىدىن تولېي جەمەتى قولىغا ئۆتتى.

    مۆڭكە خانلىق تەختىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، تۆرۇگىنا خانىشنى ئۆلتۈرۈپ كۆيۈكنىڭ ئوغۇللىرى ھەم ئوكتايخاننىڭ بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى خانلىقتىن يىراقلاشتۇرۇپ، چەت جايلارغا سۈرگۈن قىلدى. 1251 – يىلى، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى بېشبالىقتا ئۆلكە دىۋان ۋازارىتىنى تەسىس قىلىپ، مەخسۇتنى ۋازارەت باشلىقى قىلىپ تەيىنلىدى، يەنە ئۇمۇ دەرياسى ئۆلكە دىۋان ۋازارىتىنى تەسىس قىلىپ، ئارغۇننى بۇ مەھكىمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى. بۇ ئىككى مەھكىمىنىڭ قۇرۇلۇشى، موڭغۇل ئوردىسىنىڭ غەربىي يۇرتقا بولغان كونتروللۇقىنىڭ مۇستەھكەملەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. بۇ ئەينى ۋاقىتتا قۇرۇلغان ‹‹دارۇغاچى›› مەھكىمىسى تۈزۈمىدىن روشەن پەرقلەنگەن.

    1259 – يىلى، مۆڭكەخان ئۆلگەندىن كېيىن، بىر تۇغقان ئاكا – ئۇكا قۇبلاي بىلەن ئارىق بۇقا ئوتتۇرىسىدا ئۇزاققا سوزۇلغان تەخت تالىشىش كۈرىشى يۈز بەردى. ئىككىلا تەرەپ غەربىي يۇرتتىكى نويانلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە كەسكىن كۈرەش قىلدى، مەسىلەن: قۇبلاي چاغاتاي ئەۋلادىدىن بولغان ئابىشخانى غەربىي يۇرتتا خانلىق تەختىگە ئولتۇرۇشقا ئەۋەتتى. ئارق بۇقا يېنىدىكى چاغاتاي ئەۋلادىدىن بولغان ئارغۇنى غەربىي يۇرتقا ئەۋەتىپ، چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانلىق تەختىدە ئولتۇرغان مۇبارەكشاھنىڭ ئورنىغا خان قىلىپ تىكلىدى. ئابىشخا غەربىي يۇرتقا قىلغان سەپىرىدە ئارقبۇقا تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن قۇبلاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى مەغلۇپ بولدى. ئارغۇ، ئارق بۇقا ئىنئام قىلغان ۋاڭلىق سالاھىيىتى بىلەن ئالمالىققا ئوڭۇشلۇق ھالدا يېتىپ بېرىپ، 1260 – يىلى خانلىق تەختىگە ئولتۇردى. ئارغۇنىڭ غەربىي يۇرتنى كۆڭۈل قويۇپ باشقۇرۇشى بىلەن، ئۇ بۇ كەڭ زېمىننى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپلا قالماستىن، يەنە جەڭگىۋارلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان قوشۇننى قۇرۇپ چىقتى. ھەربىي كۈچىنىڭ تەدرىجىي كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئارغۇ ئارق بۇقانىڭ ئەسكەر تولۇقلاش، ھەربىي راسخوت توپلاشتەك پەرمانىغا ئوچۇق – ئاشكارا قارشى چىقىپ مۇستەقىل يەرلىك ھاكىمىيەت بولۇۋالدى. ئۇ ئارق بۇقا ئەۋەتكەن ئەلچىنى ئۆلتۈرۈپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قۇبلايغا تەۋەلىك بىلدۈردى. قۇبلاي ئارغۇنىڭ ئامۇ دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. بۇنىڭ بىلەن چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۈچى زورايدى.

    قۇبلاي بىلەن ئارق بۇقا ئوتتۇرىسىدىكى تەخت تالىشىش كۈرىشى جەريانىدا، ئوكتاينىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىدىن قايدۇ، تولېي جەمەتىنىڭ موڭغۇل خانلىقىدىكى چوڭ ھوقۇقىدىن نارازى بولۇپ ئارق بۇقا تەرەپتە تۇردى. ئارق بۇقا جەڭدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قايدۇ ئىمىل رايونىغا قايتىپ كېلىپ، داۋاملىق ئايرىمىچىلىق قىلىپ تۇردى. قۇبلاي قايدۇنىڭ بۇ خىلدىكى بۆلۈنۈپ تۇرۇشتەك ھەرىكەتلىرىگە چىدىماي، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كونترول قىلىش ئۈچۈن 1365 – يىلى ئۆزىنىڭ يېقىنى باراقنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا خانلىق مەرتىۋىسى بىلەن ئەۋەتىپ، شۇ ئارقىلىق قايدۇنى ئىسكەنجىگە ئالدى. بىراق باراق چاغاتاي خانلىقىنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى قولىغا كىرگۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا قۇبلايدىن يۈز ئۆرۈدى. چاغاتاي جەمەتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا كۈچىيىشى ئوخشاشلا قايدۇنىڭ مەزكۇر رايونىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىغا خىرىس ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئوكتاي، چاغاتاي جەمەتى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا بولدى. چاغاتاي جەمەتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا بولغان تەسىرى ئەينى ۋاقىتتا ئامۇ دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى جۇجى جەمەتىنىڭمۇ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۈچراتتى. بۇ خىل ئەھۋال قايدۇ بىلەن جۇجى جەمەتىدىكى مۆڭكە تۆمۈرنىڭ بىرلىشىپ چاغاتاي خانلىقىغا قارشى تۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي ئىككى تەرەپ سىر دەرياسى بويىدا قاتتىق سوقۇشتى، ئۇرۇشتا باراق ئېغىر چىقىم تارتىپ ئاخىر قايدۇ بىلەن سۈلھى تۈزۈشكە مەجبۇر بولدى.

    1268 – يىلى، قايدۇ ئالمالىقتىن قوشۇن تارتىپ موڭغۇل چوڭ خانى كونتروللۇقىدىكى رايونلارغا ھۇجۇم قىلدى. قۇبلاي قوشۇنىنى باشلاپ داۋاننىڭ شىمالىدىن قايدۇغا ھۇجۇم قىلىپ، قايدۇنى بېشبالىقتا مەغلۇپ قىلدى. موڭغۇل چوڭ قوشۇنى ئالمالىققا ھۇجۇم قىلىپ كەلدى، قايدۇ قارشىلىق كۆرسەتمەي دەريا بويىغا چېكىندى. كېيىنكى يىلى قايدۇ، باراق، مۆڭكەتۆمۈرلەر تالاستا قۇرۇلتاي چاقىرىپ، بىرلىكتە قۇبلايغا قارشى تۇرۇشنى قارار قىلدى ھەم ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تەسىر دائىرىسىنىڭ پاسىللىرىنى ئايرىپ چىقتى.

    يۈەن سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، غەربىي شىمالدىكى نويانلارنىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، يۈەن سۇلالىسى غەربىي يۇرتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىر قاتار ھەربىي، مەمۇرىي ئورگانلارنى تەسىس قىلدى. 1278 – يىلى ئۇيغۇرلار رايونىدا (بېشبالىق قاتارلىق جايلار) ‹‹جازا – كۆزىتىش جۇجۇقى›› تەسىس قىلىپ، يېزا ئىگىلىك سۇ ئىشلىرىنى باشقۇردى. 1280 – يىلى ‹‹ئۇيغۇرلار رايونىدا پۇل بېسىش جۇجۇقى›› تەسىس قىلىپ، يۈەن سۇلالىسىنىڭ پۇللىرىنىڭ بۇ رايوندا ئوبوروت بولۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. 1283 – يىلى بېشبالىقتا قۇرۇل تەسىس قىلىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى ھەربىي ئىشلاغا يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ دەۋردە غەربىي يۇرتتا قۇرۇلغان ھەربىي، مەمۇرىي تۈزۈملەر ئىچكىرى جايلاردىكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولدى. بۇ يۈەن سۇلالىسىنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىنى باشقۇرۇشىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

    قۇبلاي سۇڭ سۇلالىسىنى مۇنقەرز قىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئەسكىرىي كۈچىنى ئاجرىتىپ، غەربىي يۇرتتىكى نويانلارنىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتتى. قۇبلاي ئۆلۈشتىن ئىلگىرىلا يۈەن سۇلالىسى ئالتاي رايونىنى ئاساسەن كونترول قىلىپ بولغانىدى. يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز قىلغان ھۇجۇمى نەتىجىسىدە قايدۇنىڭ ھاكىمىيىتى بارغانسېرى ئاجىزلىدى. 1302 – يىلى قايدۇ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئۆلدى. بۇ ۋاقىتتا چاغاتاي خانلىق تەختىگە چىققان دۇۋا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزىگە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، كېيىنكى يىلى يۈەن سۇلالىسىگە ئەل بولدى. 1306 – يىلى، قايدۇنىڭ ئوغلى چابارمۇ يۈەن سۇلالىسىگە ئەل بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇزاق يىل داۋاملاشقان غەربىي شىمال موڭغۇل نويانلىرىنىڭ توپىلىڭى ئاخىرقى ھېسابتا تىنجىتىلىپ، يۈەن سۇلالىسىنىڭ ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن ھۆكۈمرانلىقى مۇستەھكەملەندى.

    يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، مەركىزىي خاندانلىقنىڭ باشقا بېقىندى خانلىقلارغا بولغان باشقۇرۇشىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، غەربىي شىمال نويانلىرىدىن چاغاتاي خانلىقىنىڭ كۈچى بارغانسېرى زورايدى. 1309 – يىلى ئوكتاي ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ يەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى چاغاتاي خانلىقىغا تەۋە بولۇپ، چاغاتاي خانلىقى تېخىمۇ كۈچەيدى. 1347 – يىلى، چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى قاسانخان قول ئاستىدىكى ئەمىر بارلاس جەمەتىدىن بولغان خاجارخان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن خانلىق غەرب، شەرقتىن ئىبارەت ئىككى خانلىققا پارچىلاندى. ئەمىر خاجارخان غەربىي يۇرتنى كونترول قىلدى. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى كۈچلۈك بولغان دوغلات جەمەتى ئاقسۇنى مەركەز قىلىپ، تۇغلۇق تۆمۈرنى خان قىلىپ تىكلەپ، شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنى قۇرۇپ چىقتى. ‹‹يۈەن سۇلالىسى تارىخى: شۈندى خاتىرىلىرى››دە: ‹‹غەرب نويانلىرى 200 قېتىمدىن كۆپ كۈتۈرۈلۈش قىلدى، ئۇلار قاراخوجۇغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۈزۈم ھاراقلىرىنى بۇلاپ، ئەلچى›› ۋەزىرلەرنى ئۆلتۈردى›› دېگەن خاتىرىلەر بار. بۇ خاتىرىلەر يۈەن سۇلالىسى باشقۇرۇۋاتقان قاراجوچۇنىڭ قولدىن كەتكەنلىكى، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكى ھەم يۈەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە