ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئاتالغۇلار مۇنبىرى

«سارت» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى توغرىسىدا

يوللانغان ۋاقىت : 2013 - يىلى 02 - ئاينىڭ 21- كۈنى 16:07   |    ئاپتور :   |   مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

    بىزگە مەلۇمكى، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان قېرىنداش مىللەتلەر شۇنداقلا مۇڭغۇللارنىڭ بىر قىسمى، ئادەتتە دېھقانچىلق، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللۇنىدىغان، شەھەرلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇر، ئۆزبېك قاتارلىق تۈركى خەلىقلەرنى «سارت» دەپ ئاتىشىدۇ. ئۆتمۈشتىكى مىللەتلەر ئارىسىدىكى نورمال بولمىغان مىللى مۇناسىۋەتلەر تۈپەيلىدىن، گويا بۇ سۆز ھاقارەت قىلىنغاندەك، كەمسىتىلگەندەك خاتا چۈشەنچە بىرىپ قويغان. ئەمىلىيەتتە بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك خەلقىنىڭ تىرىشچان، مەرىپەتپەرۋەر ئالاھىيدىلىكىگە ماس ياخشى سۆزدۇر. ئۇيغۇرلار قول-ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا-سېتىقتىكى ماھارىتى بىلەن تۈركى خەلىقلەر ۋە باشقا چارۋىچى خەلىقلەرگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. 1985- يىلى بېيجىڭدا نەشىر قىلىنغان خەلىقئارا نۇپۇزغا ئىگە بىلىملەر قامۇسى – «ئوكيانۇس» نىڭ 2-قىسىم 2362-بېتىدە ئىزاھلىغىنىدەك، مۇڭغۇل ئىمپېريىسى دەۋرىدە كەڭ قوللىنىلغان «سارت» دېگەن بۇ سۆز مۇڭغۇلچە سۈز بۇلۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى «دانىشمەن»، «ئەقىلدار»، «ئالىيجاناپ»، «مەنسەپدار»، «سودا ئىشلىرىنى بىجىرگۈچى»، «سودىگەر» دىگەندەك مەنىلەردە بۇلۇپ، ئەينى چاغلاردا يۇقىرى تەبىقىنى كۆرسەتكەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە