ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - بىكەت ھەققىدە

بىكەت ھەققىدە

يوللانغان ۋاقىت : 2008 - يىلى 06 - ئاينىڭ 12- كۈنى 10:35   |    ئاپتور :   |   مەنبە : 新疆社会科学院

   

 ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار:
    شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇرغان ۋە باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان «شىنجاڭ پەلسەپە- ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتى» ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى باشقۇرۇشىدىكى بىردىنبىر كەسپىي ئۇيغۇرچە تور بېكىتى بولۇپ، بىر يىلغا يېقىن سىناق قىلىنىش، ئىزدىنىش ئارقىلىق مانا ئەمدى يېڭىچە قىياپەتتە سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. تور بېكىتىمىز ئىلمىيلىك، تەتقىقات، يېڭىلىق، ئۇچۇرچانلىق ۋە پايدىلىنىشچانلىقنى مىزان، شىنجاڭنىڭ پەلسەپە- ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە قولغا كەلگەن نەتىجىلەردىن تورداشلارنى خەۋەردار قىلىشنى مەقسەت قىلغان.
تور بېكىتىمىز باش بەت ۋە قوشۇمچە بەتتىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپقان. باش بەتتە ئاكادېمىيە ئەھۋالى، خەۋەرلەر، ئاكادېمىيە ئۇچۇرلىرى ۋە سىياسىي نەزەرىيە، ئىقتىساد- تەرەققىيات، تارىخ، مىللەت ۋە مەدەنىيەت، دىن، تىل- ئەدەبىيات، قوشنا ئەللەر، جەمئىيەت ۋە تۇرمۇش، قانۇن ۋە پۇقرا سەھىپىلىرى ئېچىلغان بولۇپ،ئۇنىڭغا يېڭى، نادىر تېمىلار مۇجەسسەملەنگەن، دىمەك تورداشلارنى يېڭى، نادىر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. تەتقىقات ئورۇنلىرى ئۆزلىرى باشقۇرۇۋاتقان رەڭدار سەھىپىلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.
تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى باشقا تورلاردا ئېلان قىلىنمىغان ئاكادېمىيىمىزدىكى تەتقىقاتچىلار يازغان يېڭى ماتېرىيال ۋە ماقالىلەر بولۇپ، كەسىپداشلارنىڭ پايدىلىنىشىنى قولايلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تورداشلار تور بېكىتىمىزدىن پەلسەپە- ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ھەرقايسى كەسىپلىرى بويىچە ئۇچرىغان قىيىن مەسىلىلىرى، سوئاللىرىغا ئىخچام، مېغىزلىق جاۋابقا ئېرىشەلەيدۇ.

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ. ئەسەر قوبۇل قىلىشتا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار ۋە كونكىرىت تەلەپلەر تۆۋەندىكىدەك:
1. ماقالە يوللىغۇچىلار چوقۇم ئۆزىنىڭ ھەقېقىي ئىسمى، ئالاقىلىشىش ئادرېسى ۋە ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرۇپ تىزىملىتىشى كېرەك؛
2. ئەۋەتىلگەن ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنى ساغلام، ئىلمىيلىكى يۇقىرى، ئىستات مەنبەلىرى ئېنىق بولۇشى كېرەك؛
3. ئەۋەتىلگەن ماقالە گېزىت- ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىپ بولغان بولسا، قايسى ژۇرنال (گېزىت، كىتاب)، قايسى يىلى، قانچىنچى سانىدا ئىكەنلىكىنى ئىنىق ئەسكەرتىشى كېرەك؛
4. خەنزۇچە مەنبەلەردىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىنغان ماقالىلەر بولسا قايسى مەنبەدىن ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىشى كېرەك؛
5. باشقا توردىن كۆچۈرۈلۈپ بېرىلگەن ماقالىلەر بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ؛
يۇقىرىقى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەرقايسى پەنلەرگە ئائىت يېڭىلىق، خەۋەر، ماقالىلەر تور بېكىتىمىزگە ئەۋەتىلسە، ھەرقايسى پەننىڭ تور باشقۇرغۇچى مۇتەخەسسىسلىرى كۆرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن، توردا ئۆز دائىرىسى بويىچە ئېلان قىلىنىدۇ.
تورداشلارنىڭ تور بېكىتىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەلسەپە- ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە قولغا كەلگەن ئىلمىي نەتىجىلىرىدىن ھەمدە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردىن ئانا تىلىدا خەۋەردار بولۇشىنى، تور بېكىتىمىزنى دوستلارغا، كەسىپداشلارغا ۋە قىزىققۇچىلارغا تەۋسىيە قىلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

مۇھەررىر : ئەكبەر ئابلىكىم

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە