ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - دىنىي ئېتقاد

ئاپتونوم رايونىمىز دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ توردا يامرىشىنى قەتئىي چەكلەيدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2013 - يىلى 11 - ئاينىڭ 18- كۈنى 03:12   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    ئىنتېرنېت تورى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى ئۆز ئارا تۇتاشتۇردى. ئىنتېرنېت تورى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب - شىمالىنىڭ چەت ياقىلىرىغا يېتىپ بارغاندا، دېڭىز - ئوكياندىن يىراق شىنجاڭلىقلار شىنجاڭنىڭ چەت - يىراقتا ئەمەسلىكىنى، بۇ دۇنياغىمۇ ھېچقانچە ناتونۇش ئەمەسلىكىنى بايقىدى. ھالبۇكى، شىنجاڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ كۈچىدە ھالقىما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان پەيتتە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تورنىڭ قولايلىق، تېز بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن مەمنۇن بولسا، بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار توردا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى ھەدەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. كىشىلەر قەلبىنى زەھەرلەيدىغان دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە مەۋھۇم تور دۇنياسىدا زەھەرلىك ئوت - چۆپتەك تېز يامراشقا باشلىدى.

    شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالى ئۆزگىچىلىككە ئىگە، توردا تارقىتىلغان ۋە تەرغىب قىلىنغان دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەر شۈبھىسىزكى، بۇزغۇنچىلىق كۈچى ئەڭ زور تور بۇلغىمىسى ھېسابلىنىدۇ. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش، قانۇنسىز دىنىي نەشر بۇيۇملىرىنى يىغىۋېلىش، تورلاردىكى قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقاتلارنى توسۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان «ئۈچ قانۇنسىز» مەسىلىسىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى ئۇزاق مۇددەت، كەڭ قانات يايدۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرنى كۈچەپ تۈگىتىش كېرەك.

    ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ج خ ئورگانلىرىدىكى تور بىخەتەرلىكى تارماقلىرى 26 - ئىيۇندىن 31 - ئاۋغۇستقىچە توردىكى يىپ ئۇچىدىن 900 نەچچىنى ئېنىقلاپ، 470 نەچچە ئادەمنى تەكشۈردى، بۇلاردىن 256 ئادەم مۇقىملىققا دائىر پىتنە - ئىغۋا تارقاتقانىدى، 139 ئادەم دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە تارقاتقانىدى؛ 94 ئادەم مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلدى، 16 ئادەم جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى، 164 ئادەمگە تەنبىھ بېرىلدى. قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار نېمە ئۈچۈن توردا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە تارقىتىشقا بەكرەك قىزىقىدۇ؟ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زىيىنى زادى قانچىلىك؟ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە تارقاتقۇچىلار قانۇننىڭ قانداق جازاسىغا تارتىلىشى كېرەك؟ مەن 22 - سېنتەبىردىن 29 - سېنتەبىرگىچە قەشقەر، خوتەن، تۇرپانلاردا نەچچە تىپىك دېلونىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدىم ھەمدە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلدىم.

    توردا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە تارقىتىش

    23 - سېنتەبىر، قەشقەر شەھەرلىك قاماقخانىغا قامالغان جىنايەت گۇماندارى ئا x پۇشايمان قىلغان ھالدا مۇنداق دېدى: مەن توردا دىنىي ئەسەبىي مەزمۇنلارنى تارقىتىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلىمەن، لېكىن ئاقىۋىتىنىڭ بۇنداق ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، مەن خاتا قىلغانلىقىمنى بىلدىم.

    ئا x قەشقەر شەھىرىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدىن بولۇپ، شۇ يەردىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى، خوتۇنى ئىككىسىنىڭ ئايلىق كىرىمى 7000 يۈەندىن ئاشقاچقا، شۇ يەردىكى ھاللىق ئائىلە ھېسابلىناتتى. 2010 - يىلى ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئا x تور بېكىتى قۇرۇشقا قىزىقىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كومپيۇتېر سېتىۋېلىپ، ئىزدىنىشكە باشلىدى. بۇ يىل ئاپرېلدا ئۇ ئۈچ تور بېكىتى قۇردى، تور بېكىتىنىڭ بىرى ئۇيغۇرچە دىنىي مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغانىدى. ئا x كۆرۈنمە چاستوتا يۇمشاق ماتېرىيالى ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەكسىيەتچىل ئىدىيەلەرنى تەھرىرلەپ كۆرۈنمە چاستوتا يۇمشاق ماتېرىيالىغا ئايلاندۇرۇپ، بۇ يۇمشاق ماتېرىياللارنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ QQ بوشلۇقىغا ھەمدە 111 QQ توپىغا يوللىدى.

