باش بەت » بلوگ بىلىملىرى »

WordPress سېستىمىسىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان بوشلۇق تاللاش ھەققىدە

ۋاقىت: 2012-02-20 18:21 / كۆرۇلىشى: 85 / باھا: 0 ئىنكاس يوللاش

WordPress سېستىمىسىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان بوشلۇق تاللاش ھەققىدە

يېقىندىن بۇيان BlogBus سۇپىسىنىڭ مۇقىم بولماسلىقى ۋە نۇرغۇن بلوگگېرلارنىڭ بەس-بەستە WordPress قا كۆچىشىگە ئەگىشىپ، بلوگگېرلار ئارىسىدا WordPress تا Blog قۇرۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. ئارىدا نۇرغۇن بلوگگېرلار ئۆزىنىڭ WordPress قا قىزىقىپ قالغانلىقىنى ۋە مۇۋاپىق تور بوشلۇقى تەۋسىيە قىلىش ھەققىدە مەندىن مەسلىھەت سورىغانمۇ بولدى، شۇڭا بۈگۈن قىسقىچە قىلىپ بۇ ھەقتە بىلگەنلىرىمنى ئازراق بىلجىرلاپ بېقىشنى لايىق تاپتىم.

WordPress نىڭ ئەڭ مۇۋاپىق خىزمەت مۇھىتى Linux مۇلازىمېتىرى

شۇنداق. بۇ مەن توردىكى ماتېرىياللارنى كۆرۈش ۋە ئۆزۈم سىناقتىن ئۆتكۈزۈش جەريانىدا يەكۈنلىگەن ھۆكۈم بولۇپ، WordPress نىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكى خىزمەت قىلىش مۇھىتى LAMP(يەنى Linux+Apache+MySql+PHP) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم بوشلۇق ساتقۇچىلارنىڭ مۇلازىمېتىرى Windows بولۇپ، Linux سەپلەنگەن مۇلازىمېتىرلار بىر قەدەر ئاز. بىراق Linux مۇھىتىدىكى Apache نىڭ خىزمەت ئۈنۈمى Windows قا قارىغاندا كۆپ يۇقىرى بولۇپ، WordPress تىكى بىر قىسىم زۆرۈر بۆلەكلەر Linux مۇلازىمېتىرىدا ئەڭ ياخشى خىزمەت قىلالايدۇ، بىر قىسىم زۆرۈر قىستۇرمىلار(مەسىلەن، WP Super Cache)بۇ Windows مۇھىتىدا نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ، شۇڭا كۆپچىلىككە تەۋسىيەم: ناۋادا WordPress نى ئىشلىتىپ بلوگ قۇرماقچى بولسىڭىز، يەنىلا Linux سەپلىمىلىك مۇلازىمېتىرلاردىن بوشلۇق ئېلىڭ.

Linux مۇلازىمېتىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى

Linux مۇلازىمېتىرلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتتۈم، ئەلۋەتتە WordPress لا ئەمەس، مۇتلەق كۆپ قىسىم ساندىكى PHP+MySql رامكىسىدا تۈزۈلگەن پروگراممىلارمۇ Linux مۇھىتىدا ئەڭ ياخشى خىزمەت قىلالايدۇ، بۇ يەردە بىز پەقەت WordPress ھەققىدىلا توختىلىپ ئۆتەيلى. يەنە باشقا ئارتۇقچىلىق بار دېسەك، Linux مۇلازىمېتىرلىرىدا كۆپىنچە بىر بوشلۇققا بىر قانچە بېكەتنى تەڭ قويغىلى، بىر قانچە تورنامنى تەڭلا ئۇلىغىلى، بىر سانداننى خالىغانچە بۆلۈپ ئىشلەتكىلى ۋە خېلى كۆپ FTP ئابونتى قۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ناۋادا Linux مۇلازىمېتىرلىرىنىڭ كەمچىلىكى بار دەپ قارالسا، ئەڭ چوڭ كەمچىلىكى: بۇ خىلدىكى مۇلازىمېتىردىن بوشلۇق ساتقۇچىلار ئاساسەن دېگۈدەك بوشلۇققا ئېقىم مىقدارى چەكلىمىسى قويىدۇ(ئادەتتە كۆپىنچە Windows مۇلازىمېتىرلىرىدا بۇ چەكلىمە يوق)، يەنى بوشلۇقنىڭ باھاسى ئانچە قىممەت ئەمەس، بىراق سىزگە ھەر ئايدا بەلگىلىك ئېقىم مىقدارى بېرىدۇ، بۇ ئېقىم مىقدارى توشقان كۈنى تور بېكەت ئېچىلىشتىن توختايدۇ، ناۋادا داۋاملىق ئېچىشنى خالىسىڭىز ئېقىم مىقدارىغا ئازراق مىقداردا پۇل خەجلەپ قوشتۇرسىڭىز بولىدۇ. ئادەتتە 1G لىق ئېقىم مىقدارىنىڭ نورمال باھاسى 5 سوم ئەتراپىدا بولىدۇ، بىراق كۆپىنچە مۇلازىمېتىرلاردا سىزگە خېلى كۆپ مىقداردا ئېقىم مىقدارى سەپلەپ بېرىلىدۇ، ئادەتتە بلوگىڭىزدا رەسىملەر ئانچە كۆپ بولمىسا، بىۋاستە چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن ھۆججەتلەر كۆپ بولمىسا ياكى بولغان تەقدىردىمۇ ئوغرىلىقچە ئۇلىنىشتىن ساقلاش تېخنىكىسى قوللانغان بولسا، بلوگىڭىزنىڭ كۈندىلىك IP سىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 500 دەپ ھېسابلىساق، سىزگە بىر ئايدا 20GB ئېقىم مىقدارى بېرىلگەن بولسا، ئۇ ھالدا خاتىرجەم ئىشلەتسىڭىز بولىۋېرىدۇ. ئادەتتە بۇ ئېقىم مىقدارى تامامەن ئېشىپ قالىدۇ. ناۋادا بلوگىڭىزنىڭ كۈندىلىك IP سى 2000 دىن ئاشسا، ئۇنداقتا سىز بۇ 20GB لىق ئېقىم مىقدارىنى سەل چوڭايتىشنى ياكى تېخىمۇ چوڭراق ئېقىم مىقدارى تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەتنى تاللاشنى ئويلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

مۇلازىمېتىرنىڭ WordPress نىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرى ۋە شەرتلىرىنى قانائەتلەندۈرۈش دەرىجىسى

ئادەتتە Linux مۇلازىمېتىرى بار بوشلۇق سېتىش ئورۇنلىرى، جۈملىدىن دۆلىتىمىزدىكى بوشلۇق ساتقۇچىلار ئاساسەن WordPress ئۈچۈن مەخسۇس مۇلازىمەت ئاجراتقان بولۇپ، مەخسۇس مۇلازىمېتىرلىرى WordPress نىڭ بارلىق ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرىدىغان قىلىپ تەڭشەلگەن بولىدۇ. شۇڭا بوشلۇق سېتىۋالغاندا بۇ شەرتلەرنى تولۇق ئوقۇپ، مەخسۇس WordPress بوشلۇقى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ سېتىۋېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. Linux مۇلازىمېتىرى ئىكەن، WordPress قا ماس كېلىدىكەن دەپلا سېتىۋېلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.

WordPress بوشلۇقلىرىنىڭ نورمال باھاسى

ئادەتتە دۆلەت ئىچىدىكى WordPress بوشلۇقلىرىنىڭ باھاسى 400MB لىق بوشلۇق 200 سوم ئەتراپىدا، يەنى بىر MB نى 5 موغا سېتىۋالىسىز دېگەن گەپ. WordPress پروگراممىسىنىڭ ئۆزىنى ئورناتسىڭىز 10MB قا يېقىنراق بارىدۇ، باشقا قىستۇرما، ئۇسلۇب، ۋە يازما قىستۇرما رەسىملىرىنى ئۆزىڭىزنىڭ بوشلۇقىغا چىقارغان ھالەتتىمۇ 100MB بوشلۇقنى ئەڭ كامىدا 1 يىل دەخلى-تەرۇزسىز ئىشلىتەلەيسىز، ناۋادا زۆرۈر بولمىغان قىستۇرمىلارنى ئازايتسىڭىز ۋە قىستۇرما رەسىملەر بولمىسا ۋە ياكى قىستۇرما رەسىملەر باشقا ھەقسىز تور ئالبوملىرىغا چىقىرىلسا، ئۇ ھالدا بۇ بوشلۇقنى تېخىمۇ تېجىيەلەيسىز دېگەن گەپ.

تەۋسىيەلىك WordPress بوشلۇقى

نۆۋەتتە تەدبىركار ئۆزى تۇتىۋاتقان ياكى ۋەكالەتچىلىكىنى قىلىۋاتقان بىرەر مۇلازىمېتىر يوق، شۇڭا كۆپچىلىككە تۇتۇپ مەلۇم بىر بوشلۇقنى تەۋسىيە قىلىشقا ئامالسىزمەن. بىراق كۆپچىلىكنىڭ يۇقىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن توردىن ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان بوشلۇقنى تاپالىشىغا ئىشىنىمەن، بىر قىسىم تورداشلار نۆۋەتتە تەدبىركار ۋە تورخۇمار ئىككى بېكەتنىڭ تور سۈرئىتىنىڭ ئالاھىدە ياخشىلىقىنى، قايسى تور بېكەتتىن سېتىۋالغانلىقىنى مەندىن سۈرۈشتە قىلغان بولدى. نۆۋەتتە yuksel.me، tedbirkar.net ۋە torhumar.com قاتارلىق بېكەتلەر ئوخشاش بىر مۇلازىمېتىردا ماڭدۇرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ بوشلۇقنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن مەزكۇر بېكەتنىڭ ئاستى قىسمىدىكى تەۋسىيەلىك WordPress بوشلۇقى ناملىق ئۇلانمىنى بېسىپ كىرسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا مۇشۇ مۇلازىمېتىرنى ياقتۇرسىڭىز ھەمدە چوقۇم مۇشۇ مۇلازىمېتىرنى سېتىۋېلىشنى قارار قىلغان بولسىڭىز، مەن قالدۇرغان ئاشۇ ئۇلانمىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىپ، 淘宝 دا پۇل تۆلىگەندىن كېيىن 12216833 نومۇرلۇق QQ نى قوشۇپ مەقسەتنى دېسىڭىزمۇ، ياكى ئاشۇ سېتىۋالغان ئورۇندىكى مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈش بويىچە تور نامىڭىز ۋە ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. ناۋادا بوشلۇق سېتىۋالغاندا مېنىڭ تەۋسىيە قىلغانلىقىمنى دېسىڭىز، بەلكىم تېخىمۇ قىزغىن مۇئامىلىگە ئېرىشىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

(UYBBJ مۇنداق دەيدۇ: ھازىر ئەلشات بلوگى مۇشۇ بوشلۇقنى كۆزدە تۇتۇپ ئىشەنچىلىك ئەرزان بولغان بوشلۇق بىلەن تەمىنلەپ بلوگ قاچىلاپ بىرىشتەك مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، ئەگەر بلوگ قۇرماقچى بولسىڭىز ئەلشاتنى ئىزدەڭ. http://www.alxat.net/tornam-boxluq/

مەنبە:http://www.torhumar.com/wordpress-server.html

يازما يارىغان بولسا ئىنكاس يىزىپ ئىلانلارنى چىكىپ قويۇڭ، بۇ قوللىشىڭىز كىيىنكى قىتىملىق نادىر يازمىنىڭ يوللىنىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، ئۆز ئارا قوللىغاندىلا تەرەققى قىلغىلى بولىدۇ

يازما ئاپتورى:
UYBBJبلوگ ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: بلوگىمىز مەخسۇس بلوگ بىلىملىرىنى يىغىپ بلوگ بىلىملىرى ئالبۇمى قىلىش ئۈچۈن بۇ بلوگنى قۇردى، شۇ سەۋەب ھەر قايسى بلوگلاردىن بلوگگىرلار بلوگ يىزىش جەريانىدا يولۇقۇپ ھەل قىلىپ ئۆتكەن بىشىدىن ئۆتكەن ساۋات ۋە باشقا بىلىملىرىنى يوللاپ ئورتاقلاشقانلارنىڭ تىمىسىنى ئەسلى مەنبەنى ئىنىق ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ ئىلان قىلىدۇ، ھەر قايسى ئۇستازلارنىڭ قوللاپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ھەممىسى ئۇيغۇر بلوگ چىلىقى ئۈچۈن!
يازما سەھىپىسى: [ بلوگ بىلىملىرى ]
يازما مەنزىلى: WordPress سېستىمىسىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان بوشلۇق تاللاش ھەققىدە [ يازما ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش: ]
(يازما ھوقوقى ئەسلى ئاپتورغا تەۋە! كۆچۈرسىڭىز ۋە ياكى بىرەر مەسىلىگە يولۇقسىڭىز ئەسلى مەنبەگە كىرىپ سوراڭ.)

قالدۇرۇلغان ئىنكاس: 0 دانە ئىنكاس يوللاش

  1. ۋاقتىنچە ھېچقانداق ئىنكاس قالدۇرۇلمىدى! نېمىشقا سىز قالدۇرۇپ قويمايسىز؟

ئىنكاس يوللاش

回到页首