باش بەت » بلوگ بىلىملىرى »

يازمىنىڭ ھەممىسى باش بەتتە كۆرۈنۈۋالدى قانداق قىلىمەن؟

ۋاقىت: 2012-03-02 10:21 / كۆرۇلىشى: 46 / باھا: 0 ئىنكاس يوللاش
خەتكۈچلەر:

ئادەتتە بىز يازما يوللىغاندا يازمىنى يوللىۋەتسەك باش بەتتە يازمىنىڭ پۈتۈن چىقىپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز، بەزەن ئۇسلۇبلارنىڭ ئىقتىدارىدا مەلۇم ھەرىپ باش بەتتە كۆرۈنسۇن دىگەن چەكلىمە بار، شۇڭا ئۇنداق ئۇسلۇبلاردا خاتىرجەم يوللاۋىرىدۇ، يەنە بەزى ئۇسلۇبلاردا ئۇنداق ئىقتىدار يوق، ئۇنداقتا بىز قانداق قىلىپ يازمىنىڭ ئۆزىمىز خالىغان يىرىنى باش بەتتە كۆرسىتىپ قالغىنىنى كىيىنكى بەتتە كۆرسىتىمىز، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىقتىدار بلوگنىڭ ئۆزىدىلا بار، لىكىن يەنە بەزەن يىڭى دوستلىرىمىز بۇ قۇرالغا تەگسە بلوگ پارتىلاپ كىتىدىغاندەك سىناپ باقمايلا باشقىلاردىن ياردەم سوراپ كىلىۋاتىدۇ، ئۇنداقتا بۇنى ئاددى بولسىمۇ سۆزلەپ ئۆتەي.

ئاۋۋال سىز مەزمۇننى يىزىۋىلىڭ، ئاندىن يازمىنىڭ قانچىلىك بۆلىكىنى باش بەتتە كۆرسىتىمەن دىسىڭىز مۇندا قىلىڭ، بۇنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار، بىرسى ‹‹ ئۇزۇندە ›› دىگەن كۆزنەككە ئۆزىمىز باش بەتتە كۆرسەتمەكچى بولغان خەتنى كۆچۈرۈپ چاپلاپ قويۇش، يەنە بىرسى يازمىنى پارچىلاش.
بىرىنجى ئۇسۇلنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
يازما يىزىش كۆزنىكىنىڭ ئەتراپىغا قارىسىڭىز مۇنداق بىر كۆزنەكنى كۆرىسىز.

ئەگەر «« ئۇزۇندە »» دىگەن كۆزنەكنى ئۇچراتمىسىڭىز كۆرسىتىش تاللاشلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئۇزۇندە دىگەننىڭ ئالدىغا بەلگە قويسىڭىز كۆرۈنىدۇ.


ئاندىن شۇ يەرگە سىز باش بەتتە كۆرسەتمەكچى بولغان مەزمۇننى چالاپ ئاندىن يازمىنى ئىلان قىلسىڭىز بولىدۇ.

ئىككىنجى خىل ئۇسۇل:
يازما پارچىلاش، يازمىنى يىزىپ بولغاندىن كىيىن سىز باش بەتتە كۆرسەتمەكچى بولغان مەزمۇننىڭ ئالدىغا بىر قىتىم چىكىسىز.
مىسال : ««ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم»».
سىز بۇ يەردىكى ««ئەسسەلامۇ»» دىگەن سۆزنى باش بەتتە كۆرسىتىپ «« ئەلەيكۇم »» نى يازما بىتىدە كۆرسەتمەكچى بولسىڭىز «« ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم »» نىڭ ئوتتۇرسىغا مائۇس بىلەن بىر چىكىڭ.

قارىسىڭىز ئاشۇسىزچەككەن خەتنى بىر نەرسە ئىككى پارچىگە ئايلاندۇرۋىتىدۇ، مۇشۇ بويىچە يازمىنى يوللىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.

يازما يارىغان بولسا ئىنكاس يىزىپ ئىلانلارنى چىكىپ قويۇڭ، بۇ قوللىشىڭىز كىيىنكى قىتىملىق نادىر يازمىنىڭ يوللىنىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، ئۆز ئارا قوللىغاندىلا تەرەققى قىلغىلى بولىدۇ

يازما ئاپتورى:
UYBBJبلوگ ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: بلوگىمىز مەخسۇس بلوگ بىلىملىرىنى يىغىپ بلوگ بىلىملىرى ئالبۇمى قىلىش ئۈچۈن بۇ بلوگنى قۇردى، شۇ سەۋەب ھەر قايسى بلوگلاردىن بلوگگىرلار بلوگ يىزىش جەريانىدا يولۇقۇپ ھەل قىلىپ ئۆتكەن بىشىدىن ئۆتكەن ساۋات ۋە باشقا بىلىملىرىنى يوللاپ ئورتاقلاشقانلارنىڭ تىمىسىنى ئەسلى مەنبەنى ئىنىق ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ ئىلان قىلىدۇ، ھەر قايسى ئۇستازلارنىڭ قوللاپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ھەممىسى ئۇيغۇر بلوگ چىلىقى ئۈچۈن!
يازما سەھىپىسى: [ بلوگ بىلىملىرى ]
يازما مەنزىلى: يازمىنىڭ ھەممىسى باش بەتتە كۆرۈنۈۋالدى قانداق قىلىمەن؟ [ يازما ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش: ]
(يازما ھوقوقى ئەسلى ئاپتورغا تەۋە! كۆچۈرسىڭىز ۋە ياكى بىرەر مەسىلىگە يولۇقسىڭىز ئەسلى مەنبەگە كىرىپ سوراڭ.)

قالدۇرۇلغان ئىنكاس: 0 دانە ئىنكاس يوللاش

  1. ۋاقتىنچە ھېچقانداق ئىنكاس قالدۇرۇلمىدى! نېمىشقا سىز قالدۇرۇپ قويمايسىز؟

ئىنكاس يوللاش

回到页首