    دېلو بېجىرىشكە مەسئۇل ساقچى مۇنداق دېدى: بۇ مەزمۇنلار يۇقۇملۇق كېسەلگە ئوخشاش بىر كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىتتا 10 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق تارقىتىلغان.

    ئا x ئىشلەۋاتقان مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئابدۇشۈكۈر ھاجى مۇنداق دېدى: بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى ھەيران قالدۇق، ئا x نىڭ بۇنداق ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدۇق.

    ئىگىلىشىمچە، ئا x ئىلگىرى مەكتەپتە مالىيە تۈزۈملىرىگە بويسۇنمىغانلىقى سەۋەبلىك، قەشقەر شەھەرلىك مائارىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغانىكەن. دېلوغا مەسئۇل ساقچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خاتالىقى ۋە ئۇچرىغان جازاسىغا توغرا مۇئامىلە قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك، ئا x تە جەمئىيەتتىن نارازى بولۇش كەيپىياتى شەكىللەنگەن، شۇڭا ئۇ توردا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى قوبۇل قىلغان ھەم تارقاتقان.

    قەشقەر شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ساقچىسى مەخمۇت مەمەت مۇنداق دېدى: ئا x تەييارلىغان ئەكسىيەتچىل مەزمۇندىكى كۆرۈنمە چاستوتىنىڭ توردىكى چېكىلىشى 1500 ئادەم (قېتىم) گە يەتكەن، QQ توپىدا 11 مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن ئارتۇق چېكىلگەن، ساقچىلار يىپ ئۇچىنى بايقىغاندىن كېيىن دەرھال تەكشۈردى. 20 - ماي ئا x دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى. نۆۋەتتە بۇ دېلو ئەيىبلەش باسقۇچىغا كىردى.

    مەن 25 - سېنتەبىر لوپ ناھىيەلىك قاماقخانىدا 20 ياشلىق جىنايەت گۇماندارى ئا x بىلەن كۆرۈشتۈم، ئا x پۇشايمان قىلغان ھالدا مۇنداق دېدى: مەن توردىن ئۇنچىۋالا كۆپ ئېلكىتابنى چۈشۈرمىسەم، ئۇ كىتابلارنى مەسئۇلىيەتسىزلەرچە توردا تارقاتمىسام، باشقىلارغا بۇنى كۆرسەتمىسەم بوپتىكەن.

    ئا x خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئىسلامئاۋات يېزىسىدىن بولۇپ، ئاتا - ئانىسى ياشىنىپ قالغان، ئاكىسى مېيىپ بولغاچقا، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى ئەمەس ئىدى. 2011 - يىلى ئا x بىر غوجايىنغا ئەگىشىپ، گۇاڭجۇغا بېرىپ كاۋاپچىلىق قىلدى. بۇ ئاۋات شەھەردە ئۇنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشى موللاشتى. سەككىز ئايدا 13 مىڭ يۈەن تېپىپ، ئۆي سالغاندا باشقىلاردىن ئالغان قەرزنى قايتۇرۇپلا قالماستىن، 500 يۈەنگە بىر يانفون سېتىۋېلىپ تورغا چىقىشنى ئۆگىنىشكە باشلىدى.

    __ ئايلىق تېلېفون ھەققىم 100 يۈەندىن ئاشاتتى، ھەر ئايدا 800 مېگا سىغىم تور ئېقىمى ئىشلىتەتتىم، توردا ئاساسەن مۇنازىرە كۆرەتتىم، __ دېدى ئۇ .

    دېلو بېجىرگەن ساقچى مۇنداق دېدى: ئا x بۇلتۇرنىڭ ئاخىرى گۇاڭجۇدا كاۋاپ سېتىۋاتقان مەزگىلدە، قوشنا دۇكاندىكى سىمسىز تور ئارقىلىق بىر تور بېكىتىگە كىرىپ، باشقىلار يوللىغان ئۇلىنىشنى كۆرۈپ، سىغىمى 2G كېلىدىغان قانۇنسىز ئېلكىتاپنى ئۆزىنىڭ «بەيدۇ» دىكى بوشلۇقىغا چۈشۈرگەن. ئۇ بىر تور بېكىتىگە ئۆزىنىڭ تور ئادرېسىنى يېزىپ: «مەن يېقىندا ئىسلامغا ئائىت ئېلكىتابنى چۈشۈردۈم، كۆپچىلىك كۆرۈپ باقسا بولىدۇ» دەپ سۆز قالدۇرغان.

