باش بەت » دەرىسلىك »

زىيارەت سانىنى ئاشۇرۇش دەرىسلىكى يوللاندى

ۋاقىت: 2011-07-11 01:32 / كۆرۇلىشى: 1713 / باھا: 19 ئىنكاس يوللاش
خەتكۈچلەر:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار: نەچچە ۋاقىتتىن بىرى مۇشۇنداقراق بىر تېما يوللاش مەقسىتىم بار ئىدى مانا ئاخىرى بۈگۈن يازمىنى يازدىم. دەرىسلىكنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى يىڭى بلوگ يېزىۋاتقان دوستلىرىمىزنىڭ بلوگنىڭ زىيارەت سانىنى قانداق ئاشۇرۇش، قايسى ئۇسۇللاردا ئاشۇرۇش، قانداق ئىشلارغا دىققەت قىلىش، بلوگ يازغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش، نىمىلەرگە ئەھمىيەت بىرىش، قانداق ئىشنى قىلماسلىق، قانداق ئىشنى چوقۇم قىلىش، دىگەندەك بىر قاتار ئۇسۇللارنى ئۆزۈمنىڭ بىشىدىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلەرنى دەرىسلىك قىلىپ سۆزلەش ئارقىلىق يىڭى بلوگ يىزىۋاتقان دوستلارنى يىتەكلەشنى مەقسەت قىلدىم، دوستلارنىڭ دەرىسلىكنى قىتىقىرقنىپ ئاڭلاپ بىقىشىنى بۇ دەرىسلىكنىڭ دوستلارغا ئازراقمۇ ياردەمدە بولالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ دەرىسلىكىمنىڭ دوستلارغا ئازراقمۇ بولسا پايدا ئىلىپ كىلەلىگەن بولسا مەن دەرىسلىكنى ئىشلىگىنىمدىن خۇشال بولغان بولاتتىم،  دەرىسلىكنى ئاۋازلىق قىلىپ ئىشلىدىم ، يازما قىلىپ يازسام خەت يىزىشنى ئاۋارچىلىق كۆرۈپ بەزەن بىر ئۆزىمىزئۈچۈن كىچىك بىلىنگەن كىچىك نۇقتىلار باشقىلار ئۈچۈن چوڭ بىر مەسىلەپ بولۇپ قىلىشى مۇمكىن ، شۇنداقلا ھازىر كۆپىنچە دوستلىرىمىزغا بۇنداق كۆپ خەتنى ئوقۇش خوش ياقمايدۇ، شۇڭا دەرىسلىكنى ئاۋازلىق قىلساق دەرىسلىكنى قويۇپ قويۇپ ئولتۇرۇپ ئىش قىلسا شۇنداقلا بىكار قالغان ۋاقىتلىرىدا ئاڭلىسا تىخىمۇ ياخشى ئۈنۈم بولىدۇ دەپ ئويلاپ دەرىسلىكنى ئاۋازلىق قىلىپ ئىشلىدىم، بۇ مەخسەتلەر يەنىلا دوستلارنى كۆزدە تۇتۇلۇپ دەرىسلىك ئاۋازلىق قىلىندى، دەرىسلىكنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنىمۇ تەمىنلىدۇق، چۈشۈرۈپ ئاڭلىساڭلار بولىدۇ،  بىرەر يەرگە ماڭغان ۋاقىتلاردا تىڭشىغۇچ ئارقىلىق ئاڭلاپ ماڭسا تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن،

قىنى ئەمىسە دەرىسلىكنى ئاڭلاپ باقايلى:ئالدىنقى قىتىملىق دەرىسلىكلەردە ئاۋاز بەك تۆۋەن دەپ ئىنكاسلار بولغاچقا بۇ قىتىم خىلى يۇقىرى ئاۋازدا ئالدىم، [ تاس قالدى كارنىيىم يىرتىلىپ كەتكىلى] ھى ھى ھى! چاخچاق

دەرىسنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ

بۇ بوشلۇققا تۇنجى قىتىم mp3 ھۆججىتى يوللىشىم بولغاچقا mp3 ھۆججەتنى چۈشۈرۈشكە تىزىملىتىڭ دەيدىغانلىقىنى بىلمەپتىمەن، بىر دوستىمىزنىڭ ئىنكاس قىلغان ئىدى، دەرھال ھۆججەتنى پىرىسلاپ بوشلۇققا قايتا يوللىدىم، ئەمدى تىزىملىتىڭ دىگەن ئۇچۇر چىقىۋالمايدۇ، خاتىرجەم چۈشۈرۋالساڭلار بولىدۇ،  باشتا چۈشۈرەلمىگەن دوستلار ئەمدى قايتا چۈشۈرۋالساڭلار بولىدۇ

دەرىسلىكنى چۈشۈرۈڭ.

دەرىسلىكنى چۈشۈرۈپ بولۇپلا قىچىپ كەتمەي ئىنكاس يىزىپ قويارسىلەر، ئىنكاس يازمىساڭلار شۇ دەرىسلىك يارىماپتۇ دەپلا ئويلايمەن، ئاندىن كىيىن دەرىسلىك يوللاش خوش ياقماسلىقى مۇمكىن، ھى ھى ھى!  لىكىن دەرىسلىكنى ئاڭلاپ بولۇپ تەسىراتىڭلارنى يىزىڭلار، ھى ھى ھى!

 

 

يازما يارىغان بولسا ئىنكاس يىزىپ ئىلانلارنى چىكىپ قويۇڭ، بۇ قوللىشىڭىز كىيىنكى قىتىملىق نادىر يازمىنىڭ يوللىنىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، ئۆز ئارا قوللىغاندىلا تەرەققى قىلغىلى بولىدۇ

يازما ئاپتورى:
دىمىسەممۇ بىلىسىلەر بۇ ئەلشات دىگەن بالىنى، ئۇسلۇبمۇ تەرجىمە قىلىدۇ، بلوگ بىلىملىرىمۇ يوللايدۇ، بەزىدە ئۇرۇش تالاش قىلىپمۇ قويىدۇ،
يازما سەھىپىسى: [ دەرىسلىك ]
يازما مەنزىلى: زىيارەت سانىنى ئاشۇرۇش دەرىسلىكى يوللاندى [ يازما ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش: ]
(يازما ھوقوقى ئەسلى ئاپتورغا تەۋە! كۆچۈرسىڭىز ۋە ياكى بىرەر مەسىلىگە يولۇقسىڭىز ئەسلى مەنبەگە كىرىپ سوراڭ.)

قالدۇرۇلغان ئىنكاس: 19 دانە ئىنكاس يوللاش

  1. قىزىل دەريا مۇنداق يازغان:

    بۇ دەرسلىك MP3 بولغان بىلەن ھەقىقەتەن ئېسىل تېما بوپتۇ،مەزمۇنلۇق بوپتۇ، مەن ھازىرغىچە ئاڭلاۋاتىمەن.
    تېخمىمۇ تىرىشىڭ.
    http://www.kizildarya.com

    • ئەلشات مۇنداق يازغان:

      مانا دەرىسلىكنى ئاڭلاپ ئازراق پايدىسى بوپتۇ، ئىنكاس يىزىپ بلوگىنى تەشۋىق قىلىشنى باشلىدى، :mrgreen: :idea:

  2. قانۇنچىلىق مۇنداق يازغان:

    مەن ئاڭلاپ باقاي قېنى مەن يىڭى بىلوگگىر بولىمەن

  3. شۇڭقارى مۇنداق يازغان:

    دەرىسلىكنى ناھايىتى ياخشى ئشلەپسىز ئەلشات ئەپەندى ! :idea:
    جاپا تارتتىڭىز رەخمەت !
    قۇرۇق رەخمەتكە بىر نەرسە كىلەمدۇ دەپ قالدىڭىز ھە ، ھى ھى ….. :mrgreen:
    ئىلاننى دەسسەشنى ئۇنتۇمىدىم

  4. ھەزرەت مۇنداق يازغان:

    دەرسىڭلا توختاپ قالمىسۇن ھە !

  5. ئاقدۆڭ مۇنداق يازغان:

    ئەلشات ئەپەندى ،سىزنىڭ بۇ قېتىملىق دەرسىڭىزنى ئاڭلاپ بەكمۇ سۆيۈندۈم.شوڭىلاشقا بۇ قىممەتلىك دەرسىڭىزنى ئىككى قېتىم تەپسىلى ئاڭلاپ چىقتىم.مەن بۇندىن كېيىن يېڭى قۇرغان http://www.aqdong.com بىلوگىنى قانداق باشقۇرۇش،نىمىلەرنى يېزىش،زىيارەتچى سانىنى قانداق ئاشۇرۇش توغىرسىدا خېلى چوڭقۇر ساۋاتقا ئېرىشتىم.سىزگە كۆپ رەخمەت. :smile:

  6. نەقىش مۇنداق يازغان:

    بۇ تىمىنى ئاڭلاپ مەن bayliq نى كورگەندەك بولدۇم

  7. نۇرلۇق مۇنداق يازغان:

    پاھ… ھەقىقەتەن ئېسىل تېما، تېمى بولا مانداق ئاۋازلىق بولا :mrgreen: ، رەھمەت سىزگە ئەلشات بۇرادەر…

  8. ئەلشات مۇنداق يازغان:

    سىلەرگە يارىغان بولسا مەن شۇنىڭدىن خۇشال. :idea:

  9. بىلىملەر تورى مۇنداق يازغان:

    ئەلشات ئاداش، ماۋۇ ئىنكاس يېزىش ئورنىنى بىر تەكشۈرۈپ باقسىڭىز، Firefox تا مەزمۇن ئورنى كەڭ چىقىپ قېلىپ ئاستىغا چۈشۋاپتۇ.
    سىز بايلىق بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسىما؟

    • ئەلشات مۇنداق يازغان:

      ھى ھى ! دەل شۇ. لىكىن مەن ئەزەلدىن Firefox ئىشلىتىمەن. بىنۇرمالسىزلىقنى بايقىمىدىمغۇ

  10. بىلىملەر تورى مۇنداق يازغان:

    http://i653.photobucket.com/albums/uu255/bilimlar/a16a6723.jpg
    بۇنى نۇرمالسىزلىقمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىمغۇ مەن.
    ما بلوگنى ياخشى ئېچىپسىز جۇمۇ … GG كىرىمدىن ئۇسلۇب كىرىمى ياخشىكەن ئەمەسمۇ :razz:

    • ئەلشات مۇنداق يازغان:

      بىلىملەر ئەپەندىنىڭ تۈزۈتىش بەرگىنىگە كۆپ رەھمەت. راستىنلا شۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت ئىكەن، ئوڭشىۋەتتىم

  11. ئەركان مۇنداق يازغان:

    رەھمەت سىزگە، بولسا مىنىڭ تاغتۇرارىمغىمۇ بېرىپ قويارسىز :cool: :cool:

  12. xarari007 مۇنداق يازغان:

    رەھمەت سىزگە، بولسا مىنىڭ تاغتۇرارىمغىمۇ بېرىپ قويارسىز

  13. ئىزدەن مۇنداق يازغان:

    رەھمەت سىزگە، مىنىڭ تۇرايىمغىمۇ بېرىپ قويارسىز!!!

  14. ئاغىنىلەر مۇنداق يازغان:

    ماۋۇ دەرىسلىكتىن باشقىچە ئىلھاملاندىم جۇمۇ رەھمەت بىزنىڭ چۆللەرگە بىرىپ قوياسىلەر http://ahenelar.com

  15. yadikar مۇنداق يازغان:

    مەن يېڭىدىن بىر بلوگ قۇرغان ئىدىم.سىزنىڭ بلوگ ھەققىدىكى دەرس ۋە قىستۇرمىلىرىڭىز بەك ئەسقاتتى. سىزگە رەھمەت دوستۇم. بۇ ئاۋاز دەرسمۇ ياخشىكەن.

ئىنكاس يوللاش

回到页首