باش بەت » بلوگ بىلىملىرى »

بىر مۇنەۋۋەر بلوگ قانداق تاۋلىنىپ چىقىدۇ؟ بلوگگېرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانىغا دىققەت قىلىڭ…

ۋاقىت: 2012-02-20 18:13 / كۆرۇلىشى: 55 / باھا: 0 ئىنكاس يوللاش

بىر مۇنەۋۋەر بلوگ قانداق تاۋلىنىپ چىقىدۇ؟ بلوگگېرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانىغا دىققەت قىلىڭ...

بلوگ خۇددى ئادەم ھاياتىغا ئوخشايدۇ، بىر مىنۇت ئىچىدىلا بىر بلوگ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ. مانا بۇ بلوگ كوممۇناسى(گۇڭشى) بىزگە تەشەببۇس قىلغان ئىدىيە. توغرا بىر بلوگ قۇرۇپ چىقىش ناھايىتى ئاددى، ناھايىتى ئاسان بىر ئىش. بىراق بىر مۇنەۋۋەر بلوگ قۇرۇپ چىقىش ئۇنداق ئاددى ئىش ئەمەس.

بەزى مۇنەۋۋەر بلوگ يازغۇچىلاردا بەلكى باشلانغاندىلا بلوگ توغرىلىق مەلۇم تالانىت بولۇشى مومكىن. بىراق كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر بلوگلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدا ھەرگىزمۇ باشلانغاندىلا ياخشى تالانت بولغان ئەمەس، بۇ مۇنەۋۋەر بلوگلار نۇرغۇن ئىسسىق سۇغاقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ تاۋلاپ چىقىرىلغان بولىدۇ. سىز تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلۈك تەجرىبە ۋە تەكلىپلەرنى چۈشۈنۈپ ئىگەللەپ كىتەلىسىڭىز، سىزنىڭ بلوگىگىز چوقۇم ناھايىتى تىزلا مۇنەۋۋەر بلوگقا ئايلىنىپ، سىزنىڭ بلوگ سەپىرىڭىز تېخىمۇ ئۇزۇن، تېخىمۇ سەرخىل، تىخىمۇ جانلىق بولۇپ چىقالايدۇ. ئەلۋەتتە سىزدە بلوگ توغرىلىق ئازراقمۇ ئۇقۇم بولمىسا، سىز ئەڭ ياخسىسى كەينىڭىزگە قايتىپ بلوگ توغرىسىدىكى ئاتالغۇ ۋە تەمسىللەرنى كۆرۈپ چىقىڭ، ئاندىن سىز بلوگ توغرىلىق ئۇقۇم پەيدا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بىر خىل ئۇسلۇپ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىق مۇنەۋۋەر بلوگ تەرەپكە مىڭىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى.

تۆۋەندە بىرقانچە تۈرلۈك تەلەپىپىمنى سىلەرنىڭ ئۈلگە قىلىشىڭلارغا ۋە پايدىنىشىڭلارغا سۇنىمەن. مەن بلوگ تەتقىق قىلىۋاتقىلى ئىككى يىل بولۇپ قاپتۇ، بۇ مەزگىلدە ئۆزۇم يېغىپ ساقلىغان بلوگلار 1000دىن ئاشىدۇ. مەن دائىم زىيارەت قىلىدىغان بلوگلارمۇ نەچچە ئونغا يىتىدۇ. مەن دائىم بۇ مۇنەۋۋەر بلوگلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ناھايىتى ئىخچام يېغىنچاقلاپ چىقتىم.

1. بلوگ ئىگىلىرى ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئىسمىنى ئاشكارلىغان

2. بلوگ، تور بەت ئۇلىنىشلىرىنى ناھايىتى ياخشى ئىشلەتكەن

3. ئۆزىنىڭ بلوگ دائىرسىگە ھەر ۋاقىت پۈتۈن دىققىتى بىلەن دىققەت قىلىپ باشقا نەرسىلەرنىڭ قېتىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆزىدە بىرخىل خاسلىقنى پەيدا قىلغان

بۇنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرسەك:

1. بلوگ مەزمۇنى ھەقىقىسەمىمىلىك بولسا مۇنەۋۋەر بلوگلارنىڭ روھى

سەمىمىلىك بولسا بىر خىل بايلىق. سەمىمىلىك يەنە بايلىق يارىتالايدۇ، مەۋھۇم دۇنيادا تىخىمۇ شۇنداق ئەلۋەتتە. بلوگ دۇنياسىدا سىز بەلكىم بىر نامسىز قەھرىماندۇر. بىراق مۇنەۋۋەر بلوگ بىرخىل سەمىمىلىك تۈسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بلوگدا ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقى ئىسمىنى ئىشلىتىش يەنىلا تەخەللۇس ئىشلىتىش ۋە ئىسمىنى يۇشۇرۇشتىن ياخشى بولىدۇ. بلوگ بولسا ئۆزىنى ئىپادىلەيدىغان، ئۆزىنى باشقىدىن قۇرۇپ چىقىدىغان بىر مەيدان. شۇڭلاشقا سىز پەقەت ئۆز ئىسمىڭىزنى ئىشلەتكەندىلا باشقىلار سىزگە تېخىمۇ ئىشىنىدۇ، سىزنىڭ ئۆزىگىزگە بولغان مەسئۇلىياتچانلىقىىز تېخىمۇ ئاشىدۇ. سىز بۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە نىمىشقا شۇ بويىچە قىلمايسىز؟

2. ئوي پىكىرىنى بىر يەرگە يېغىنچاقلانغان

ئوي پىكىرىنى بىر يەرگە يېغىش بولسا مۇنەۋۋەر بلوگلارنىڭ جېنى ھىسابلىنىدۇ. مۇنەۋۋەر بلوگ قۇرۇپ چىقىشنىڭ يەنە بىر ئاچقۇچى: ئوي پىكىرىنى بىر يەرگە يېغىش. ئاقما ھىساب ياخشى چىقالامدۇ؟ قالايمىقان يىزىلغان مەزمۇن ياخشى بولالامدۇ؟ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن ياخشى بولۇپ چىقالامدۇ؟ ئەلۋەتتە بۇنداق بولۇش ئىنتايىن تەس. بىز بلوگ ئارقىلىق دۇنيانى كۆرىمىز، شۇڭلاشقا بىز چەكلىك كۈچ كۇۋىتىمىزنى بىرخىل چەكلىك بولغان مەزمۇنغا قارىتىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم. بىز ھەر ۋاقىت مەزمۇن تۈرىنىڭ ئوخشاش بولۇپ قېلىشىدىن قوقماي، مەزمۇننىڭ ئوخشاش بولۇپ قېلىشىدىن قۇرقىشىمىز. مەزمۇننىڭ ئاددى بولۇپ قېلىشىدىن قۇقماي، قالايمىقان بولۇپ قېلىشىدىن قورقىشىمىز، مەزمۇننىڭ يىڭى بولىشىدىن قوقماي، بىر قىلىپقا كىرىپ قېلىشىدىن قورقىشىمىزكىرەك. ئەڭ ياخشىسى مەزمۇنىمىز باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ چىققاندا، خاسلىق تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلەنگەندە، سىز بۇ خاسلىق بىلەن سىزنىڭ بلوگ دائىرىڭىزدە چوقۇم تەبىئى ھالدا كۆزگە كۆرىنەلەيسىز.

مەسىلەن: بىر مۇخپىرنىڭ بلوگى ھەر ۋاقىت بىرلا ساھاگە دىققەت قىلسا، ھەتتا بىر شىركەتتە بولسىمۇ مەيلى. ئۇزاق ۋاقىت يېغىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ بلوگى چوقۇم بىر ناھايىتى مول بولغان بىلىم پونكىتىغا ئايلىنىدۇ، ئۇ چاغدا بۇ مۇخپىر بۇ جەھەتتە بىر مۇتەخەسىس بولۇپ يىتىشىپ چىقالايدۇ.

3.قىزىقىش

قىزىقىش بولسا مۇنەۋۋەر بلوگلارنىڭ ھەركەتلەندۇرگۈچ كۈچى

بلوگ يېزىش ھەرگىزمۇ ئاسانلىقچە قانائەت قىلىدىغان ئىش ئەمەس، ھېچ بولمىغاندا سىز ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ مەزمۇنىنى يىڭىلاپ تۇرىشىڭىز لازىم. ھەرگىزمۇ بىر كۈن ئىشلەپ ئىككى كۈن لاغايلايدىغان ئىشنى قىلسىڭىز بولمايدۇ. ئۇنداقتا نىمە سىزنى بۇنداق ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا ياردەم بىرەلەيدۇ؟ دىگەندە مەن ئەلۋەتتە قىزىقىش دەپ جاۋاب بىرىمەن. بلوگ سىزنىڭ قىززىقىشىڭىزنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدۇ. پەقەت سىزدە قىزىقىش بولغاندىلا سىز ئاندىن كىيىن ئۆز مەنپەئىتىىزنى ئويلىمايسىز-دە، ھامان بىر كۈنى ئۆز بلوگىڭىزنىڭ ناھايىتى ياخشى شەخسى تور بايلىقىغا ئايلانغانلىقىنى بايقىيالايسىز.

4.ئۇچۇق ئاشكارە بولۇش

بىر دېڭىزدا ئۆسۇپ چوڭ بولغان پاراخۇت باشلىقى ئۆز كەسپىدە ئىلغار بولۇپ چىقىش-چىقماسلىقى ئۇنىڭ ئۆز كەسپىدە ئالدىدا ماڭغان ماڭمىغانلىقىغا، ئۇنىڭ «كۈندىلىك خاتىرىنى»ياخشى يېزىپ چىققان چىقمىغانلىقى، ئۇنىڭ يازغان خاتىرىسىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بار يوقلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بلوگ يازغۇچىلار بولسا مانا شۇ تور دېڭىزىدا ئالغا ئىلگىرىلىۋاتقان ئادەملەر بۇلىدۇ، ئۇ ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ بايقىغانلىرىنى تاۋلاپ چىقىرىپ باشقىلارنىڭ كۆرىشىگە سۇنىدۇ. مۇنەۋۋەر بلوگلاردىكى مەزمۇنلار ھەرگىزمۇ باشقا يەرلەردىن كۆپلەپ يۆتكەپ ئەكىلىنگەن بولمايدۇ، ئەڭ مۇھىمى باشقا يەردىن ئوخشاش كۆچۈرۇپ كىلىنگەن بولمايدۇ. مۇنەۋۋەر بلوگلاردا باشقا يەرلەردىن ئېلىپ كىلىشكە تىگىشلىك بولغان مەزمۇنلار ئۇلانما ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ بىرىلىدۇ. ئۇلار بۇ ياخشى بولغان مەزمۇنلارنى، ياخشى ئۇچۇرلارنى، ياخشى تور بەتلىرىنى بىزلەرگە ئۇلاپ بىرىدۇ. بلوگ دۇنياسىدا مەزمۇنلارنى ئۇلانما قىلىپ بېرىش ھەرگىزمۇ تورداشلارنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بىرىش بولماستىن، بۇ باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە بولغان بىر خىل ھۆرمەتلەش ھىسابلىنىدۇ. ئۇلانمىلار بولسا يەنىلا بىر مەزمۇن ھىسابلىنىدۇ. پەقەت ئۇلانما بولغاندىلا سىز تور دۇنياسىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆزىڭىز خالىغان بويىچە ئىپادىلەپ بىرەلەيسىز.

5.تىرىشچانلىق

تىرىشچانلىق ۋە مۇستەھكەملىك مۇنەۋۋەر بلوگنىڭ مۇقەررەر يۇلى

قۇرۇق گەپ سېتىش، باشقىلارنىڭ سەخسى سىرىنى ئاشكارلاش، قاتارلىق ئىشلارمۇ بىر تۈركۈم داڭلىق ئادەملەرنى يارىتالايدۇ. بىراق ھەقىقى مۇنەۋۋەر بلوگ ئەلۋەتتە 99پىرسەنىت تىرىشچانلىق بىلەن يارىتىلغان بولىدۇ. بلوگ قۇرۇپ چىقىش دىگەن تور دۇنياسىدا ئۆزىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش، تور دۇنياسىدىن ئۆزىگە بىر ئەينەك تېپىپ چىقىشنى كۆرسىتىدۇ. بلوگ سىزنىڭ ساپارىڭىزنى، ئىقتىدارىڭىزنى، بىلىمىڭىزنى، ئىچكى دۇنيارىڭىزنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ. سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز ئالدىراشتا ئۆتسۇن ياكى بىكارچىلىقتا ئۆتسۇن، سىز مەيلى قانچىلىك جاپا مۇشەققەت تارتىڭ، تور دۇنياسىدىكى سىز ھەر ۋاقىت يىڭىلاشقا مۇھتاج. شۇڭلاشقا تىرىشچانلىق بىلەن ئىزچىل ھالدا داۋاملاشتۇرۇش بولسا مۇنەۋۋەر بلوگلار چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان بىر يول.