    بۇ يىل مايدا بىرەيلەن ئا x يوللىغان ئۇلىنىشنى كۆرگەن ھەمدە سۆز قالدۇرغان. ئا x بۇنى كۆرگەندىن كېيىن 535 پارچە ھۆججەتنى تورغا يوللىغان، بۇنىڭ 529 ى كىتاب بولۇپ، كىتابتا تارقىتىش، ئوقۇش چەكلەنگەن مەزمۇنلار بار ئىدى.

    خوتەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىدىن دېلو بېجىرگەن ساقچى مۇنداق دېدى: بۇ ھۆججەتلەرنىڭ تارقىلىشى بەك تېز، 6 - مايدىن 18 - ئىيۇلغىچە كۆرۈلۈش سانى 32 مىڭ 971 قېتىمغا، ساقلاش قېتىم سانى 607 گە يەتكەن ۋە چۈشۈرۈش قېتىم سانى 15 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

    ئا x دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلدى، نۆۋەتتە قولغا ئېلىشنى تەستىقلاشقا سۇنۇلدى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن پەنلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى شۈ چۈن مۇنداق قارىدى: بۇ ئىككى دېلو، بولۇپمۇ قەشقەردە يۈز بەرگەن دېلو سۇبيېكتىپ جەھەتتىن مەقسىتى ئېنىق، ئەھۋالى ئېغىر، توردا تارقاتقان مەزمۇنلار دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە چېتىلىدۇ، كۆرۈش، تارقىلىش، توردىن چۈشۈرۈش مىقدارى بىرقەدەر كۆپ بولغاچقا، دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى، دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ. ئالاقىدار قانۇنلارغا ئاساسلانغاندا، جىنايەت گۇماندارلىرى ئادەتتە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق

    جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا يۇقىرى بولغاندا مۇددەتلىك 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

    قىزىقىپ بىلىپ بىلمەي قانۇنسىز ئۇچۇر تارقاتقانلارمۇ جاۋابكارلىقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ

    بۇ يىل 11 - ئىيۇلدىن بۇيان، توردىكى ئىسمى «S» بولغان بىرەيلەن «بەيدۇ» تورى بوشلۇقىدا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قۇترىتىش قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىشلىق زور مىقداردىكى ئۈن - سىن ھۆججەتلىرىنى تارقاتقان، دېلو پاش بولغۇچە بۇ ھۆججەتلەرنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى 5100 دىن ئېشىپ كەتكەن، 238 قېتىم قاچىلانغان، 1201 قېتىم چۈشۈرۈلگەن.

    ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، «S» ئىسىملىك تورداشنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنىڭ ئى x، پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى مەلۇم ئوتتۇا مەكتەپنىڭ تولۇق 3 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى. جىنايەت گۇماندارى قۇرامىغا يەتمىگەن، قانۇن ئېڭى تۆۋەن، دۇنيا قارىشى تولۇق شەكىللەنمىگەن بولمىغاچقا، پەيزاۋات ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ئۇنىڭغا ئامانلىق ئىشلىرى بويىچە 10 كۈن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىپ، ئىجرا قىلماسلىق، ۋەسىيىسىنى ئۇنى قاتتىق باشقۇرۇشقا بۇيرۇش قارارى چىقاردى.

    ئى x كومپيۇتېرغا ئىنتايىن ئامراقلىقى، ئادەتتە ۋاقتى چىقسىلا دوستىنىڭ دادىسى ئاچقان كومپيۇتېر رېمونتخانىسىغا بېرىپ تورغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ يىل ئىيۇندا تورغا چىقىپ دىنغا ئالاقىدار ئېلكىتابلارنى توپلىغان، ئۇ يەنە باشقا تورداشلارنىڭ «بەيدۇ» تورى بوشلۇقىغا چىقىرىپ قويغان دىنغا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى كومپيۇتېر قاتتىق دىسكىسىغا چۈشۈرۈپ ساقلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە «بەيدۇ» بوشلۇقىغا تارقاتقان، ئۇ تور دىسكىسىدا ساقلىغان 100 سىغىملىق ھۆججەتنىڭ كۆپىنچىسى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە تەرغىب قىلىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قۇترىتىش قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئىكەن.

    دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئى x ساقچىلارغا مۇنداق دېدى: توردا دىنغا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى تارقىتىشتا باشقا غەرىزىم يوق، پەقەت ئۆزۈم ۋە ئەتراپتىكى دوستلىرىمنىڭ دىنىي ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنىلا مەقسەت قىلغانىدىم، توردىن چۈشۈرگەن ۋە تارتقان ھۆججەتلەرنىڭ بېشىنىلا ئوقۇدۇم، شۇڭا ئۇنىڭ ئىچىدە ئەكسىيەتچىل مەزمۇنلارنىڭ بارلىقىنى بىلمەپتىمەن.

    پىچان ناھىيەسىنىڭ لۈكچۈن بازىرىدا يۈز بەرگەن «26 - ئىيۇن» زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئە x ئىشنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن بىخەۋەر ھالدا ئىغۋا تارقىتىپ، توردا ئۇچۇر ئېلان قىلغان. مەن ئە x بىلەن ئۇچراشقاندا ، ئۇ ئون كۈن تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن كەنتكە قايتىپ نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانىدى.

    دېلو بېجىرگۈچى ساقچى ماڭا ئە x نىڭ 2010 - يىلى ئىيۇلدا، باشقىلارنىڭ مال - مۈلكىنى ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك بىر يىل يەتتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ ئىغۋا تارقىتىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى توغرىسىدا سۆزلىگەندە، ئە x يۈزى قىزارغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئۇ ۋاقىتتا مەن توردا تارقاتقان مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى باشقىلاردىن ئاڭلىغان، ئۆلگەن، يارىلانغانلار سانىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈم ئويدۇرۇپ چىقارغانىدىم، ئۇ چاغدا بۇ ئىشلارنى كۆپچىلىككە ئېيتىشقا بەك قىزىقتىم، يالغان سۆزلەرنى تارقىتىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن، ھازىر قىلمىشىمغا پۇشايمان قىلدىم، بۇنىڭدىن كېيىن ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىپ ئاندىن گەپ قىلىمەن.

    خوتەن شەھىرىدىكى ئا x نىڭ توردىن پايدىلىنىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تارقىتىش دېلوسىدا، گۇماندار ئۆزى تارقاتقان ئېلكېتابتا قانۇنسىز مەزمۇنلارنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىغانلىقى، بۇنىڭ جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۈ چۈن گۇماندارلارنىڭ «بىلمەسلىكى» ۋە «قىزىقىشى» ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ سوبيېكتىپ جەھەتتىكى جىنايەت ۋە جىنايەت ئەمەس مەسىلىسى بولۇشتىن سىرت، يەنە بۇ جىنايەت ياكى ئۇ جىنايەت مەسىلىسى. قىلمىشچى قۇرامىغا يەتمىگەن، پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ، سۇبيېكتىپ مەقسىتى ئۆزىنىڭ ۋە دوستلىرىنىڭ دىنىي ئېڭىنى ئۆستۈرۈشلا بولسا ئامانلىق ئىشلىرى بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئەگەر سۇبيىكتىپ مەقسىتى دۆلەتنى پارچىلاش بولسا، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى شەكىللەنگەن بولىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەر دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇترىتىش جىنايىتى سادىر قىلغان بولسا، دۆلەتنىڭ «تەربىيەنى ئاساس قىلىش»، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش پىرىنسىپى بويىچە، جازا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، لېكىن بۇ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتە قىلماسلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ.

    شۈ چۈن يەنە مۇنداق دېدى: ئەمەلىي تۇرمۇشتا، قسىمەن جىنايەت گۇماندارلىرى دائىم ئۆزىنىڭ قانۇن - بەلگىلىمىلەرنى بىلمەيدىغانلىقى، قىلمىشىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ھەم مۇشۇ سەۋەبلىك قىلمىشىدىن جىنايەت شەكىللەنمەيدۇ ياكى جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ، دەپ قارىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، بۇ خىل قاراش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. چۈنكى، جۇڭگودىلا ئەمەس، دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەت مۇنداق بىر قائىدىنى ئورتاق ئېتىراپ قىلغان، يەنى بىر قانۇن ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلسا، بۇ شۇ دۆلەتتىكى پۇقرالارغا نىسبەتەن كۈچكە ئىگە بولىدۇ، مەيلى سىز قانۇننى بىلىڭ ياكى بىلمەڭ، چۈشىنىڭ ياكى چۈشەنمەڭ، ھەر بىر پۇقرا بۇنىڭغا چوقۇم بويسۇنۇشى شەرت، ھەرگىزمۇ قانۇننى بىلمىسە جىنايەت شەكىللەندۈرمەيدۇ، ھەرقانداق جازادىن قۇتۇلۇپ قالغىلى بولىدۇ، دەپ قارىماسلىق كېرەك.

