باش بەت » بلوگ بىلىملىرى »

كومپىيۇتىردا بلوگ قۇرۇش دەرىسلىكى

ۋاقىت: 2011-12-11 17:00 / كۆرۇلىشى: 1862 / باھا: 31 ئىنكاس يوللاش

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دوستلار مەن بىر ھەپتىدىن بىرى توربەت ياساشنى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن ئەقىدە شىركىتىگە كىرگەن كۈندۈزى شۇ يەردە بولۇپ بلوگقا تۈزۈكرەك تىمىمۇ يوللىيالماپتىمەن، بۈگۈن يەكشەنبە بولغاچقا شىركەتكە بارمىغان، شۇڭا بۈگۈن ۋاقتىمنى چىقىرىپ بلوگ بىلىملىرىدىن بىرنى سۆزلىۋىتەي دەپ بۇ يازمىنى يازدىم قىنى ئۇنداقتا دەرىسنى باشلاپ كىتەيلى!

بىز ئاۋۋال كومپىيۇتىرىمىزغا php مۇھىتى ھازىرلىشىمىز كىرەك, بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرخىل دىتاللار كۆپ مەن بۇ يەردە uyghurweb.com تورىنىڭ تارقاتقان php  مۇھىتى ھازىرلاش دىتالىنى تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى بۇ دىتالدا php مۇھىتى ھازىرلاش ناھايتى ئاسان، قىنى ئۇنداقتا دىتالنى چۈشۈرۋىلىڭ.  چۈشۈرۈش

چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن دىتالنى قاچىلايمىز، ( c دىسكىدىن باشقا دىسكىغا قاچىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن) قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن قاچىلىغان ھۆججەت ئىچىگە قارىساڭلار مۇنداق بىر ھۆججەتنى كۆرىسىلەر

ئاشۇ ھۆججەتنى قوش چىكىڭ، بىردەم ساقلاپ تۇرسىىز بىرمۇنچە نەرسىلەر قاچىلىنىدۇ، ئاندىن سىزدىن پارول سورايدۇ، پارول بىكىتىپ بىرىڭ، قانداق پارول بولسا بولىۋىرىدۇ، بۇ پارولنى ئىسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ، بىردەمدىن كىيىن لازىم بولىدۇ. پارولنى بىكىتىپ بەرگەندىن كىيىن كومپىيۇتىرىڭىزغا php مۇھىتى ھازىرلانغان بولىدۇ. ئەمدى توردىن wordperss چۈشۈرۈڭ. ئاندىن كىيىن ئۇنى پىرىستىن يىشىپ بۇ ھۆججەتنىڭ ئىچىگە قويۇڭ. ( ئىسىڭىزدە بولسۇن بۇ ھۆججەت سىزنىڭ باش بەت مۇندەرىجىڭىز )

ئاشۇ ھۆججەت ئىچىدىكى index.php دىگەن ھۆججەتنى ئۆچۈرۋىتىڭ.

ئەمدى تور كۆرگۈچنىڭ ئادرىس يىزىش سىتونىغا http://localhost/wordpress دەپ يىزىڭ ( wordpress دىگەن بۇ ئىسىم index.php ھۆججىتىنىڭ يىنىدسىكى ھۆججەتنىڭ ئىسمى شۇ، ئەگەردە ئۇ ھۆججەتنىڭ ئىسمىنى باشقىچىراق قويغان بولسىڭىز wordpress دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىز قويۇۋالغان ئىسىمنى قويسىڭىز بولىدۇ)

ئەگەر تۆۋەندىكى خەتنى كۆرەلىسىڭىز مۇۋەپپىقىيەتلىك بوپتۇ دەپ ھىسابلىسىڭىز بولىدۇ.


ئۈستىدىكى خەت كۆرۈلسە قىزىل ئىستىرىلكىنىڭ ئىچىدىكى خەتنى بىسىڭ. ئاندىن بۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگەننى بىسىڭ.

دىققەت قىلىڭ ئەمدى ئەڭ مۇھىم يەرگە كەلدۇق.

بىشىدىكى 3 كۆزنەكنى مۇنداق تولدۇرىمىز، ئاستىدىكى ئىككىسىگە ئادەتتە چىقىلمايمىز.

پارول دىگەن ئورۇنغا سىزبايا بىكىتكەن پارولنى يىزىڭ، ئەگەر مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمىسا admin دەپ يىزىڭ.

مۇشۇ تىما ئارقىلىق يەنە بىر سۇئالغا جاۋاب بىرىۋەتسەم يەنە تارماق بلوگ قۇرۇش، بارلىق جەريانى باياتىنقى مەشغۇلات بىلەن ئوخشايدۇ، ئازراقلا تولدۇرۇش يىرى ئوخشىمايدۇ،مەسىلەن: سىز ناخشا دەپ تارماق بلوگ قۇرماقچى بولسىڭىز nahxa  دەپ بىردانە ھۆججەت قۇرىسىز، ئىچىگە wordperss نى يىشىسىز، ئاندىن ساندان ئۇلاش مەشغۇلاتى ئەڭ ئاستىدىكى بىر يەرنىلا ئۆزگەرتىسىز يەنى رەسىمدىكىدەك.

مۇشۇ بويىچە قىلسىڭىز تارماق بلوگ قۇرالايسىز.

دەرىسنىڭ داۋامىغا كىلەيلى:

بۇ رەسىم چىققان بولسا مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان بولىدۇ، قىزىل رامكىنىڭ ئىچىدىكىنى بىسىڭ.


ئاندىن كىرىش ئىسىم پارول بلوگ نامى دىگەنلەرنى تولدۇرىمىز, رەسىمدىكىدەك

مۇبارەك بولسۇن سىز كومپىيۇتىرىڭىزغا بىر بلوگ قۇرۇۋالدىڭىز ئەمدى كومپىيۇتىرىڭىزدا بلوگ بىلەن تونۇشۇڭ، ئۈگىنىڭ، بلوگنىڭ سۈرتى كومپىيۇتىرىڭىزدا تور چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، ئاتتەك تىز، ئۇسلۇب تەرجىمە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ،ئاندىن تور دۇنياسىدىن بوشلۇق ئىسىم ئىلىپ بلوگ يىزىڭ.

چۈشەنمىگەن يەرلەر بولسا ئىنكاس يازارسىلەر

 

يازما يارىغان بولسا ئىنكاس يىزىپ ئىلانلارنى چىكىپ قويۇڭ، بۇ قوللىشىڭىز كىيىنكى قىتىملىق نادىر يازمىنىڭ يوللىنىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، ئۆز ئارا قوللىغاندىلا تەرەققى قىلغىلى بولىدۇ

يازما ئاپتورى:
دىمىسەممۇ بىلىسىلەر بۇ ئەلشات دىگەن بالىنى، ئۇسلۇبمۇ تەرجىمە قىلىدۇ، بلوگ بىلىملىرىمۇ يوللايدۇ، بەزىدە ئۇرۇش تالاش قىلىپمۇ قويىدۇ،
يازما سەھىپىسى: [ بلوگ بىلىملىرى ]
يازما مەنزىلى: كومپىيۇتىردا بلوگ قۇرۇش دەرىسلىكى [ يازما ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش: ]
(يازما ھوقوقى ئەسلى ئاپتورغا تەۋە! كۆچۈرسىڭىز ۋە ياكى بىرەر مەسىلىگە يولۇقسىڭىز ئەسلى مەنبەگە كىرىپ سوراڭ.)

قالدۇرۇلغان ئىنكاس: 31 دانە ئىنكاس يوللاش

  1. چەۋەندازلار مۇنداق يازغان:

    تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكىنىڭىز ئىنتايىن ياىشى بولۇپتۇ. بىلوگگىرلارغا نەپ ئېلىپ كېلىدىكەن. ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!

  2. مۇزات مۇنداق يازغان:

    بۇ دەرسنى ھەجەپ ياخشى سۆزلەپسىز،بۇ بىزدەك يېڭى ئۆگەنگۇچىلەر ئۈچۇن ئېسل دەرس بوپتۇ.،سىزگە كۆپ رەخمەت! :arrow:

  3. Hiyaliy مۇنداق يازغان:

    لېكىن سىز دېگەن بۇ ئىشلارنى قىلمايمۇ، بىلوگنى قۇرغىلى بولىدىكەن. ۋوردپرەس مۇھىتىنى ئۆز كومپيۇتېرىمىزغا ئورنىتىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق، نېگىزلىك ئەھمىيىتى، رولى ھەققىدە توختالغان بولسىڭىز.

    • ئەلشات مۇنداق يازغان:

      ئەھمىيتى شۇكى: يىڭى بلوگ يازماقچى بولغانلار تور بوشلۇقى ئىلىپ بلوگنى ئىچىپ بلوگ بىلىملىرىنى بىلمەسلىك سەۋەبلىك تور بوشلۇق ۋاقتىنى ۋە ئۆزىنىڭ تور سۈرەت چەكلىمىسىدە ساقلاپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ئۇسلۇب تەرجىمە قىلغۇسى بارلار ئۈچۈن ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى مۇھىتى بولالايدۇ

  4. ئوزۇق مۇنداق يازغان:

    ھى ھى ھى بۈگۈن دۈشەنبە تۈرسا يەكشەنبە دەپ كىتىپتۇ. ياكى 0991 دا يەكشەنبىمىدۇ :twisted:

  5. تۇران تېكىن مۇنداق يازغان:

    ناھايىتى تەپسىلىي، چۈشۈنۈشلىك يېزىلىپتۇ، مەن سىن دەرسىدىن مۇشۇنداق سۈرەتلىك يازمىنى ياخشى كۆرۈدىكەنمەن. ئەگەر مۇشۇنداق قىلىش سىزگە نىسبەتەن ئاۋارچىلىق بولمىسا، يازمىلارنى مۇشۇنداق يوللىسىڭىزمۇ بۇلىدىكەن.

  6. uqkun مۇنداق يازغان:

    دىتال چۇشمەيدىكەن

  7. قۇتبىلىك مۇنداق يازغان:

    ھەي ئاداش مەنمۇ ساڭا ئوخشاش تېمىدىن بىرنى يوللىدىم، لىكىن نەزىرىيە! پەتىگە بېرىپ كۆرۈپ كەل!

  8. wolkan مۇنداق يازغان:

    ياخشىمۇ سىز، بىلوگىڭىز بىلەن تۇنۇش قانلىقىمدىن خوشالمەن، مۇمكىن بولسا مىنىڭ بىلوگىمغا مۇنبەر شەكلىدىكى ئۇسلۇپ قاچىلاپ ، ئوڭشاپ بەرگەن بولسىڭىز.

  9. لوپنۇرى مۇنداق يازغان:

    ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز،مەنمۇ قىلىپ سىناپ باقاي!

  10. umut مۇنداق يازغان:

    bu ditalni chuxurux momkin bolmidi?

  11. تۇران تېكىن مۇنداق يازغان:

    ئۇكااااااااااام يوقاپ كەتمەي كەپ تۇرالا بۇ تۇراغا، ماقما؟ يېڭى تىمىلارنى كۆرگۈمىز كەلدى.

  12. پەنجىر مۇنداق يازغان:

    مەن بىلوگباستىكى بىلوگىم مەلۇم تەرقەقىياتقا يەتمەي تۇرۇپ ۋودپرىسىقا كۆچۈشنى سەل بالدۇرلۇق ھىس قىلدىم ! :razz:

  13. ئۇزيول مۇنداق يازغان:

    مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئۆز كومپيۇتېرىمدا تەجىربىخانا بلوگدىن بىرىنى قۇرىۋالدىم…
    سېتۋالغان تور نامىنى قانداق باغلايمەن.
    ئۇسلۇب تەرجىمە قىلش دەرسلىكى بارمۇ ؟

    • ئەلشات مۇنداق يازغان:

      كومپىيۇتىرىڭىزغا ئىسىم باغلاپ نىمە قىلىسىز؟ كومپىيۇتىرىڭىزدا بلوگنى چۈشۈنۈپ ئۈگۈنۈپ ئاندىن توردا بلوگ قۇرۇپ ئىسىم ئۇلايسىز. ئۇسلۇب تەرجىمەقىلىشقا كەلسەك قەيەردە دەرىس باركىن مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن

  14. تۇران تېكىن مۇنداق يازغان:

    بۈگۈن بىر كۈن مۇشۇ تېمىڭىزنى قايتا ئوقۇش ۋە سىناش بىلەن بۇلۇپتىمەن. ھەممە ئىش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى. ھەقىقەتەن كۆڭۈللۈك بىر كۈن بولدى.

  15. uqkun مۇنداق يازغان:

    ھەي………
    مىنىڭ ئىنكاسىمغا ھىچكىم جاۋاپ بەرمىدى دىسە…. :x
    بۇ دىتال كىمدە باردۇ يەنە

    • ئەلشات مۇنداق يازغان:

      چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەھرىرلەپ قويدۇم، ئەمدى چۈشۈرۈڭ. 联通下载 دىگەن سۆزنى باسسىڭىز چۈشىدۇ

  16. پەنجىر مۇنداق يازغان:

    ناھايتى ئوبدان بولدى ، مەن ۋاقىت چىقىرىپ سىناپ باقاي! :oops:

  17. خالىد مۇنداق يازغان:

    مەن يۇللاپ بىرەي 282189310 ئالاقلىشىڭ !

  18. sirdax123 مۇنداق يازغان:

    ئەسلى يۇقارقى تىما ناھايىتتى ياخشى تىما بولغان ئىكەن لىكىن قايسى جاينى خاتا قىلغانلىقىمنى زادى بىلەلمىدىم زادىلا قاملاشمىدى مىنىڭچە چوقۇم php دىتالىنى قاچىلاشتا كەتتۈرۈپ قويدۇممىكىن دەيمەن بولسا ئىغىر كۆرمەي بىر دەرىسلىك قىلىپ سۆزلىۋەتسەڭلار قالتىس ياخشى ئىش بولاتتى سىللەردىن ئالەمچە خۇش بولغان بولاتتىم،قاۋابىڭلارنى كۈتىۋاتىمەن دوسلار!

  19. ئەلپىدا مۇنداق يازغان:

    مەن بۇ دەرىس كۆرسەتمىسى بويىچە مەشخۇلات قىلىپ باقاي دەپ مۇنداق مەسىلىگە يولۇقتۇم . ھېلىقى setup.cmd دېگەن ھۆججەتنى قوش چەكتىم ، ئېكرانغا دوس ھالىتىدە بىر كۆزنەك چىقىپ بىر نەرسىلەرنى كۆچۈرۈپ ، قاچىلاپ كەتتى . لېكىن ماۋۇ 360 دېگەن ۋىرۇسخۇر ھە دىسە ئېكرانغا چىقۋېلىپ ، قاچىلاشنى توسۇپ قويۇپ ئىچىمنى پۇشارغىلى تۇردى . مەنمۇ ئۇدۇللۇق چەكلىمىنى بىكار قىلىپ تۇردۇم .
    شۇنىڭ بىلەن قاچىلاش داۋاملىشىۋاتتاتتى ، 360 بۇ نۆۋەت ئەمدى كومپىيۇتىرىڭىزغا بىر ياغاچ ئات ۋىرۇسى ھۇجۇم قىلىش ئالدىدا ، دەرھال بىر تەرەپ قىلىڭ دەپ تۇرىۋالدى . مەن ۋىرۇس بولسا ئۆچۈر دەپ بۇيرۇق بېرىشىمغىلا ھېلىقى setup.cmd ھۆججىتىنىڭ دوس ھالەتتىكى كۆزنىكى ئېتىلىپ قالدى ، شۇنىڭ بىلەن قايتا قاچىلاشنى باسسام قاچىلانمىدى ، دوس كۆزنىكى ھالەتتە خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋېلىپ . كومپىيۇتۇرنى قايتا قوزغاتتىم ، يەنە قاچىلانمىدم . ئۇيغۇرۋېپنى باشقا رايۇنغا قاچىلاپ يەنە چەكسەم ، يەنە ئوخشاش . شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى ئاخىرى قاچىلىغان ئۇيغۇرۋېپ . پ ھاش پ ھۆججىتىنى ئۆچۈرۈپ قايتا قاچىلاي دەپ شۇنچە قىلساممۇ ئۆچۈرەلمىدىم . ئاخىرى 360 تە ئېزىپ چېقىپ يۈرۈپ ئاران ئۆچۈرۈپ ، كومپىيۇتۇرنى قايتا قوزغۇتۇپ ، ئۇيغۇرۋېپ نى قايتا قاچىلىدىم : ئەمدى بۇ نۆۋەت دوس كۆزنەك ھالىتىدە مۇنداق ئۇچۇر چىقىۋالدى :
    安装服务失败可能原因如下
    1:服务名已存在,请缺载或使用不同的服务名
    2: 非管理员权限不能操作windows nt服务

    ماڭا تېزدىن يول كۆرسەتكەن بولساڭلار

    • ئەلشات مۇنداق يازغان:

      ئادەتتە پىروگىراممىرلار ۋىروس تازلىغۇچ ئىشلەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئىشلىتىدىغان توربەتكە دائىر جىق نەرسىلىرىنى ۋىروسخورلار ۋىروس دەپ قاراپ ئۆچۈرۋىتىدۇ. بىر قىتىم قاچىلاپ روت ئىغىزىنى ئىگىلەپ قويغان ئوخشايسىز، قانداق ھەل قىلىشنى مەنمۇ بىلمىدىم، سىستىما يىڭىلاڭ دىسەم ئىغىر كىلىدۇ ھەقىچان

  20. ئەلپىدا مۇنداق يازغان:

    ئاپلا ، ماۋۇ چاتاقنى .سېستىما يېڭىلاش كومپىيوتۇر يېڭىلاشتىن ئېغىر كېلەر ئادەمگە …

  21. ئەلپىدا مۇنداق يازغان:

    ھەي ، ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق ، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى دېگەن شۇدە . سىز تەۋسىيە قىلغان php مۇھىتى ھازىرلاش قورالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسام يۇقارقىدەك ئەھۋالغا يولۇقۇپ ، ئۇ ئىشىم سۇغا چىلاشتى . بۇ يەردە سىزدىن ياردەم سورىسام سېستىمىنى قايتا قاچىلاڭ دەپ ئادەمنى قورقۇتۇپ ياقىغا چىقتىڭىز . قانداق قىلاي ئەمدى دەپ مىڭ تەسلىكتە بىر يەرلەردىن ئىزدەپ يۈرۈپ باشقا بىر php مۇھىتى ھازىرلاش قورالىنى
    چۈشۈرۈپ قاچىلىسام ، ئۇ ئېنگىلىزچە ئىكەن . تەرجىمە قىلىپ يۈرۈپ قاچىلىدىم . لېكىن مۇتەخەسىسلەر يوق ، ئۈستىدىكىدەك رەسىملىك قىلىپ ئېنىق چۈشەندۈرۈپ قويىدىغان ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇسۇلۇممۇ سۇغا چىلاشتى …..

  22. ئەلپىدا مۇنداق يازغان:

    http://uydata.com/user/index.asp
    بۇ ئادىرىسنى سىز ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن . ئەگەر قىلىشقا تىگىشلىك دەپ قارىسىڭىز ، مۇشۇ ئادىرىستىكى لازىملىق قوراللار تۈرىدە تەمىنلەنگەن php مۇھىتى ھازىرلاش دىتالىنى يۇقۇرقىدەك رەسىملىك قاچىلاش ئۇسۇلى بويىچە بىر دەرىسلىك تۈزۈپ يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن .
    بۇ ئۆزۈمنىڭ شۇنداقلا بىر ئويى خالاش …

ئىنكاس يوللاش

回到页首