ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - دىنىي ئېتقاد

ھىجرىيە يىلنامىسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

يوللانغان ۋاقىت : 2012 - يىلى 07 - ئاينىڭ 19- كۈنى 23:39   |    ئاپتور :   |   مەنبە : «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»ژورنىلى جەۋھەرلىرى1دىن

            

    ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغاندىن كېيىن، بۇلۇپمۇ قاراخانىلار سۇلالىسىدىن سۇلتان بۇغراخان ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىپ، سۇلالە تەۋەلىكىنى ئىسلاملاشتۇرۇپ ۋە كېيىنچە ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتەلگەندىن كېيىن، ھىجرىيە يىلنامىسى پۈتۈن سىستېمىسى بويىچە ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەر ئارىسىغا يىلنامە سۈپىتىدە تارقالدى ۋە ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋى يىلنامىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، دىنىي ئىشلار ھەم دىنغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار، شۇنداقلا تۇرمۇش ساھەلىرىدىمۇ بۇ يىلنامە قوللىنىلدىغان بولدى، ئۇيغۇرلاردىن چىققان نۇرغۇن ئالىملارـــ تارىخچىلار، تىلچىلار، ئەدىبلەر، پەيلاسوپلار، تېۋىپلار، نەغمە-سەنئەتچىلەرمۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە ۋاقىتنى ھىجرىيە يىلنامىسى بويىچىلا بايان قىلدى، نۇرغۇن تارىخىي ۋەسىقىلىرىمىز شۇ يىلنامە بويىچە ساقلىنىپ قالدى، پەقەت يېقىنقى زامانغا كەلگەندىلا، مىلادىيە يىلنامىسى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئارىسىدا تارقىلىپ، ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىدى، ئەمما دىنىي ساھەدە، بۇلۇپمۇ ھېيىت-ئايەملەرنىڭ ۋاقتىنى ھېسابلاشتا، يەنىلا ھىجرىيە يىلنامىسى قوللىنىلماقتا، خەلقئارادا بولسا، ئىسلام-ئەرەب ئەللىرى، بۇلۇپمۇ ئەرەب ئەللىرى دىنىي ساھەدىلا ئەمەس، بەلكى ئەدەتتىكى تۇرمۇشتىمۇ كۆپىنچە ھىجرىيە يىلنامىسىنى قوللانماقتا. بۇ يىلنامە 10-ئەسىردە شىنجاڭ رايۇنىغا كىرىپ، 13-ئەسىر(مىلادى1267-يىلى)گە كەلگەندە، ئىچكى ئۆلكىلەرگە تارقالغان بۇلۇپ، مەملىكىتىمىزدىمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە. شۇڭا، بۇ ماقالىمىزدە ھىجرىيە يىلنامىسى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بەرمەكچىمىز.                        

    1.ھىجرىيە يىلنامىسىنىڭ بېكىتىلىشى                        

    ھىجرىيە يىلنامسى ئىسلام يىلنامىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ، يىل، ئاي، كۈنلەرنى ئاينىڭ ھەرىكىتى بويىچە ھېسابلايدىغان ۋە ھىجرەت(كۆچۈش)يىلىنى باش يىل قىلغان بىر خىل قەمەرىيە يىلنامىسى بۇلۇپ، ئەسلىدە ئەرەبلەرنىڭ قەمەرىيە يىلنامىسى ئاساسىدا بارلىققا كېلىپ، ئىسلام دىنى ئارقىلىق دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا(بۇلۇپمۇ دىنى ساھەدە) ئومۇملاشقان بىر خىل يىلنامىدۇر.

    ھىجرىيە يىلنامىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنى ئەرەبىستاندا دەۋەت قىلىشقا باشلىغاندىن تارتىپلا قوللىنىلغان ئەمەس، ئىسلام دىنى دەۋەت قىلىنىپ 30يىلدەك ۋاقىتقىچە(610-يىلدىن639-يىلغىچە)يەنىلا ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىۋى يىلنامىسى قوللىنىپ كېلىندى.

    .................................................................................................................................................................................

    2.ھىجرىيە يىلنامىسىنىڭ ئايلىرى                        

    ھىجرىيە يىلنامىسىدىمۇ مىلادىيە يىلنامىسى، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى قەمەرىيە يىلنامىسى(دىھقانلار كالېندارى) قاتارلىقلارغا ئوخشاش بىريىل 12ئايغا بۆلىنىدۇ، ئەمما باشقا يىلنامىلاردىكىدەك مۇقىم پەسىللەرگە بۆلۈنمەيدۇ. ھىجىرىيە يىلنامىسىدىكى ئايلارنىڭ نامى تۆۋەندىكىچە:

    1-ئاي                                   مۇھەررەم           

    2-ئاي                                    سەفەر              

      3-ئاي                                 رەبىئۇل ئەۋۋەل       

    4-ئاي                                  رەبىئۇل ئاخىر       

    5-ئاي                                  جەمادىئۇل ئەۋۋەل   

    6-ئاي                                 جەمەدىئۇل ئاخىر    

    7-ئاي                                    رەجەپ           

    8-ئاي                                    شائبان           

    9-ئاي                                    رەمازان          

    10-ئاي                                   شەۋۋال          

    11-ئاي                                    زۇلقەئدە         

    12-ئاي                                   زۇلھەججە        

    ئۇيغۇرلار بۇ ئايلارنىڭ ئەرەبچە ئاتىلىشىنى قوللىنىشتىن سىرت، ئەمەلىي ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ ئايلارنى باشقا ناملار بىلەنمۇ ئاتاپ كەلگەن، مەسىلەن، 8-ئاي شەئىباننى”بارات ئاي“ دەپمۇ ئاتايدۇ. چۇنكى ئىسلام دىنىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، بۇ ئاينىڭ 15-كېچىسى بارات كىچىسى ھېسابلىنىدۇ. ”بارات “ دېگەن سۆز كەچۈرۈم قىلىش مەنىسىدە بۇلۇپ، ئىسلام تەلىماتىدا كۆرسىتىلىشچە، بۇ كېچىسى ئاللاھ تائالا مەغپىرەت، راھمەت دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىپ، تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، شۇڭا، مۇسۇلمانلار بۇ كىچىنى ”گۇناھ مەغپىرەت قىلىنىش كىچىسى“ دەپ قاراپ، بۇ كىچىدە كۆپىنچە تائەت-ئىبادەت، قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ، ناماز ئۇقۇپ، سەدىقە ئاتاپ، روزا تۇتۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىلتىپاتى ۋە كەچۈرۈم قىلىشىنى تىلەيدۇ، شۇڭا ”بارات ئاي“ دەپ ئۇلۇغلايدۇ؛ يەنە مەسىلەن، ھىجرىيە 9-ئاي ـــ ”رەمىزان“ روزا تۇتىدىغان ئاي بولغاچقا، بۇ ئاينى”روزا ئاي“ دەپ ئاتايدۇ؛ ھىجرىيە 11-ئاي ـــ ”زۇلقەئد“ دەل روزا ھېيىت كېلىدىغان شەئبان بىلەن قۇربان ھېيىت كېلىدىغان12-ئاي”زۇلھەججە“ ئايلىرى ئارىلىقىدا كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئاينى”ئارا ئاي“ دەپ ئاتايدۇ، ۋەھاكازالار.                                               

    ...............................................................................................................................................................................................................

    3.ھىجرىيە يىلنامىسىنىڭ ھېسابلىنىشى         

    بىزگە مەلۇم، مىلادىيە يىلنامىسى ۋاقىتنى كۈن يەنى قۇياشنىڭ ھەرىكىتى بويىچە ھېسابلايدىغان شەمسىيە يىلنامىسى بۇلۇپ، ئۇنىڭدا بىريىل 365كۈن 5سائەت 48مىنۇت 46سېكونت بولىدۇ، ئادەتتە بىر يىل 365كۈن ھېسابلىنىپ، ھەريىلدىن ئاشقان ۋاقىت يىغىلىپ 4يىلدا بىر كەبىسە كۈنى چىقىدۇ-دە، بۇ بىر كۈن 4-يىلدىكى 2-ئايغا قوشۇلۇپ، بۇ يىل ”كەبىسە يىلى“ دەپ ئاتىلىش بىلەن 366كۈن بولىدۇ. ھىجرىيە يىلنامىسى بولسا، ۋاقىتنى نۇقۇل ئاينىڭ ھەرىكىتى بويىچە ھېسابلايدىغان قەمەرىيە (ئايلىق) يىلنامە بۇلۇپ، ئۇنىڭدا ئاينىڭ يەر شارىنى بىر نۆۋەت ئايلىنىشى ئۈچۈن 29كۈندىن ئارتۇقراق ۋاقىت كېتىدىغانلىقى قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، ئاينىڭ بىر نۆۋەت تۇلۇن-كەمتۈك بۇلۇش دەۋرلىكى بىر ئاي ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ۋاقتى 29كۈن 12سائەت44مىنۇت 2.8 سېكونت بولىدۇ، ئاينىڭ تولۇن-كەمتۈكلىكىنىڭ 12دەۋرى بىر يىل ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭ ۋاقتى 354كۈن 8سائەت 48مىنۇت 33.6سېكونت بولىدۇ. ھەربىر ئاي شۇ ئاينىڭ 1-كۈنى چىققان ھىلال ئاي بىلەن باشلىندىغانلىقى ئۈچۈن، تاق ئايلار چوڭ ئاي(31كۈنلۈك)،جۈپ ئايلار(30كۈنلۈك)بۇلۇپ، بىر يىل 354كۈن بولىدۇ، ھەريىلى ئاشقان 8سائەت 48مىنۇت 33.6سېكونت يىغىلىپ 3يىل ئەتراپىدا بىر كۈن ئارتۇق چىقىدۇ، بۇ بىر كۈن 3-يىلنىڭ 12-ئېيىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلۇپ(يەنى 12-ئاي چوڭ ئايغا ئايلاندۇرۇلۇپ)كەبىسە يىلى قىلىنىش بىلەن، بۇ يىلنىڭ ۋاقتى ئادەتتىكى يىلدىكىدىن بىركۈن ئارتۇق يەنى 355كۈن بولىدۇ.                                                 

    ................................................................................................................................................................................................... 4.ھىجرىيە يىلنامىسى بىلەن مىلادىيە يىلنامىسىنى سۇندۇرۇپ ھېسابلاشنىڭ ئاددى ئۇسۇلى

    ھىجرىيە يىلنامىسى بىلەن مىلادىيە يىلنامىسىنىڭ ئۇسۇلى ئۇخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئادەتتە بۇلاردىن بىرىسىلا بېرىلگەن ئەسەر-ماقالىلەردىكى يىل ۋاقتىنى ئېھتىياج بولغان ئىككىنچى يىل ۋاقتىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاشتا، ھامان، بىر مۇنچە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلىمىز، شۇڭا ھېسابلاشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، تۆۋەندە بۇ ئىككى يىلنامىنى بىر-بىرىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلاشنىڭ ئاددى بىر خىل ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

    ئەگەر ھىجرىيە يىلى ئېنىق بېرىلگەن بولسا، ھىجرىيە يىلىنى مىلادىيە يىلىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاشتا، تۆۋەندىكى فورمۇلاردىكىⅩنىڭ ئورنىغا ھىجرىيە يىكى سانىنى قۇيۇپ ھېسابلىساق بولىدۇ:...........................................................................................................................................................................................................

    (تەپسىلى مەزمۇنىنى «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»ژورنىلى جەۋھەرلىرى1دىن كۆرۈڭ).       

مۇھەررىر : ئاززۈگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە