ئاككوردىيون-خەلقئارادا بىر قەدەر ئومۇملاشقان، تارقىلىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولغان بارمانچۇقلۇق چالغۇ ئەسۋابى بولۇپ، قۇرۇلمىسىنىڭ ئەپچىللىكى، ئىپادىلەش كۈچىنىڭ موللۇقى، ئاۋاز تۈسىنىڭ يېقىملىقلىقى، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىكلىكى بىلەن ھەر قايسى ئەل سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاككوردىيون دۆلىتىمىزدە جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالتاي، چۆچەك، غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدا ئومۇملىشىپ، سەھنىلەردىلا ئەمەس، بەلكى توي -تۆكۈن، تۈرلۈك يىغىلىشلار، سەيلە -ساياھەت، مەشرەپ -باراۋەتلىرىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىر چالغۇ ئەسۋابىغا ئايلاندى.
ئاككوردىيون گەرچە ياۋروپا چالغۇسى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنىڭ موللۇقى، ئاۋاز تۈسىنىڭ يېقىملىقلىقى، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىكلىكى بىلەن، يەككە مۇزىكىلارنى ئورۇندىغىلى، ئوركېستىر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چالغىلى، چوڭ - كىچىك خورلارغا، يالغۇز كىشىلىك ناخشىلارغا، بالىلار ناخشىلىرىغا چېلىشقا ماس كېلىدۇ، ئىجادىيەتچىلەرمۇ مۇزىكا ئىشلەشتە ۋە مۇزىكا ئاككۇرتلاشتۇرۇشتا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىپ كەلمەكتە.
ئاككوردىيون ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە، سەنئەت ئۆمەكلىرىدە، ئاممىۋى مەدەنىيەت سارايلىرىدا ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۆز رولىنى زور دەرىجىدە نامايان قىلىپ كەلمەكتە. چۈنكى، ئاككوردىيون چەت ئەل ئاھاڭلىرىنى ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئاھاڭلىرىنى ئورۇنداشتا ئەمەس، ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداشتىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ ۋە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر خەلق ئاھاڭلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىغىلى، ئىجادىي ئاھاڭلارنى، ياشلار، بالىلار ناخشىلىرىنى ياخشى چالغىلى بولىدۇ. ھەتتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سەنئەت بېغىدىكى بىباھا گۆھەر، سەنئەت گۈلتاجى بولغان <<12 مۇقام>>دىن ئارىيە قاتارلىقلارنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ.
دېمەك، ئاككوردىيوندىن ئىبارەت بۇ چالغۇ ئۇيغۇر سەنئىتىدە ئۇيغۇر ناخشا- مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداشتا بەلگىلىك ئورۇن تۇتۇپ، مىللىي سەنئىتىمىزنى تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئويناپ كېلىۋاتىدۇ. مىللىي سەنئىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش، راۋاجلاندۇرۇش، شۇنداقلا ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى جاھان ئەھلىگە نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئۆز خاسلىقىمىزنى ساقلىشىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ سېھرىي كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىشىمىز، سەنئىتىمىزنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاككوردىيوننىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەتراپلىق ئىزدىنىش ئارقىلىق جاپالىق مەشىق قىلىپ، يۇقىرى ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، ئاككوردىيوننىڭ ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداش جەھەتتىكى رولىدىن تولۇق پايدىلىنىشىمىز كېرەك.
مۇھەررىر : پەرھات ئەزىز
ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت، ئۆزىگە ئىشىنىش (ئىككى يىغىن)
نەپىس ئەتلەس بويۇملار
ئۇيغۇر مىللىيچە ئۆيلىرى
ئونسۇ ناھىيە جام بازىرى 1-نۆۋەتلىك «مولھۇسۇل لوڭقۇسى» دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى
كۇيتۇن قىزىلتاغ چوڭ جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
ئىراق تەخمىنەن 6 مىليون 800 مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرغا باشپاناھ بولدى
كېرىيە يېزىلىرىدا ......
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باش كىيىملىرى
كەڭساي مەنزىرىلىرى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا