ئۆزبېك مىللىتىنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئىسلام دىنى قائىدىلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئادەتتە مېيىت يەرگە كۆمۈلىدۇ.
بىراۋ تۈگەپ كەتسە، دەرھال بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا خەۋەر قىلىنىدۇ. كىچىك بالىلار تۈگەپ كەتسە، پەقەت بىۋاستە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغىلا ئۇقتۇرۇلىدۇ. مېيىت ئۇزۇتۇشقا قاتناشقان ئەرلەر بېلىگە ئاق بەلباغ باغلايدۇ، ئاياللار بېشىغا ئاق ياغلىق ئارتىدۇ (يەرلىك تىلدا ئاق باغلاش، ئاق سېلىش دېيىلىدۇ). ئاخۇن ئۆلگۈچىنىڭ روھىغا فاتىھە ئوقۇغاندىن كېيىن، ئاياللار مېيىتنى چۆرىدەپ يىغا-زارە قىلىشىدۇ، ئەرلەر سىرتتا تۇرۇپ تۇرىدۇ. مېيىتنى چوقۇم ئوخشاش جىنىستىكىلەر يۇيىدۇ. مېيىت يەرلىكىگە قويۇلغاندىن كېيىن، مېيىت يۇيۇلغان يەرگە بىر تەشتەك گۈل قويۇپ، چىراغ (ئۆچمەس چىراغ) يېقىپ قويۇلىدۇ. شۇ چاغدىن باشلاپ، بۇ ئۆيدە يەنە ئادەم تۇرمايدۇ. مېيىت يەرلىكىگە قويۇلۇپ يەتتە كۈندىن كېيىن ئوغۇل-قىزلىرى «ئاق»نى ئېلىۋەتسە بولىدۇ. ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىر يىلدا تۆت قېتىم چوڭراق تەزىيە مۇراسىمى (نەزىر) ئۆتكۈزىدۇ. مەرھۇم قازا قىلغان ئۈچىنچى كۈنى «ئۈچ نەزىرى» بېرىلىدۇ؛ يەتتىنچى كۈنى «يەتتە نەزىرى» بېرىلىدۇ؛ 40 كۈن بولغاندا «قىرىق نەزىرى» بېرىلىدۇ؛ بىر يىل بولغاندا «يىل نەزىرى» بېرىلىپ، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولىدۇ.
بەزىلەر يىلى ئىچىدىكى ھەر «جۈمە كۈنى» دە كىچىك نەزىر بېرىدۇ. ئەگەر ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، يىلى ئىچىدە ئايالى چوقۇم بېشىغا ئاق سېلىشى ھەمدە سىرتقا مېھماندارچىلىققا بارماسلىقى، يەنە باشقىلارنىڭ توي مۇراسىملىرىغا قاتناشماسلىقى كېرەك. يىلى توشقاندىن كېيىن بۇ چەكلىمە قويۇلمايدۇ. ئۇندىن كېيىنكى ھېيت-بايراملاردا ماتەم تۇتۇلۇپ، ئۆلگۈچىنىڭ روھىغا دۇئا بېرىلىدۇ.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت، ئۆزىگە ئىشىنىش (ئىككى يىغىن)
نەپىس ئەتلەس بويۇملار
ئۇيغۇر مىللىيچە ئۆيلىرى
ئونسۇ ناھىيە جام بازىرى 1-نۆۋەتلىك «مولھۇسۇل لوڭقۇسى» دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى
كۇيتۇن قىزىلتاغ چوڭ جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
ئىراق تەخمىنەن 6 مىليون 800 مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرغا باشپاناھ بولدى
كېرىيە يېزىلىرىدا ......
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باش كىيىملىرى
كەڭساي مەنزىرىلىرى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا