ـــ ‹‹يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات›› ناملىق كىتابنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن
يېقىندا مىللەتلەر نەشرىياتى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنڭ پىروفېسسورى، دوكتورانت يېتەكچىسى، تەتقىقاتچى شاڭ يەنبىن يازغان، ئابلەت نۇردۇن، ئەبەي ئىمىن، مۇھەممەدجان ھوشۇر تەرجىمە قىلغان، چوڭ 32 فورماتلىق، 584 بەتلىك ‹‹يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات›› ناملىق كىتابنى نەشر قىلىپ تارقاتتى.
ئاپتور جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە ساقلىنىۋاتقان موڭغۇللار قۇرغان يۈەن سۇلالىسى تارىخىغا ئائىت نۇرغۇن يازما يادىكارلىقلار، جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنپ، تارىخشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ بۇ كىتابنى يېزىپ چىققان. مەزكۇر كىتاب كىرىش سۆزدىن باشقا، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر تارىخىي ماتېرىياللار، ۋەسىقىلەر (جۈملىدىن يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر 113 پارچە قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىنىڭ رەت نومۇرى، ئۇلارنى ساقلىغان ئورۇن ياكى شەخس، ۋەسىقە نامى، ۋەسىقىنىڭ تېپىلغان ۋاقتى، ئورنى ۋە ئۇلارنىڭ تەتقىقات قىممىتى جەدۋەللەشتۈرۈپ تونۇشتۇرۇلغان) ۋە تەتقىقات ئەھۋالى، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تۈزۈمى ھەققىدە تەتقىقات، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈمى، يانچىلىق تۈزۈمى ۋە ئىقتىسادىي تۇرمۇشى، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرىگە كۆچۈشى ۋە خەنزۇلىشىشى، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى قارا دىۋان ۋازارىتى ۋە ھەر قايسى ۋاقىتلىق ۋازارەتلەردىكى ئۇيغۇر ئەمەلدارلار (جۈملىدىن يۈەن سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىدە ئوڭ قول ۋەزىردىن تارتىپ ناھىيەنىڭ دارۇغاچلىقىغىچە بولغان تۈرلۈك ئەمەل–مەنسەپلەرنى ئۆتىگەن 97 ئۇيغۇر ياكى غەربىي يۇرتلۇق (جۈملىدىن قوچۇلۇق، بېشبالىقلىق) ئەمەلدار ( ئەدىب–ئۆلىما)نىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى، ئەمەل–مەرتىۋىسى، تەخەللۇسى، ئىشلىگەن ئورنى، ئۇنىڭ تەرجىمىھالى توغرىسىدىكى ئىشەنچىلىك ماتېرىيال مەنبەسى جەدۋەللەشتۈرۈلۈپ تونۇشتۇرۇلغان)، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئىچكىرىگە كۆچكەن ئۇيغۇر ئەمەلدارلار ھەققىدە تەتقىقات، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شيې جەمەتى ھەققىدە تەتقىقات قاتارلىق يەتتە بابتىن تەركىب تاپقان.
بۇ كىتابتا، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت تارىخى، جۈملىدىن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، سودا، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئەدەبىيات–سەنئەت ئىجادىيىتى، تىلماچلىق (تەرجىمىچىلىك) قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى، يۇقىرىقى ساھەلەردە تۆھپە ياراتقان نامايەندىلەر خېلى تولۇق، خېلى سىستېمىلىق بايان قىلىنىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ يۈەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي–ئىقتىسادىي ئىگىلىكنىڭ، سودا- سېتىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى، بولۇپمۇ مەدەنىيەت، تىل –يېزىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسىنىكۈچەيتىش ۋە يۈكسەلدۈرۈشكە قوشقان زور تۆھپىسى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ئېلىمىزنىڭ يۈەن سۇلالىسى تارىخى تەتقىقاتىدىكى نوپۇزلۇق ئالىم چېن دېجى بۇ كىتابقا يازغان ‹‹كىرىش سۆز››دە: ئېلىمىزدە ‹‹قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ (يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ) سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيىتى تەتقىق قىلىنغان مەخسۇس تېمىدىكى ماقالىلەر ياكى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئەسەرلەر ئىچىدىكى نۇرغۇن ئەسەرلەر چەت ئەللىك نوپۇزلۇق ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدىن قېلىشمايدۇ، بۇ ئېلىمىز ئالىملىرىنىڭ دۇنيانىڭ ئىلغار تەتقىقات سەۋىيەسىگە يېتىش ئىقتىدارى ۋە تىرىشچانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى، شاڭ يەنبىنىڭ ئەسىرى دەل مۇشۇ نىشانغا يېتىشكە تىرىشقان بىر ياخشى ئەسەردۇر›› دەپ يۇقىرى باھا بەردى.
قىسقىسى، بۇ ئىلمىي ئەسەرنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى موڭغۇللار قۇرغان يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىش، بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ يۈەن سۇلالىسى ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش، ئۇنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈشكە قوشقان تۆھپىسىنى بىلىشتە شۇنداقلا ھەر مىللەت خەلقى ئارىسىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.
( ئاپتور: ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات–نەشرىيات ئىدارىسى ئوقۇش-تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى، ئالىي مۇھەررىر)
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش
نەپىس ئەتلەس بويۇملار
ئۇيغۇر مىللىيچە ئۆيلىرى
ئونسۇ ناھىيە جام بازىرى 1-نۆۋەتلىك «مولھۇسۇل لوڭقۇسى» دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى
كۇيتۇن قىزىلتاغ چوڭ جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
ئىراق تەخمىنەن 6 مىليون 800 مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرغا باشپاناھ بولدى
كېرىيە يېزىلىرىدا ......
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باش كىيىملىرى
كەڭساي مەنزىرىلىرى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا