ئىمام بۇخارى ـــ ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەد ئىبنى ئىسمايىل ئىبنى ئىبرايىم بۇخارى مەشھۇر مۇھەددىس (ھەدىسشۇناس)، تارىخچى ئالىم. ئۇ مىلادى 810-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بۇخارا شەھرىدە بىر مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىمام بۇخارىنىڭ بوۋىسى مۇغىيرە ئەسلىدە بىر مەجۇسىي(ئاتەشپەرەس) ئىدى. ئۇ شۇ دەۋردىكى بۇخارانىڭ ۋالىيسى ئىبنى يەمانى جۇئىفىنىڭ تۈرتكىسىدە ئىسلام دىنىغا كىرگەن. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىمام بۇخارى”جۇئفى“دەپ ئاتالغان. ئۇ بۇخارادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكى ئۈچۈن بۇخاراغا نىسبەتەن بېرىلىپ”بۇخارى“ دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ دادىسى ئىسمايىل دېگەن كىشى ئۆز دەۋرىنىڭ نوپۇزلۇق مۇھەددىسلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ، سۈننىي مەزھەپتىكى مەشھۇر تۆت فىقھى مەزھىپىنىڭ بىرى ـــــ مالىكىيە مەزھىپىنىڭ ئاساسچىسى ئىمام مالىكتىن ئىلمى سۆھبەتلەردە بولغان. لېكىن بۇخارى كىچىك چېغىدىلا دادىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە بولغان. ئۇنىڭ ئانىسىمۇ ناھايتتى دىيانەتلىك، تەقۋادار ئايال بۇلۇپ، ئۇنى كېچىكىدىن تارتىپلا ناھايتتى ياخشى تەربىيلەپ ئۆستۈرگەچكە، ئۇ ئون ياشقا توشا-توشمايلا پۈتۈن «قۇرئان كەرىم»نى ۋە ھەدىستىن 70مىڭنى يادقا ئېلىپ بولغان. 16يېشىدا ۋەكئى ۋە ئىبنى مۇبارەك قاتارلىق ئالىملارنىڭ كىتابلىرىنى يادقا ئۆگىنىپ بولغان.
ئىمام بۇخارى ناھايتتى تەقۋادار، جەسۇر، مەرد، ھىممەتلىك كىشى ئىدى. كۆپ ئىستىقامەت قىلاتتى، قۇرئان ئوقۇشقا شۇنچىلىك ھېرىسمەن ئىدىكى، رامىزان ئايلىرىدا«قۇرئان كەرىم»نى ھەركۈنى بىر نۆۋەت ئۆتكۈزەتتى. دادىسىدىن قالغان مال-مۈلۈكلىرىنى تالىپۇلئىلىملەرگە(ئىلىم ئۈگىنىۋاتقان تالىپلارغا) نەپىقە قىلاتتى. ئۇ ئاتىسىدىن كىچىك قالغاچقا، تۇنجى ئىلمىي سەپىرىنى مۇقەددەس سەپەرــــ ھەج سەپىرى بىلەن باشلىغان. ھەجدىن كېيىن مەككىدە قېپقىلىپ، بىر مەزگىل ئىلىم تەھسىل قىلغان ھەمدە خۇراسان، ھىجاز، مىسىر، شام(سۈرىيە) قاتارلىق ئىلىم-مەرىپەت مەزكەزلىرىگە بېرىپ، ئۇ يەرلەرنىڭ مەشھۇر ئالىملىرىدىن نۇرغۇنلىغان ھەدىسلەرنى ئۆگەنگەن. ئاندىن مەدىنىگە كېلىپ«ئەتتا خۇلكەبىر» ناملىق كىتابنى يېزىپ پۈتتۈرگەن. ئۇ ھاياتىدا باغداتقا سەككىز قېتىم بېرىپ ئىلمىي تەكشۈرۈشلەردە بولغان. بۇ جەريانىدا، ئىمام ئەھمەد(«ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ـــ سۈننىي مەزھەپتىكى مەشھۇر تۆت مەزھەپنىڭ بىرى ــــ ھەنبەلىيە مەزھىپىنىڭ ئاساسچىسى) بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، ئىلمىي سۆھبەتلەردە بولغان ۋە ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغان. ئۇ ئاشۇنداق خاسىيەتلىك سەپەرلىرى جەريانىدا، جەمىئىي 1080ئالىمدىن ھەدىس ئاڭلاپ خاتىرە قالدۇرغان بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىسى تابىئىن (مۇسۇلمان ھالاتتە ساھابى بىلەن بىۋاستە ئۇچراشقان ھەمدە مۇسۇلمان ھالاتتە ۋاپات بولغان كىشى)، بەزىسى تەبىئۇتتابىئىن(مۇسۇلمان ھالاتتە تابىئىن بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە مۇسۇلمان ھالەتتە ۋاپات بولغان كىشى)ئىدى. ئۇنىڭدىن 70مىڭ ئادەم ئۇنىڭ«سەھىھۇلبۇخارى»ناملىق بۇ مەشھۇر ھەدىس كىتابىنى دەرس قىلىپ ئاڭلىغان بۇلۇپ، مۇھەممەد ئىبنى ئىيسا تىرمىزى، ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى شۇئەيىب نەسەئى، مۇسلىم ئىبنى ھەججاج، ئىبنى خۇزەيمە ۋە ئەبۇ زۇرئە قاتارلىق ئالىملار ئۇنىڭ چوڭ شاگىرتلىرىدىن ئىدى. ئىمام بۇخارىنىڭ ئاشۇنداق ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىجتىھاتلىق، سەمەرىلىك ئىلمىي سەپەرلىرى ئۇنىڭ ئۇستاز-شاگىرتلىرىنىڭ شۇنچە كۆپ بولۇشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبىدۇر.
ئىمام بۇخارىنى ئەستە قالدۇرۇش قابىلىيىتىنىڭ ئاجايىپ يۇقىرىلىقى بىلەن ئۆز دەۋرىنىڭ تەڭداشسىز ئالىمى دەپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ بۇ ئىقتىدارىنى ئاللاھ تائالانىڭ يەر شارىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى مۆجىزىلىرىنىڭ بىرى دېيىش مۇمكىن. چۇنكى، ئۇ جەمىئىي 600مىڭ ھەدىس توپلىغان بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن 100مىڭ سەھىھ ھەدىس (ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى يۇقىرى بولغان ئىشەنچىلىك كىشىلەر تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان، سەنەدى لىنىيىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۈزلۈكسىز تۇتاشقان ھەدىس) 200مىڭ غەيرى سەھىھ ھەدىس يادقا ئالغان. ئۇ بىر قېتىم باغداتقا بارغاندا، باغداتنىڭ داڭدار مۇھەددىسلىرى ئۇ توپلىغان ھەدىسلەرنىڭ ئىشەنچىلىك ياكى ئىشەنچىلىك ئەمەسلىكىنى ئايرىش ئۈچۈن، ئۇنى سىناپ كۆرمەكچى بۇلۇپ، مىڭلىغان ھەدىسلەر ئىچىدىن 100ھەدىسنى تاللاپ چىقىپ، شۇ ھەدىسلەرنىڭ تېكىستلىرىنى، راۋى(رىۋايەت قىلغۇچى)لىرىنى بىرى ـــ بىرىگە ئالماشتۇرۇپ ئون ئادەمنى تاللاپ چىقىپ، ھەربىرىگە ئون ھەدىستىن تەقسىم قىلىپ بەرگەن ھەمدە ئۇلارنى مەزكۇر ھەدىسلەرنى ئىمام بۇخارىنىڭ ئالدىدا ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان. ھەدىس تەقسىم قىلىنغان مەزكۇر ئون ئادەم ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان ھەدىسلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئىمام بۇخارىنىڭ ئالدىدا بىرـ بىرلەپ ئوقۇغان. ئۇ سالماقلىق بىلەن 100ھەدىسنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا ئاڭلاپ بۇلۇپ، سورۇن ئەھلىگە ئوقۇپ بەرگەندە، سورۇن ئەھلى ئۇنىڭ بۇ ئاجايىپ تالانتىغا ھەيران قالغان ھەم ئۇنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك مۇھەددىس ئىكەنلىكىگە، ئۇ توپلاپ رەتلىگەن ۋە ئايرىپ بېكىتكەن ھەدىسلەرنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىگە قايىل بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى پۈتۈن ئىشلام دۇنياسىغا پۇر كەتكەن. ئالىملار ئۇنىڭغا”ھۇججەتۇلئىسلام“(ئىسلامنىڭ پاكىتى).ئەھلى ئىسلامنىڭ يېتەكچىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈلگىسى ۋە مۇھەددىسلەرنىڭ ئۇستازى، دەپ ئىنتايىن يۇقىرى باھا بەرگەن.
(تەپسىلى مەزمۇنىنى «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»ژورنىلىدىن كۆرۈك).
مۇھەررىر : ئاززۈگۈل
مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش
نەپىس ئەتلەس بويۇملار
ئۇيغۇر مىللىيچە ئۆيلىرى
ئونسۇ ناھىيە جام بازىرى 1-نۆۋەتلىك «مولھۇسۇل لوڭقۇسى» دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى
كۇيتۇن قىزىلتاغ چوڭ جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
ئىراق تەخمىنەن 6 مىليون 800 مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرغا باشپاناھ بولدى
كېرىيە يېزىلىرىدا ......
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باش كىيىملىرى
كەڭساي مەنزىرىلىرى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا