باش بەت » قىستۇرما »

ئارقا بەتتە يازما سىتاستىكىلىغۇچ نىڭ ئۇيغۇرچىسى ھەقسىز تارقىتىلدى

ۋاقىت: 2011-09-23 22:00 / كۆرۇلىشى: 1677 / باھا: 31 ئىنكاس يوللاش
خەتكۈچلەر:

بۇ قىستۇرمىنى ئۇيغۇربەگ ئەپەندىم ئۇسلۇبلار بلوگىغا قاچىلىغان ئىدى، قارىسام ساپلا ئىنگىلىزچە ئىكەن، تازا ياخشى چۈشىنەلمەي ھەم ئۇ چۈشەنمىگەن خەتلەرگە قاراپ سەل ئىچىم سىقىلىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىمدا تەرجىمە قىلىپ پۈتتۈرۋەتتىم، ئىنگىلىز تىلىنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن بۇنى ئىنگىلىز تىلىدىن خەنزۇچىغا خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىش جەريانىغا خىلى ۋاقىت كەتكەن بولسىمۇ خىلى بولىدىغان سىتاستىكا ئىكەن، بۇ سىتاستىكا ئارقىلىق قايسى يازمىنىڭ بۈگۈن قانچە قىتىم كۆرۈلدى، ھەپتىدە قانچى قىتىم كۆرۈلدى ئايدا يىلدا دىگەندەك تەپسىلاتلارغا دىققەت قىلىش ئارقىلىق بلوگىمىزدىكى يازمىلارنىڭ قايسىسىنىڭ كۆپ كۆرۈلۈپ قارشى ئىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولىدىكەن، بۇنداق بولغاندا قارشى ئىلىنىۋاتقان يازمىغا قاراپ قانداق تۈردە يازما يىزىش يۆلىنىشىمىزنى بەلگىلىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ قىستۇرما خىلى ياخشى ئىكەن، خىلى ئەجىر قىلغان بولساممۇ مىنى قوللاپ كىلىۋاتقان دوستلارغا ھەدىيە قىلىش سۈپىتىدە دوستلارنىڭ ھوزورىغا سۇندۇم.

قىستۇرما رەسىملىرىدىن بىر قانچە رەسىم كۆرۈپ باقايلى!

 

لازىم بولغان دوستلار ئىنكاس يازارسىلەر، ئىلخەت ئادرىسىڭلارنى قالدۇرۇشنى ئۇنۇتمىغايسىلەر، ھەم قىستۇرما يارىغان بولسا نەچچە سائەتلىك ئەجرىم بەدىلىگە 1 مىنۇتلۇق ۋاختىڭىزنى چىقىرىپ ئۈنۈملۈك ئىلان چىكىپ قويغايسىز قىرىندىشىم!

ئۆز ئارا قوللاش تىخىمۇ چوڭ تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈردۇ!

يازما يارىغان بولسا ئىنكاس يىزىپ ئىلانلارنى چىكىپ قويۇڭ، بۇ قوللىشىڭىز كىيىنكى قىتىملىق نادىر يازمىنىڭ يوللىنىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، ئۆز ئارا قوللىغاندىلا تەرەققى قىلغىلى بولىدۇ

يازما ئاپتورى:
دىمىسەممۇ بىلىسىلەر بۇ ئەلشات دىگەن بالىنى، ئۇسلۇبمۇ تەرجىمە قىلىدۇ، بلوگ بىلىملىرىمۇ يوللايدۇ، بەزىدە ئۇرۇش تالاش قىلىپمۇ قويىدۇ،
يازما سەھىپىسى: [ قىستۇرما ]
يازما مەنزىلى: ئارقا بەتتە يازما سىتاستىكىلىغۇچ نىڭ ئۇيغۇرچىسى ھەقسىز تارقىتىلدى [ يازما ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش: ]
(يازما ھوقوقى ئەسلى ئاپتورغا تەۋە! كۆچۈرسىڭىز ۋە ياكى بىرەر مەسىلىگە يولۇقسىڭىز ئەسلى مەنبەگە كىرىپ سوراڭ.)

قالدۇرۇلغان ئىنكاس: 31 دانە ئىنكاس يوللاش

  1. تۇران تېكىن مۇنداق يازغان:

    كۆپ ئەجىر قىلىپسىز، رەھمەت سىزگە!
    يالغۇز يىسە يەرگە سىڭەر، بىرگە يىسە تەنگە سىڭەر!!!

  2. سەھرايىم مۇنداق يازغان:

    جانغا ئەسقاتىدىغان يازمىلارنى يىزىۋاتىسىز جۇمۇ ئەلشاتجونننننننننننن ھارمىغايسىز !!

  3. ئۆزقان مۇنداق يازغان:

    ئۇستاز بىلوگگېر بوپقالغىلىۋاتىسىز جۇمۇ، ئەلشاتجان! :arrow:

  4. بوغلان مۇنداق يازغان:

    مۇبارەك بولسۇن. بلوگ ئۇسلۇبىڭىزمۇ بەك ئېسىل بولۇپ كېتىپتۇ.
    بۇ قىستۇرمىمۇ بەك پەيزى قىستۇرمىدەك قىلىدۇ.
    بىزگىمۇ تېگەرمۇ يا؟

    • ئەلشات مۇنداق يازغان:

      ۋاي تەگمەمدىغان ئەڭ ئالدى نوچى يىرى تىگىدۇ دىسلە تىخى ھى ھى ھى ( چاقچاق ) ئەۋەتىۋەتتىم تاپشۇرۋىلىڭ!

  5. راشىيدە مۇنداق يازغان:

    ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم
    ئىگىمىز اللە ئىلمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلغاي…
    ماڭامىمۇ لاھىمتى …ئېغىر كۆرمەي ياردەمدە بولاسىز…

  6. ئۇزۇق مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ.
    مەنمۇ ئىھتىياجلىقتەك تۇرىمەن بۇ قىستۇرمىغا ماڭىمۇ ئەۋەتىب بەرسىڭىز

  7. ئۇدۇن مۇنداق يازغان:

    ماۋۇ قىستۇرما بولىدىغاندەك جۇما،مەنمۇ ئىزلەپ كىلىۋىدىم.
    ئەجرىڭلەرغا رەھمەت! ماڭىمۇ ئەۋەتىپ قويسىڭىز!

  8. قاراخان مۇنداق يازغان:

    ماڭىمۇ بىر نۇسخا ئەۋەتپ بەرگەن بولسىڭىز

  9. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    ئەمدى تارقىتامدۇق يا؟ :shock:

  10. ئۇزۇق مۇنداق يازغان:

    بولدىلا مەن قاچىلىمايچۇ. قايسى كۈنى ئىنكاسچىنىڭ باش سۈرتىنى چىقىرىدىغان قىسقۇچنى قاچىلىسام تاس قالدى بلوگىم ئاپراتسىيە بولغىلى…..

  11. ئاقدۆڭ مۇنداق يازغان:

    ھەي بۇرادەرلەر ،بۇ قىستۇرمىلارنى نەدىن چۈشۈرىمەن.ئېنىق قىلىپ قويساڭلار.

  12. رازىيە مۇنداق يازغان:

    ياخشى قىستۇرمىكەن، ماڭىمۇ يوللاپ بەرسىڭىز. :arrow:

  13. tilhumar مۇنداق يازغان:

    ماڭىمۇ يوللاپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.ئېلاندىن تازا دەسسەپ قويدۇم.

  14. ئاقدۆڭ مۇنداق يازغان:

    رەخمەت سىزگە.ماڭىمۇ ئەل قاتارى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز.
    مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق ئېسىل بىلىملەرنى يوللىغاندا ھەممەيلەنگە ئۇچۇر قىلىۋەتسىڭز . :idea:

    • ئەلشات مۇنداق يازغان:

      قىستۇرما ئەڭ يىڭى يازمىدا تارقىتىلىپ بولدى. بىلىم لازىم بولسا ئەلشاتتىن قەدىمىڭىز ئايرىلمىغاي

  15. ئىشقىيار مۇنداق يازغان:

    ماڭىمۇ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز ، سىزگە كۆپ رەھمەت!!!
    ishqiyar@yahoo.com

  16. كىتابپۇرۇش مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ماڭىمۇ يوللاپ بەرسىڭىز بوپتىكەن بۇرادىرىم. :smile:

ئىنكاس يوللاش

回到页首