    توردىكى جىنايەتچىلەرنى كۆپ خىل تەدبىرلەر بىلەن توسۇش كېرەك

    بۇ يىل 25 - ئىيۇلدىن ھازىرغىچە، تورداش «سىراجىدىن» «بەيدۇ» تورى بوشلۇقىدا چېگرا سىرتىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى تارقاتقان ئۈن - سىن كۆرۈنمە چاستوتىسى ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە تەرغىب قىلىنغان ئاۋازلىق چاستوتا، دىنىي كىتاب قاتارلىق ھۆججەتلەردىن مىڭغا يېقىننى تارقاتقان، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرى ئورتاق بەھرىلىنىش مەزمۇنىدا بولۇپ، 16 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق چۈشۈرۈلگەن، 800 قېتىمدىن ئارتۇق ساقلانغان، 12 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلگەن.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى 2012 - يىلى نويابىردا چېگرا سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ مەلۇم مەسئۇلىنىڭ چېگرا ئىچىدىكى ئەزاسى بىلەن بىرلىشىپ، مىكرو بىلوگىدىكى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە تەرغىب قىلىنغان 57 ئاۋازلىق چاستوتا ۋە ئېلكىتابنى «بەيدۇ» تورى دىسكىسىدىن پايدىلىنىپ قۇرغان ئىككى تور ئىسمى ئارقىلىق تارقىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى تورداشلارنى قەرەلسىز تەمىنلىگەنلىكىنى بايقىغان. بۇلار بۇ يىل 3 - مايغىچە 300 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلگەن، 150 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق چۈشۈرۈلگەن، 10 مىڭ قېتىمغا يېقىن ساقلانغان.

    ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئۈچ يىلدا پاش قىلىنغان توردا قۇرئان ئۆگىتىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەشكىللەش، پىلانلاش دېلولىرىدىن قارىغاندا، توردىن پايدىلىنىپ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە تارقىتىش قىلمىشى كۆپ يۈز بېرىش، كۆپ خىللىشىش، يوشۇرۇن بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. توردىكى قانۇنسىز ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش ۋە تىزگىنلەش، توردىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە يۈكسەك ھوشيار بولۇش جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى. شۇڭا چوقۇم باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخنىكا، قانۇن، مەمۇرىيەت ۋە جەمئىيەت نازارەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، ئىنتېرنېت تورىغا بولغان نازارەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. توردا ھەقىقىي ئىسىمنى قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تور بېكىتى قۇرۇش ۋە رويخەتكە ئالدۇرۇشنى باشقۇرۇش ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تورنى مەنبەسىدىن باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. توردىكى دىنىي ھەرىكەتلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تارقىلىشىنى توسۇش كېرەك. نۆۋەتتىكى توردىكى دىنىي ھەرىكەتلەرنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ئېنىق بولماسلىق، مۇناسىۋەتلىك سىياسەت، قانۇن – تۈزۈملەر كەمچىل بولۇش ۋە باشقۇرۇشسىز قېلىش قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋاللارغا قارىتا، توردىكى دىنىي ھەرىكەتلەرنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، توردىكى دىنىي سورۇنلارنى دىن باشقۇرۇش كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈپ، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىش كېرەك.توردىكى دىنىي ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ۋە زەربە بېرىشنى قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

    خوتەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى جى يىڭمىن مۇنداق دېدى: بىر قانچە پارچە كىتاب بولسىمۇ، ئۇ تورغا چىقىرىلغاندىن كېيىنلا ئۇنى كۆرىدىغان ئادەم كۆپىيىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ خەتىرى ئەمەلىي دېلو سادىر قىلىش ئەھۋالىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ. قانۇنسىز قارىيخانىدا پەقەت بىر قانچە ياكى ئون نەچچە ئادەمگە دىن تەرغىب قىلىنىدۇ، لېكىن توردا بۇنىڭ تارقىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، بۇنى نۇرغۇن ئادەم كۆرىدۇ، شۇڭا خەتىرى پەۋقۇلئاددە زور بولىدۇ.

    مەن زىيارەت جەريانىدا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە تارقاتقان گۇماندارلار ئىچىدە ئاق – قارىنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى تۆۋەن ياشلار – ئۆسمۈرلەردىن سىرت، چېكىلىش قېتىم سانىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلغانلار، ئىلگىرى جىنايەت سادىر قىلغانلار ياكى ئىش ئورنى، جەمئىيەت ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەردىن نارازى بولۇپ قالايمىقانچىلىق چىقىرىش مەقسىتىدە قانۇنسىز مەزمۇنلارنى تارقىتىپ، تور مۇھىتىنى بۇلغىغانلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئىگىلىدىم.

    دېلو بېجىرگەن ساقچىلار مۇنداق دېيىشتى: توردا تارقالغان دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى يوقىتىش ج خ تارماقلىرى بىلەن پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقىغا موھتاج، توردىكى قانۇنسىز مەزمۇنلارنىڭ چىرىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەكتەپ، ئاتا – ئانىلار، تورخانا، تور سودىگەرلىرى، يانفون سودىگەرلىرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە كىشىلەر بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، تور جىنايىتى بىلەن ئورتاق كۈرەش قىلىشى كېرەك.

    شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ لېكتورى ئەركىن سامساق مۇنداق دېدى: مەن ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرىگە دائىم چىقىپ تۇرىمەن، بۇ جەرياندا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە تەرغىب قىلىنغان كۆپلىگەن مەزمۇنلارنى كۆردىم، بۇ مەزمۇنلارنىڭ دىنىي پۇرىقى كۈچلۈك بولۇپلا قالماي، يەنە تارىخىي ۋەقە ۋە شەخسلەرگە خاتا باھا بېرىلگەن ھەمدە زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئاشكارا قۇتراتقۇلۇق قىلىنغان. توردا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرنى تارقىتىش قىلمىشىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپلا قالماي، مۇتەخەسسىسلەر، دىنىي زاتلارنى توردا ئىجتىمائىي قىممىتى بار مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشقا تەشكىللەش، تورداشلارنى سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق، كۆپچىلىكنىڭ جەمئىيەتكە زىت بولغان مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، كەڭ تورداشلارنى ئىشنىڭ ماھىيىتىنى توغرا تونۇپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا يېتەكلەش كېرەك.

    ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەر دۆلىتىمىزدىكى ئىككىنچى چوڭ تىلدىكى تور بېكەتلەر ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، «قوش تىل»، يېمەك – ئىچمەك، ئەدەبىيات، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلار بىلەن بېيىتىپ ھەم تولۇقلاپ، ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ تور تۇرمۇشىنى موللاشتۇرۇش كېرەك. قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسىنى بوش قالدۇرماسلىق، توردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش بىلەن بىللە قايسى جەھەتتىكى خىزمەتلەرنىڭ ياخشى ئىشلەنمىگەنلىكى، قانداق مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقى ھەققىدە ياخشى ئويلىنىشىمىز لازىم. نۆۋەتتە ياشلار – ئۆسمۈرلەر، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ياشلار – ئۆسمۈرلىرىگە قارىتىلغان قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش تور بېكىتى ئىنتايىن ئاز، قىسمەن جايلاردا بۇ ھەقتە چوڭ بوشلۇق بار، ياشلار – ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان ساغلام تور بېكەتلىرىنى كۆپلەپ قۇرۇپ، ئۇلارنى ساغلام مەدەنىي تورغا چىقىشقا يېتەكلەپ، قانۇن ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. قانۇن ساۋاتىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى جەريانىدا، قانۇن ساۋاتلىرىنى چۈشىنىشلىك چۈشەندۈرۈپ، بالىلارنى ھەقىقىي جەلپ قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش لازىم.

    شۈ چۈن مۇنداق دېدى: ئالاقىدار قانۇن - نىزاملار تەشۋىقاتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى توردا قانۇنغا خىلاپ دېلولارنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. ئالاقىدار تارماقلار توردا تارقىلىپ يۈرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دۆلەتنى پارچىلاش ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە ئالاقىدار مەزمۇنلارغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار قانۇن تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەگە، بولۇپمۇ تونۇشى مۈجمەل قىسمەن كىشىلەرگە توردا ئىغۋا تارقىتىش، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە تەرغىب قىلىنغان مەزمۇنلارنى كۆرۈش، تارقىتىش قىلمىشلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكى، جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇتۇش كېرەك، شۇندىلا بۇ خىل مەزمۇنلارنىڭ توردا تارقىلىپ يۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە