باش بەت » بلوگقا ئىقتىدار قوشۇش »
بىر بايتلىق بەلگىلەرنى ئىككى بايتلىق بەلگىلەرگە ئاپتۇماتىك ئۆزگەرتىشنى تاقاش
WordPress ئادەتتە بىر بايتلىق ھەرپ-بەلگىلەرنى، ئىككى بايتلىق ھەرپ-بەلگىلەرگە ئاپتوماتىك ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ. مەسىلەن ”“ نى “” غا ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ. يەنە -– نى — غا ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭ قانداق يامان تەرىپى بار؟ بۇ يامان تەرىپىنى يازمىڭىزغا بىۋاستە كود يازغاندا بىلىپ قالىسىز، ھەممىمىزگە مەلۇم، كودلاردا ئىشلىتىلىدىغىنى بولسا ”“ لېكىن WordPress ئاپتوماتىك “” غا ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تەپسىلىي قارىمايلا كودنى بىۋاسىتە چاپلاپ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كودى نورمال ئىشلىمەيدۇ. بۈگۈن مۇشۇ ئاۋارچىلىقنى قانداق تۈگۈتۈش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى.
سىز پەقەت wp-includes/formatting.php/… نىڭ ئىچىدىكى تۆۋەندىكى كودنى ئىزاھاتلىۋەتسىڭىزلا ئىش تامام.
ئەسلى كود مۇنداق:
// static strings $curl = str_replace($static_characters, $static_replacements, $curl); // regular expressions $curl = preg_replace($dynamic_characters, $dynamic_replacements, $curl);
سىز پەقەت curl$ بىلەن باشلانغان ئىككى قۇر كودنىڭ ئالدىغا // قويۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.(بۇنى ئىزاھاتلاش دەيمىز.)
ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىنكى كود مۇنداق:
// static strings // $curl = str_replace($static_characters, $static_replacements, $curl); // regular expressions // $curl = preg_replace($dynamic_characters, $dynamic_replacements, $curl);
يازما مەنزىلى: http://www.hezret.com/805.html
يازما يارىغان بولسا ئىنكاس يىزىپ ئىلانلارنى چىكىپ قويۇڭ، بۇ قوللىشىڭىز كىيىنكى قىتىملىق نادىر يازمىنىڭ يوللىنىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، ئۆز ئارا قوللىغاندىلا تەرەققى قىلغىلى بولىدۇ
قالدۇرۇلغان ئىنكاس: 0 دانە ئىنكاس يوللاش