باش بەت » قىستۇرما »

ئارقا بەتتە يازما سىتاستىكىلىغۇچ قايتا تارقىتىلدى

ۋاقىت: 2011-10-08 14:19 / كۆرۇلىشى: 1279 / باھا: 22 ئىنكاس يوللاش
خەتكۈچلەر: ،

ئالدىنقى قىتىم مەن ئارقا بەتتە يازما سىتاستىكىلىغۇچ تارقاتقان ئىدىم، لىكىن بۇ قىستۇرما  دوستلارنىڭ بلوگىدا خاتالىق چىقىپتۇ، مەن بۇ نىمە ئىشتۇ دەپ سەۋەبىنى خىلى ئىزدىدىم، تۈنۈگۈن ئاخشام ئەلشاتقىمۇ قاچىلاپ قوياي دەپ قاچىلىسام مىنىڭكىدىمۇ يەنە بۇ خاتالىق ئۇچۇرى چىقتى، سەۋەبىنى ئويلاپ باقسام مۇنداق ئىكەن.

سەۋەبى: بىز بۇ قىستۇرمىنى بلوگقا قاچىلىغاندا شۇ بلوگ ئۈچۈن مەخسۇس بىر سىتاستىكىنى خاتىرلەيدىغان بىر دەپتەر قوشۇلىدىكەن، بىز بۇنى بىۋاستە FTP دىن چۈشۈرۈپ باشقا بلوگدا قاچىلىغاندا شۇ بلوگ ئۈچۈن قۇرغان سىتاستىكا خاتىرسى  بىلەن يىڭى بلوگنىڭ خاتىرسى قارشىلىىپ خاتالىق كۆرۈلگەن ئىكەن،

ئوڭشىغان ئۇسۇلۇم:

قىستۇرمىنى بلوگقا قاچىلىماي تۇرۇپ توردىن چۈشۈرۋىلىپ تەرجىمە قىلىۋالغان تەرجىمە ھۆججىتىمنى ئەسلىدىكى تەرجىمىسىز ھۆججەت بىلەن ئالماشتۇرۋىلىپ ئاندىن قاچىلىسام نۇرمال ئىشلىدى.

شۇڭا بۈگۈن قىستۇرمىنى قايتا تارقىتىشنى لايىق كۆردۈم. لىكىن بۇ قىستۇرمىنىڭ ئەمدى دوستلارغا لازىم ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمىدىم، شۇڭا 10 ئىنكاس چۈشكەندىن كىيىن قىستۇرمىنىڭ نۇرمال ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرچە سىتاستىكىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى تەمىنلىنىدۇ، قىنى لازىم بولغانلار ئىنكاس يىزىڭلار!

قىستۇرما سىتاستىكا ئەھۋالى:

 

ئەگەر بۇ قىستۇرمىنى قاچىلىغاندا نۇرمالسىزلىق يەنە كۆرۈلسە مۇنداق ئوڭشاڭ!

قىستۇرمىنىڭ نامىنى قىستۇرما يىزىپ ئىزدەش رايۇنىغا يىزىپ ئىزدىتىپ قاچىلاڭ قوزغىتىڭ. قاچىلانغان قىستۇرمىلار رايۇنىغا كىرىپ شۇ قىستۇرما نامىنىڭ ئاستىدىكى  قوزغىتىڭ   توختىتىڭ  تەھرىرلەش دىگەن خەتلەر بار بۇ خەتلەر ئارىسىدىن تەھرىرلەش دىگەننى بىسىڭ، ئاندىن بۇ يەردىن چۈشۈرگەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان قىستۇرمىنى كومپىيۇتىردا تۇرۇپ پىرىستىن يىشىڭ ئاندىن قارىسىڭىز بىردانە post-views.php ناملىق ھۆججەتنى كۆرىسىز ئۇ ھۆججەتنى قوش چىكىپ ئىچىدىكى بارلىق كودنى كۆچۈرۈڭ ئاندىن بايا قىستۇرمىنى تەھرىرلەش دىگەننى باسقان ۋاقىتتىكى كۆزنەك ئىچىدىكى بارلىق كودنى ئۆچۈرۋىتىپ ھازىر كۆچۈرۋالغان كودنى ئاشۇ يەرگە چاپلاپ ساقلىۋىتىڭ. ئەمدى قاراپ بىقىڭ قىستۇرمىڭىز ئۇيغۇرچىلىشىپ بولدى.

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشۈرۈش ئادرىسى قايتا يىڭىلاندى

چۈشۈرۈش

يازما يارىغان بولسا ئىنكاس يىزىپ ئىلانلارنى چىكىپ قويۇڭ، بۇ قوللىشىڭىز كىيىنكى قىتىملىق نادىر يازمىنىڭ يوللىنىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، ئۆز ئارا قوللىغاندىلا تەرەققى قىلغىلى بولىدۇ

يازما ئاپتورى:
دىمىسەممۇ بىلىسىلەر بۇ ئەلشات دىگەن بالىنى، ئۇسلۇبمۇ تەرجىمە قىلىدۇ، بلوگ بىلىملىرىمۇ يوللايدۇ، بەزىدە ئۇرۇش تالاش قىلىپمۇ قويىدۇ،
يازما سەھىپىسى: [ قىستۇرما ]
يازما مەنزىلى: ئارقا بەتتە يازما سىتاستىكىلىغۇچ قايتا تارقىتىلدى [ يازما ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش: ]
(يازما ھوقوقى ئەسلى ئاپتورغا تەۋە! كۆچۈرسىڭىز ۋە ياكى بىرەر مەسىلىگە يولۇقسىڭىز ئەسلى مەنبەگە كىرىپ سوراڭ.)

قالدۇرۇلغان ئىنكاس: 22 دانە ئىنكاس يوللاش

  1. shirinbulaq مۇنداق يازغان:

    بۇئىنكاس مۇشۇ قىستۇرمىنىڭ تارقىتىلىشى ئۈچۈن يېزىل

  2. بىلوگخۇمار مۇنداق يازغان:

    بەك ياخشى بولدى ..مەنمۇ بۇ قىستۇرما قاچان ئوڭشىلاركىن دەپ ساقلاپ ئولتۇرغان ئىدىم ..ئەمدى ياخشى بولدى ..بولۇڭلار دوستلار 10ئىنكاسنى تەييار قىلىپ ..بۇ قىستۇرمىنىڭ گۈزەلىكىدىن ھۇزۇر ئالايلى…. ئەلشات ئەپەندىنىڭ تىرشچانلىقىغا رەھمەت…

  3. رازىيە مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇر بەگ تورىدىن چۈشۈرگەن بولساقمۇ مۇشۇنداق قايتا ئۆزگەرتەمدۇق؟

  4. ئۆزقان مۇنداق يازغان:

    مەن ئىشلىتەلمەيدىغان بولدۇم دەپ كۆڭلۈم يېرىم بولغان، ئەمدى ياخشى بولدى.رەھمەت، ئەلشادجان!
    شۇغىنىسى قاچان 10ئىنكاس چۈشەر؟ ئالدىراپ كېتىۋاتىمەن :smile:

  5. shirinbulaq مۇنداق يازغان:

    bir adamning inkasliri birga hisablinip kitamdu>? :!:

  6. ئايقۇت مۇنداق يازغان:

    ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم
    ئاللاھ ئىلمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن …بۇ قېتىم ئوڭشاپسىزدە…

  7. ئۇزۇق مۇنداق يازغان:

    ئەلشاتجووووووووووووون ئىۋۇ گۇگۇل ئىلانلىرىدىكىلەرگە بى ئۇزۇنراق ئىشتان ئېپپەسىلە قىش كەپقالدى سۇغۇق ئۆتكۈزۈپ سالمىسلا ئۇلارغا :smile:

  8. شىرىن بۇلاق مۇنداق يازغان:

    ما ئادەملەر بىكار ئولتۇرغۇچە بىرەر ئىنكاس يېزىۋېتىپ قايتسا بولماسما؟تېخىغىچە 10غا يەتمەپتا بۇ؟

  9. سەھرايىم مۇنداق يازغان:

    قېنى بۇ قىستۇرمىنى بىر تارقىتىلى ئەلشاتجونننننننن

  10. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    ياخشى بولدى ئەمدى~

  11. بوغلان مۇنداق يازغان:

    شۇنداق قىلىپ سىنايدىغان يېرىگە كەپ قاپتىمەن دە …

  12. ئىسلام ئۇزۇقلىرى مۇنداق يازغان:

    مەن يەنە بىر قېتىم ئالىجانابلىق قىلۋېتەييا

  13. ھەدىسلەر مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    مەنغۇ داۋام تەيياغا ئۈلگۈرمەن .

  14. ھەدىسلەر مۇنداق يازغان:

    مەن پەقەت چۈشرەلمىدىم :o

  15. كىتابپۇرۇش مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ چۈشۈرەلمىدىم .

  16. كىتابپۇرۇش مۇنداق يازغان:

    رەھمەت سىزگە.

  17. كىتابپۇرۇش مۇنداق يازغان:

    aqa4vx82 ئىسىملىك فورماتى ئىنىق ئەمەس ھۆججەتتىن بىرسى چۈشۈپتۇ.
    يەنە خاتالىق بامۇ قانداق ؟ :!:

  18. ياپراق مۇنداق يازغان:

    ياخشى قىستۇرمىكەن،مەن سىناپ باقاي

  19. ئەلپىدا مۇنداق يازغان:

    ھەي ، مەن ھازىرچە قىلالمايدىغان ئوخشايمەن بۇ مەشخۇلاتنى .بولمىسا مەن ئىزدەپ يۈرگىنىم ئىكەندۇق . ئەلشاتجان ، ئېغىر كۆرمەي ماڭا ھېچ بولمىسا باش بەتتە كۆرۈنىدىغان زىيارەت ئىستاستىكىسىنى قانداق قىلىپ چىقىرىدىغانلىقىمىزنى دەپ بەرگەن بولسىلا ، قانداق قىلىمەن ، ئاز – ئازدىن ئۈگەنمەمدىم مۇشۇنداق … :idea:

  20. بىلنۇر مۇنداق يازغان:

    ئىنتايىن ياخشى قىستۇرماكەن ،لېكىن چۈشۈشى نورمال ئەمەستەك تۇرىدۇ .

ئىنكاس يوللاش

回到页首