6.يېغىپ ساقلاش

يېغىپ ساقلاش بولسا مۇنەۋۋەر بلوگلارنىڭ ھەيۋىسى ھىسابلىنىدۇ

تاما-تاما كۆل بۇلار. بلوگ پەقەتلا ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئىپادىلەشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى بولۇپلا قالماستىن ئۇ يەنە بلوگ يازغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان كۆز نۇرى ئارقىلىق چەكسىز بولغان بولغان تۇرمۇش ۋە تور دۇنياسىدا مېغىزلىق، ياخشى بولغان بىلىملەرنى، ئۇچۇرلارنى، قېزىپ، تاۋلاپ چىقىپ ئۆز بلوگىغا كەلگەن مىھمانلارغا تەقدىم قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئەگەر سىزنىڭ بلوگىڭىز پەقەت بىرلا دائىرگىلا دىققەت قىلغاندا سىز پەقەت سىز مۇشۇ دائىرنىڭ ھەممە نەرسىسىگە دىققەت قىلىسىز، ھەمدە شۇ دائىردىكى ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنى يېغىپ ئۆز بلوگىڭىزغا يېغسىڭىز ،سىزنىڭ بلوگىڭىز ئەڭ ياخشى بولغان تور بەت، كىتاب ۋە ۋاستە، ئەڭ ئىلغار بولغان مۇتەخەسىس ۋە كارخانا ئەڭ مۇھىم بولغان بىلىملەرگە، سىزنىڭ ياخشى بولغان يېزىق قابىلىتىڭىز ۋە ئىپادىلەش قابىلىتىڭىز قوشۇلۇپ يېغىپ چىققان نۇرغۇن نەرسىلەر، سىزنىڭ بلوگىڭىزغا تېخىمۇ كۆپ بولغان ئادەملەرنى جەلىپ قىلالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بلوگىڭىزنىڭ قىممىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ.

7.جەمىيەتتىكى تور

ئەگەر توردىكى مۇنبەرنى بىر ئاممىۋى مەيدان دەپ قارىساق، بۇ مەيداندا ھەرقانداق ئادەم تەرتىپسىز، ھېچ نەرسىگە پەرۋا قىلماي ئۆزىنىڭ دەردىنى ئىپادىيەلەيدۇ. شۇ بۇيىچە ھىسابلىغاندا بلوگ بولسا شەخسى ئۆي ھىسابلىنىدۇ. سىز بولسىڭىز بۇ ئۆينىڭ ئىگىسى ھىسابلىنىسىز، سىزنىڭ بلوگىڭىزغا كەلگەن ھەر بىر ئادەم بولسا مىھمان ھىسابلىنىدۇ، سىز تېرىشىپ ئۆيىڭىزنى رەتلەپ چىرايلىق بىزەپ چىقپ، بۇ ئۆيىڭىزنى توردىكى قەھۋەخانىغا ئايلاندۇرۇپ بولغاندىن كىيىن سىز بلوگ ئادرىسىنى سىزنىڭ دوستىڭىزغا، ساۋاقداشلىرىڭىزغا، خىزمەتداشلىرىڭىزغا ئېيتىپ ئۇلارنىڭ كىلىپ كۆرۈپ بېقىشىنى سىزگە تەكلىپ-پىكىر بىرىشىنى تەلەپ قىلىڭ. ئەلۋەتتە سىز نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ سىزنىڭ نامىڭىزنى ئاڭلاپ كىلىشىنى ئۈمۈد قىلىشىڭىز كىرەك. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ جەمىيەتتىكى تورىڭىز، جەمىيەتتىكى بايلىقىڭىز ھىسابلىنىدۇ، سىز بلوگ يېزىشنىڭ ھەرگىزمۇ بىر خىل زىرىكىشلىك ئويۇن ئەمەس، ياكى ئۇ بىرخىل قىززىقارلىق ئىش ئەمەس، ئۇ بولسا توردىكى ھەقىقى ھايات ھىسابلىنىدۇ.

8. ئۆزىنىڭ مىجەز-خارەكتىرى بويىچە بىر يولدا مېڭىش

كۆپلىگەن بلوگلار يىڭىدىن قۇرۇلغاندا ھەرگىزمۇ پايدا مەنپەتنى كۆزلىگەن بولمايدۇ. بلوگ يېزىش ھەرگىزمۇ بىر خىل زىرىكىشلىك ئويۇن ئەمەس ۋە ياكى بىرخىل كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى ئەمەس. بلوگ ھېچ بولمىغاندا ئۆزىڭىزگە خۇشاللىق ئەكىلەلىشى، دوستلارنى ئۆزىگە قەلىپ قىلالالىشى كىرەك. سىز ئۆز بلوگىڭىزنى بىرخىل رەسمى بولمىغان بىلىم باشقۇرۇش قۇرالىغا، شەخسى ماتىريال پونكىتىغا، شەخسى پىكىر ئالماشتۇرۇش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇپ چىقالايسىز. سىز ئۆز خارەكتىرىڭىز بىلەن ئىش قىلغاندا بىلوگىڭىزنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرالايسىز. سىز ئۆزىڭىزنىڭ قىززىقىشىنى، تۇرمۇشىنى، خىزمەتلىرىنى بلوگ ئارقىلىق ئىپادىلەپ بىرىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى باشقىلارغا تۇنۇشتۇرىسىز، سىز بلوگىڭىزدا كۆپ خىل بولغان ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرىنى تەمىنلەش ئارقىلىق كۆپلىگەن ئۇقۇرمەنلەرنىڭ سىزگە ئىنكاس قالدۇرشىغا، پىكىر بىرىشىگە پۇرسەت يارىتىشىڭىز كىرەك. چۈنكى ھەرقاندان ئوقۇرمەننىڭ سىزدىن ياخشى بولغان تەرىپى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سىزگە بولغان پىكىرلەر تور بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، توردىن سىرتقى ۋاقىتلاردىمۇ سىزگە تېخىمۇ ياخشى بولغان پىكىرلەرنى بىرىپ سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىشىغا ياخشى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بىرەلەيدۇ.

9. پىسخىك ھالەت

بلوگ بولسا سىزنىڭ پىسخىك ھالىتىڭىزنى ئىپادىلەپ بىرەلەيدۇ. سىز بلوگ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ پىسخىك ھالىتىنى ئىپادىلەپ بىرىشىڭىز كىرەك . ئۇنداق قىلمىغاندا سىزنىڭ بلوگىڭىز مۇنەۋۋەر بلوگلارغا يېقىنلىشالمايدۇ. ھەر قانداق بىر ئادەم ئۆزىنىڭ كەسپى بىلىملىرىنى توختىماي ئۆز كاللىسىغا يىققاندا ئۇ ئاندىن دوكتۇر بولۇپ چىقالايدۇ. تور دۇنياسىدىكى بىر ئادەم بولسا ياخشى بولغان مەزمۇنلارنى كۆپچىلىك بىلەن بىرگە ئورتاقلاشتۇرالىسا ئۇ ئاندىن ياخشى بلوگگېر بولۇپ چىقالايدۇ. بىر ئادەم ئەگەردە بىر ئۆمۈر بىلىم ئىگەللىسە ئۇ چوقۇم مۇتەخەسىس بولۇپ چىقالايدۇ. ئەگەر بىر بلوگ ھەر ۋاقىت ياخشى بولغان مەزمۇنلارنى كۆپچىلىككە سۇنالىسا بۇ بلوگ چوقۇم مۇنەۋۋەر بلوگ بولۇپ چىقالايدۇ. سىز تور دۇنياسىدا توختىماستىن ياخشى نەرسىلەرنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشتۇرالىسىڭىز، سىزنىڭ بلوگىز ئەلۋەتتە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر قوزغىيالايدۇ.

10. ئۇلانما

ئۇلانمىلار بولسا مۇنەۋۋەر بلوگلارنىڭ «يادرو قۇرالى» ھىسابلىنىدۇ

ئەگەر سىزنىڭ يېزىقچىلىقتا كۆزگە كۆرۈنگىدەك تالانتىڭىز بولسا، سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ مۇنەۋۋەر بلوگ بولىشى ناھايىتى ئاسان ئىش. ياخشى بولغان يېزىقچىلىق تالانتى بولسا، مۇنەۋۋەر بلوگ بولۇشنىڭ ئاساسلىق تەلىپى ھىسابلىنىدۇ. ئەمما سىزدە يېزىقىلىق تالانتى بولمىسىمۇ سىزنىڭ بلوگىڭىز مۇنەۋۋەر بلوگ بولۇپ چىقالايدۇ. چۈنكى بلوگدىكى كۆپلىگەن مەزمۇنلارنى ئۆزنىڭىزنىڭ يازمىسىڭىزمۇ، سىز ئۇلانما ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. سىز پەقەت بۇ كەڭ تور دۇنياسىدىن ياخشى بولغان نەرسىلەرنى تېپىپ ئۆز بلوگىڭىزغا يېغسىڭىز سىزنىڭ بلوگىڭىز يەنىلا مۇنەۋۋەر بلوگ بولۇپ چىقالايدۇ. ھەر قانچە بولسىمۇ ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ئىدىيىسى ۋە تەپەككۇرى ئەلۋەتتە چەكلىك بولىدۇ. بىراق تور دۇنياسى چەكسىز. پەقەت سىز چەكلىك بولغان ئىقتىدارىڭىز بىلەن چەكسىز بولغان تور دۇنياسىنى ئىپادىلەپ بىرىش مۇنەۋۋەر بلوگ بىر چىگراسى ھىسابلىنىدۇ. داڭلىق بولغان خەۋەر بلوگى، ئۇچۇر بلوگلىرىنىڭ ئۇلانما ئىشلەتمەيدىغىنى يوق ئەلۋەتتە. شۇڭلاشقا سىز چوقۇم ھەممە يەرگە قولى يىتىدىغان بۇ ئۇلانمىنى ئەپچىللىك بىلەن ئىشلىتىشىڭىز كىرەك.

مەنبە: http://blog.ilqut.com/index.php/archives/127.html

يازما يارىغان بولسا ئىنكاس يىزىپ ئىلانلارنى چىكىپ قويۇڭ، بۇ قوللىشىڭىز كىيىنكى قىتىملىق نادىر يازمىنىڭ يوللىنىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، ئۆز ئارا قوللىغاندىلا تەرەققى قىلغىلى بولىدۇ

يازما ئاپتورى:
UYBBJبلوگ ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: بلوگىمىز مەخسۇس بلوگ بىلىملىرىنى يىغىپ بلوگ بىلىملىرى ئالبۇمى قىلىش ئۈچۈن بۇ بلوگنى قۇردى، شۇ سەۋەب ھەر قايسى بلوگلاردىن بلوگگىرلار بلوگ يىزىش جەريانىدا يولۇقۇپ ھەل قىلىپ ئۆتكەن بىشىدىن ئۆتكەن ساۋات ۋە باشقا بىلىملىرىنى يوللاپ ئورتاقلاشقانلارنىڭ تىمىسىنى ئەسلى مەنبەنى ئىنىق ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ ئىلان قىلىدۇ، ھەر قايسى ئۇستازلارنىڭ قوللاپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ھەممىسى ئۇيغۇر بلوگ چىلىقى ئۈچۈن!
يازما سەھىپىسى: [ بلوگ بىلىملىرى ]
يازما مەنزىلى: بىر مۇنەۋۋەر بلوگ قانداق تاۋلىنىپ چىقىدۇ؟ بلوگگېرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانىغا دىققەت قىلىڭ… [ يازما ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش: ]
(يازما ھوقوقى ئەسلى ئاپتورغا تەۋە! كۆچۈرسىڭىز ۋە ياكى بىرەر مەسىلىگە يولۇقسىڭىز ئەسلى مەنبەگە كىرىپ سوراڭ.)

قالدۇرۇلغان ئىنكاس: 0 دانە ئىنكاس يوللاش

  1. ۋاقتىنچە ھېچقانداق ئىنكاس قالدۇرۇلمىدى! نېمىشقا سىز قالدۇرۇپ قويمايسىز؟

ئىنكاس يوللاش

回到页首