ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - دىنىي ئېتقاد

شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ھەرخىل دىن ئورتاق مەۋجۇت بولغان رايون

يوللانغان ۋاقىت : 2013 - يىلى 07 - ئاينىڭ 04- كۈنى 08:16   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

    كۆپ قېتىملىق كۆچۈش جەريانىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى تەدرىجىي ھالدا توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، قىرغىز، موڭغۇل، تاجىك، شىبە، مانجۇ، ئۆزبېك، روس، داغۇر، تاتار قاتارلىق 13 يەرلىك مىللەت بار، جۇڭگودىكى بەش ئاز سانلىق مىللەت ئاپتونوم رايونىنىڭ بىرى بولۇپ، مىللەت تەركىبى 55 كە يەتكەن، خەنزۇتىلى، ئۇيغۇر تىلى، قازاق تىلى، قىرغىزتىلى، تاجىك تىلى، روس تىلى، شىبە تىلى قاتارلىق تىللار ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ دىنىي تۈس قويۇق بولغان جاي، مىلادىيە 10 _ ئەسىردە ئىسلام دىنى شىنجاڭغا كىرگەن، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى كۆپ خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى بۇددا دىنى بولۇپ، ھازىرمۇ ئاز بولمىغان كىشىلەر ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى، داۋجياۋ دىنى، خىرىستىئان دىنى، كاتولىك دىنى، شامان دىنى قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ.كۆپ خىل دىن ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ، ئوخشىمايدىغان دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشلەرنىڭ سانىمۇ ئوخشاش ئەمەس، ھەم دىنغا ئىشىنىش ۋە ئىشەنمەسلىك ئەركىنلىكىمۇ بار. ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ، قىرغىز، تاجىك، تاتار قاتارلىق مىللەتلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. مۇسۇلمان ئاممىسى كۆپ بولغاچقا، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەسجىدلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. قەشقەر ھېيتگاھ جامىئەسى ئەڭ داڭلىق بولۇپ، ھەر قېتىملىق مۇھىم ھېيىت _ بايراملاردا جامىئە ئالدىدىكى مەيدانغا نەچچە يۈزمىڭلىغان كىشىلەر توپلىشىپ بىرلىكتە تەنتەنە قىلىشىدۇ. شىنجاڭدا ھەرقايسى مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ ئاز _ كۆپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سىياسىي جەھەتتە بىردەك باراۋەر ھەمدە بارغانسېرى باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەمدە بولىدىغان يېڭىچە مىللىي مۇناسىۋەتنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي رايونلاردا يۈرگۈزگەن مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. 2009 _ يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 21 مىليون 586 مىڭ 300 نوپۇس بار، ئاز سانلىق مىللەتلەر %60.7 نى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى تارىم ئويمانلىقىدىكى بوستانلىقلارغا، قازاقلار جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارغا، تاجىكلار پامىر ئېگىزلىكىگە، شىبەلەر ئىلى دەريا بويلىرىغا، خەنزۇلار بولسا ئاساسلىقى شەھەرلەرگە ۋە شىمالىي شىنجاڭغا تارقالغان.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە