خۇش مۇبارەك غازىكا
− ئاتاقلىق رەسسام غازى ئەھمەدنىڭ سەكسەن يېشىغا قۇتلۇقنامە
جاپپار رەھىم روھلانى
خۇش مۇبارەك غازىكا سەكسەن داۋاندىن ئاشتىڭىز،
تۇغما سەنئەت ئەجرىدىن ئەلگە گۈلىستان ئاچتىڭىز.
شۇ گۈلىستانلار ئارا «غېرىب - سەنەم» قۇچتى ۋىسال،
ئۇنى ئىشقى چاقنىغان دىل خانىڭىزدىن تاپتىڭىز.
موي قەلەمدە سوت ئېچىپ «مەھكىمە شەرئىي» ئالدىدا،
پارىخور شۇم قازىغا ھەجۋىي سىنارەت ئاتتىڭىز.
بۇندا ھەر بىر پېرسوناژ مۇڭ-زار، غەزەپلەر ئىلكىدە،
سىزمۇ ھەم بىئىختىيار شۇ ھالدا مۇڭغا پاتتىڭىز.
شەرھلەپ ھەر تىپنى مەن ئەخبارى سۆزنى نەقىلاي،
شۇنچە ئادەم چېھرىگە كىملىك مۆھۈرىن باستىڭىز.
سىزدىڭىز «دارۋاز»، «مۇقامچى»، «بەزمە»، «مەشرەپ» ئەھلىنى،
ھەمدە «دېھقان ھەيكىلى»دىن ئەل دىلىغا ياقتىڭىز.
ياقتىڭىزكى زىلچىلەردە سىزمىڭىز ئەيلەپ جۇلا،
بارچە ئەلنىڭ يۈرىكىدە شوخ بۇلاقتەك ئاقتىڭىز.
سىزگە جور - شاھىت ئىدىم مەشھۇر «مۇقام» مەشغۇلىدا،
ھەر كېچە بىدار تۇرۇپ، ئۇيقۇنى چەتكە قاقتىڭىز.
قاينىغان سانجاق بازاردا سىزدىڭىز تېز سىزمىلار،
گاھ «مۇقام»غا ئېھتىياج ئوبراز - سىماھلار تارتتىڭىز.
گاھ قوشۇم قاش، گاھى چوڭ كۆز، گاھ ساقاللىقلار بىلەن
سىردىشىشتىن ئۆزىڭىزگە بىر ۋەزىپە ئارتتىڭىز.
قاراقاش دىيارىدا مەشھۇر ئەسەر پۈتتى ئاخىر،
پۈتكىنىدە شۇ «مۇقام» شادلىقتا قايناپ تاشتىڭىز.
تىلچى مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپكە خۇشرۇي بەخش ئېتىپ،
ھەزرىتى نەۋايىغا شاھانە زەر تون ياپتىڭىز.
يازغۇچى، شائىر ئىكەنسىز كەنجىرەك بىلدىم شۇنى،
چىن كىتاب، شىرىن غەزەللەر بىرلە دىلنى تارتتىڭىز.
سىزنى بايقاپ قۇتلىدى «تۇلپار» مۇكاپات مۇنبىرى،
بۇ قەلەمكەشلىكتىمۇ تۇلپار سۈپەتتە چاپتىڭىز.
شېئىرۇ رەسىمدە تاگور، قىسسىدە بابۇر دېسەم،
قوغلىغاي رەسسام داۋىنچى بۇ شەرەپتىن قاچسىڭىز.
بار تېخى بۇ ئەل تۈگۈل خەلقئارادا نامىڭىز،
سەنئىتىمنىڭ شۆھرىتىنى نەچچە ئەلگە چاتتىڭىز.
سىزكى ئۇيغۇرنىڭ ئاتالغان تۇنجى رەسسام ئاتىسى،
ھەق بۇ سۆز، ئەللامىلىقتىن نۇرى چاقماق چاقتىڭىز.
كۆپ ياشاڭ ئەي غازىكا، ئۆمرىڭىز بولغاي ئۇزاق،
ھەر قەدەم، ھەر پەللىدە زەپەر گۈلىنى تاقتىڭىز!
مۇھەررىر : ئەكبەر ئابلىكىم
مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش
نەپىس ئەتلەس بويۇملار
ئۇيغۇر مىللىيچە ئۆيلىرى
ئونسۇ ناھىيە جام بازىرى 1-نۆۋەتلىك «مولھۇسۇل لوڭقۇسى» دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى
كۇيتۇن قىزىلتاغ چوڭ جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
ئىراق تەخمىنەن 6 مىليون 800 مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرغا باشپاناھ بولدى
كېرىيە يېزىلىرىدا ......
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باش كىيىملىرى
كەڭساي مەنزىرىلىرى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا