لەپەر ــ ئۇيغۇر مىللىي سەھنە سەنئىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. لەپەر ئۆزىنىڭ جانلىقلىقى، شوخلۇقى، كومىدىيەلىك خۇسۇسىيىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، جەلپ قىلىش، ئىنتىلدۈرۈش كۈچىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن ئالاھىدۇر.
لەپەر ــ ناخشا بىلەن ئۇسسۇلنىڭ ئالاھىدىلىكى بىرلەشتۈرۈلگەن سەھنە سەنئىتى بولۇپ، كۆپىنچە ئەر بىلەن ئايال بىر – بىرىگە كومېدىيەلىك سۆز تاشلاش، ئۇسسۇل ئويناش شەكلى بىلەن ئوينىلىدۇ. لەپەرگە ناخشا ۋە ئۇسسۇلنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى مۇجەسسەملەشكەن، ئەمما ئۇ نوقۇل ھالدىكى ناخشا بىلەن ئۇسسۇلنىڭ ئۆزى ئەمەس. ئۇسسۇلچى بەدەن ھەرىكىتى ئارقىلىق ئوبراز ياراتسا، ناخشىچى ئاۋاز سەنئىتى ئارقىلىق ئوبراز يارىتىدۇ. لەپەرھەم ئاۋاز ھەم ئۇسسۇل ھەرىكىتىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئوبراز يارىتىدىغان سەھنە سەنئىتى بولغاچقا، ئۇنىڭدا يارىتىلغان ئوبراز ناخشا ۋە ئۇسسۇلدا يارىتىلغان ئوبرازلارغا قارىغاندا مۇكەممەل، تەسىرلىك، جانلىق، كونكرېتلىققا ئىگە بولىدۇ. تاماشىبىنلارنىڭ لەپەردىن ئالىدىغان ئېستېتىك زوقىمۇ پەرقلىق بولىدۇ.
لەپەرنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئۈندۈرمىلىرى مەشرەپ ئويۇنلىرى بىلەن تومۇرداش، چۈنكى مەشرەپ ئويۇنلىرىدا ئەر – ئاياللارنىڭ كومېدىيەلىك سۆز – ھەرىكەتلىرى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاشۇ سۆز – ھەرىكەتلەرنىڭ راۋاجلىنىشى، تەرەققىي قىلىشى، ئىلمىيلىشىشى، سەنئەتلىشىشىگە ئەگىشىپ لەپەر بارلىققا كەلگەن.
لەپەر باشقا سەنئەت تۈرلىرىگە ئوخشاش پەسىيىش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈردى. لەپەر 20 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدا سەھنە سەنئىتىنىڭ ئاساسلىق تۈرى بولغان. كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە بىر مەھەل سۇسلاپ قالدى. 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە بۇ سەنئەت شەكلى يەنە سەھنىلىرىمىزدە قايتا نامايان بولدى. بۇ سەنئەت شەكلىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا خوتەن ۋىلايەتلىك يېڭى قاشتېشى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ پېشقەدەم ئارتىسلىرىدىن سۇلايمان روزى بىلەن سۇدىيە مەخمۇتنىڭ تۆھپىسى گەۋدىلىك. بۇلار ئورۇنلىغان ‹‹ئەمگەك مۇھەببىتى›› ناملىق لەپەر سەھنىدە يېرىم ئەسىرگە يېقىن ئوينالدى. چۈنكى بۇ لەپەرنىڭ ۋەقەلىكى رېئال تۇرمۇشتىن ئېلىنغان، لەپەردە يارىتىلغان نۇرىخان ئوبرازى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدىن بولۇپ، 20 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدا بېيجىڭغا بېرىپ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى يىغىنىغا قاتناشقان ھەم مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن. بۇ ئىككى ئارتىس سەھنە ھاياتىدا ئىزچىل لەپەر ئويناپ، بۇ سەنئەت تۈرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.
بۇنىڭدىن ئون يىللار ئىلگىرى ئەسقەر رېقىپ بىلەن دىلنار ئابدۇللا ‹‹سۆيگۈ›› ناملىق لەپەرنى ئورۇنلاپ، لەپەر سەنئىتىنى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. بۇ لەپەر مەيلى تېكىست ياكى ئارتىسلارنىڭ ئورۇنلاش ماھارىتى جەھەتتىن بولسۇن، مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان.
لەپەرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ كومېدىيەلىك خۇسۇسىيىتىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقىدا. لەپەرنىڭ تېكىستىگە چوڭقۇر ھېسسىيات، قويۇق كومېدىيەلىك خۇسۇسىيەت، كۈچلۈك مىللىي تۇرمۇش پۇرىقى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئارتىسلارنىڭ چاققان گۈزەل بەدەن ھەرىكىتى، شوخ، جۇشقۇن ناخشىسى ئۆزئارا گىرەلەشتۈرۈلۈپ، كومېدىيەلىك سۆز تاشلاش شەكلى ئارقىلىق ئوبراز يارىتىپ، تاماشىبىنلارغا ئېستېتىك زوق ئاتا قىلىدۇ.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش
نەپىس ئەتلەس بويۇملار
ئۇيغۇر مىللىيچە ئۆيلىرى
ئونسۇ ناھىيە جام بازىرى 1-نۆۋەتلىك «مولھۇسۇل لوڭقۇسى» دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى
كۇيتۇن قىزىلتاغ چوڭ جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
ئىراق تەخمىنەن 6 مىليون 800 مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرغا باشپاناھ بولدى
كېرىيە يېزىلىرىدا ......
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باش كىيىملىرى
كەڭساي مەنزىرىلىرى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا