ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ مىللەتلىك رايون بولغاچقا، پارتىيەنىڭ فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى يەتكۈزۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىدا ئاخبارات تەرجىمىسى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئاخبارات تەرجىمىسىنىڭ سىياسىيلىقى، ۋاقىتچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك، چېتىلىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولغاچقا، تەرجىمانلاردىن ئەستايىدىللىقنى، تەرجىمىنىڭ ۋاقتىدا، توغرا، تېز بولۇشىنى، تەرجىمانلارنىڭ بىلىم دائىرىسىنىڭ كەڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مېنىڭچە، ئاخبارات تەرجىمىسىدە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك:
بىرىنچى، قىسقارتىلغان سۆزلەرنىڭ تەرجىمىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئاددىي ھەم ئىخچام بولۇش خەنزۇ تىلىدىكى سۆزلۈكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بولۇپ، خەنزۇ تىلىدىكى قىسقارتىلغان سۆزلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشتا توغرا بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئادەتتە خەنزۇ تىلىدىكى قىسقارتىلغان سۆزلەر شۇ سۆز بۆلىكىدىكى بىر ياكى بىر نەچچە خەتنى ئېلىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. مەسىلەن: 普 – سەنشى ئۆلكىسى، 沪 – شاڭخەي شەھىرى، 豫 – خېنەن ئۆلكىسى، 津 – تيەنجىن شەھىرى، 党工农 (جۇڭگو دېھقان – ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى)نىڭ قىسقارتىپ ئېلىنىشى بولۇپ، تەرجىمانلار تەرجىمە قىلىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن بۇ قىسقارتىلغان سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئوبدان چۈشىنىۋېلىشى، قىسقارتىلغان سۆزلەرنىڭ جۈملىدىكى ئاساسىي مەزمۇنىنى مەنتىقلىق پىكىر يۈرگۈزگەن ئاساستا توغرا تەرجىمە قىلىشى كېرەك.
ئىككىنچى، ئىنگلىزچە سۆزلەرنىڭ تۇنجى ھەرىپىنى ئېلىش ئارقىلىق قىسقارتىلغان سۆزلەرنىڭ تەرجىمىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى، ئالاقە تورىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئىنگلىزچە ھەرپتىن پايدىلىنىپ ياسالغان بىر قىسىم سۆزلەر بارلىققا كەلدى. مەسىلەن: ‹‹GDP›› (مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى)، OPEC(نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر) قاتارلىقلار. بۇ سۆزلەر ئاددىي، قوللىنىشقا ئەپلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما خەلقنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىدە پەرق بولغاچقا، قىسقارتىلغان سۆزلەرنى ھەممە كىشىنىڭ چۈشىنىپ كېتىشى ناتايىن. شۇڭا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشىنىشىگە ئوڭاي بولۇشى ئۈچۈن، قىسقارتىلغان سۆزلەرنى تولۇق مەزمۇنى بويىچە تەرجىمە قىلىش كېرەك.
ئۈچىنچى، خەنزۇچە فامىلىنىڭ تەرجىمىسىگە دىققەت قىلىش كېرەك. خەنزۇچە فامىلە ئادەتتە بىر خەتلىك، ئىككى خەتلىك ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى خەنزۇچە خەتلەرنىڭ شەكلى ئوخشىشىپ كەتكەچكە، ئوڭايلا خاتا ئوقۇپ، خاتا تەرجىمە قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالىدۇ. شۇڭا، تەرجىمانلار فامىلە تەرجىمىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەرجىمانلار يېڭى سۆز – ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. ھازىر ئاخبارات تەرجىمىسىدە يېڭى سۆز – ئاتالغۇلار ۋە كەسپىي ئاتالغۇلار بارغانسىرى كۆپىيىپ، تەرجىمە قىلىنىدىغان مەزمۇنلار بارغانسېرى يېڭىلىنىپ بېرىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ ھەقتە پايدىلانغۇدەك قورال كىتاب يوق دېيەرلىك. بۇنداق ئەھۋالدا تەرجىمانلار لۇغەت ئاقتۇرۇش، سوراش، تور قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ كۆپ تەرەپلىمە ئىزدىنىپ، توغرا، چۈشىنىشلىك قىلىپ تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىشى كېرەك.
تۆتىنچى، تەرجىمە جەريانىدا سۆزلەرنىڭ يەككە مەنىسىنى توغرا تەرجىمە قىلىش كېرەك. تەرجىمانلار ئاخبارات تەرجىمىسىدە يەككە سۆزلەرنىڭ ئەسلى تىلدىكى لۇغەت مەنىسى بىلەن خەلق ئارىسىدىكى ئىستېمال مەنىسىنى، تارىخىي دەۋرلەردىكى مەنىلىرى، رايونلار ئارا ئىستېمال مەنىسى ۋە شېۋە مەنىسىنى تولۇق چۈشىنىۋېلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چەت ئەل كىشى ئىسىملىرى ۋە يەر جاي ناملىرىنى تەرجىمە قىلىشتا ئەستايىدىل بولۇپ، سۆزلەرنىڭ ماھىيەتلىك مەنىسىنى چۈشىنىپ توغرا ئىپادىلىشى كېرەك.
(ئاپتور: ‹‹ئۈرۈمچى خەلق قۇرۇلتىيى›› ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدىن)
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش
نەپىس ئەتلەس بويۇملار
ئۇيغۇر مىللىيچە ئۆيلىرى
ئونسۇ ناھىيە جام بازىرى 1-نۆۋەتلىك «مولھۇسۇل لوڭقۇسى» دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى
كۇيتۇن قىزىلتاغ چوڭ جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
ئىراق تەخمىنەن 6 مىليون 800 مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرغا باشپاناھ بولدى
كېرىيە يېزىلىرىدا ......
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باش كىيىملىرى
كەڭساي مەنزىرىلىرى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا