ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئادەت ۋە يوسۇن

قۇربان ھېيت ھەققىدە

يوللانغان ۋاقىت : 2013 - يىلى 10 - ئاينىڭ 20- كۈنى 05:14   |    ئاپتور :   |   مەنبە :  خەلق تورى

                                                قۇربان ھېيت ھەققىدە (1)

   قۇربان ھېيت ئۇيغۇر ، قازاق ، خۇيزۇ ، قىرغىز ، تاجىك ، ئۆزبېك ، تاتار ، دۇڭشياڭ ، سالا ، باۋئەن قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەڭ تەنتەنىلىك ھېيىتى . قۇربان ئەرەب تىلىدىن ئېلىنغان سۆز بولۇپ، « قۇربانلىق قىلىش›› مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ . قۇربان ھېيت بىلەن روزى ھېيت ئىسلام دىنىنىڭ ئىككى چوڭ ھېيىتى ھېسابلىنىدۇ . ئىسلام كالېندارى بويىچە ھەر يىلى 12–ئاينىڭ 10–كۈنى قۇربان ھېيت بولىدۇ. ئىسلام شەرىئىتىدە ئىسلام كالېندارى بويىچە ھەر يىلى 12– ئاينىڭ باشلىرى دىن مۇخلىسلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دىنىي پەرىزىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن مەككە مۇھەررەمگە بېرىپ تاۋاپ قىلىش ۋاقتى قىلىپ بەلگىلەنگەن . ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ( يەنى 12–ئاينىڭ 10–كۈنى ) قوي ، كالا سويۇلۇپ ، ھېيت تەبرىكلىنىدۇ . بۇ دەل روزىھېيتتىن كېيىنكى 70– كۈنگە توغرا كېلىدۇ . قۇربان ھېيتتا مال سويۇپ ، قۇربانلىق قىلىش ئەسلىي ئەرەبلەرنىڭ ئادىتى ئىدى . رىۋايەت قىلىنىشىچە ، بىر كۈنى پەيغەمبەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىگە ئاللاھتائالاھ زاھىر بوپتۇ ، ئاللاھ ئۇنىڭغا مىلاد تېغى جىلغىسىغا بېرىپ ، ئوغلى ئىسمايىلنى ئۆز قولى بىلەن ئولتۈرۈپ ، ئاللاھ يولىدا قۇربانلىق قىلىشنى بۇيرۇپتۇ .ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇپ ، ئارزۇلۇق ئوغلىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا ، ئاللاھ پەرىشتىلەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا بىر كۆك قوچقارنى ئەۋەتىپ ، ئاللاھ سېنىڭ ئاللاھغا بولغان ساداقىتىڭنى مەقبۇل كۆردى ، ئەمدى كۆك قوچقارنى ئۇنىڭ ئورنىغا قۇربانلىق قىلغىن ، دەپتۇ . مۇشۇ رىۋايەتكە ئاساسەن ، ئەرەبلەر ئارىسىدا ھەر يىلى مال سويۇپ قۇربانلىق قىلىدىغان ئادەت بارلىققا كەلگەن . كېيىنچە ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ھېيتىغا ئايلانغان .

                                                      قۇربان ھېيت ھەققىدە (2)

  ئىسلام دىنى كالېندارى بىلەن ھازىرقى مىلادىيە كالېندارى ئوتتۇرىسىدا 11 كۈنگە يېقىن پەرق بار . شۇنىڭ ئۈچۈن ، مىلادىيە كالېندارىدىكى ھەر يىلقى قۇربان ھېيتنىڭ ۋاقتى مۇقىم ئەمەس . ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە ، ھېيىتتىن ئىلگىرى ھەممە ئائىلىلەر ئۆيئىچى ، ھويلا –ئاراملىرىنى پاك – پاكىز قىلىپ تازىلاپ ، يېڭىلاپ چىقىدۇ ھەم ھېيتلىق ئىگىن تەييارلايدۇ . ئاياللار ساڭزا سېلىپ ، ياغلىق توقاچ – نانلارنى يېقىپ ، تۈرلۈك تاتلىق –تۈرۈملەرنى پىشۇرىدۇ ، ھەر خىل پېچىنە – كەمپۈت ، مېۋە –چېۋە دېگەندەك يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ ، ھېيتقا ئوبدان تەييارلىق قىلىدۇ . ھېيت كۈنى ئەتىگەندە ، ئىخلاسمەن ئىسلام مۇخلىسىلىرى يۇيۇنۇپ ، ئىگىن يەڭگۈشلەپ ، مەسچىتكە بېرىپھېيت نامىزى ئۆتەيدۇ . ئاندىن تۇپراق بېشىغا چىقىپ ، ۋاپات بولغانلارنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلايدۇ ،ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قوي سويۇپ ، گۆش پىشۇرۇشقا باشلايدۇ . يەنە بەزىلەر كالا ، تۆگە سۆيىدۇ . قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىنى سېتىشقا بولمايدۇ . بەلگىلىمە بويىچە قوينىڭ تېرە– ئۈچەيلىرىنى مەسچىتكە بەرگەندىن باشقا ، گۆشى مېھمانلارنىڭ ئالدىغا قويىلىدۇ ۋە ئۇرۇق - تۇغقان ، دوست –يارەنلەرگە بېرىلىدۇ.

    ھېيت مەزگىلىدە ھەممە ئۆينىڭ داستىخىنىغا ئوبدان پىشۇرۇلغان بىر تاۋاق گۆش بىلەن چىرايلىق تىزىلغان ساڭزا ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا بولسا يېمىش تەخسىلىرىگە ۋە چىرايلىق ۋازىلارغا قاچىلانغان تۈرلۈك پېچىنە – پىرەنىك ، تاتلىق يېمەكلىكلەر ، كەمپۈت ۋە مېۋە– چېۋىلەر تىزىپ قويۇلغان بولىدۇ . ھېيىت كۈنلىرى كشىلەر ئەڭ چىرايلىق ئىگىنلەرنى كىيىپ ، ئەڭ ئېسىل بېزەكلىرىنى تاقاپ ، ئۆزئارا مۇبارەكلىشىدۇ ، پەتىلىشىىدۇ ،ھېيتلاپ كەلگەنلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ . بۇرۇن ئارازلىشىپ قالغانلارمۇ ھېيتتا يۈز كۆرۈشكەندە چىرايلىق ھال– ئەھۋال سورىشىدۇ ، نۇرغۇن ئادەملەر ئۇ كۈندىن باشلاپ ، بۇرۇىقى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ ، قايتا ياخشى ، خوپ بولۇشۇپ قالىدۇ،ھېيت كۈنلىرى يەنە تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ . بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەن كىشلەر شادلىنىپ ، كۈلۈشۈپ ، ناخشا ئېيتىشىپ ، ئۇسۇل ئوينىشىپ ، پۈتكۈل ئايەم كۈنلىرىگە ئاجايىپ تەنتەنىلىك ، قىزغىن تۈس كىرگۈزىدۇ . دۆلەتنىڭ بەلگلىمسىگە ئاساسەن ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر مىللەت ئاممىسى قۇربان ھېيتتا ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ .

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە