ئەنگلىيەلىك سېھرىگەرنىڭ سۇ ئۈستىدە مېڭىش ماھارىتى كىشىلەرنىڭ توپلىشىۋېلىشىغا سەۋەپ بوپتۇمىش
ئەنگلىيەلىك داڭلىق سېھرىگەر Dynamo يېقىندا لوندوندىكى Thames دەرياسىدا مېڭىپ ماھارەت كۆرسەتكەن، خۇددى سۇ ئاستىدا بىر نەرسە باردەكلا سۇدا ئەركىن لەيلەپ مېڭىشى ئەتراپتىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاڭ-تاڭ قېلىشىغا سەۋەپ بولغان، بەزىلەر ھەتتا مارايمەن دەپ ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالغان…
مۇناسىۋەتلىك يازما: ئەنگىلىيىلىك سېھرىگەرنىڭ قوش قەۋەت ئاپتوبۇستا كۆرسەتكەن سىرلىق «لەيلەش» ماھارىتى
سۇ ئۈستىدە مېڭىش سېھرىگەرلىك ماھارىتى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: سېھرىگەر، سېھرىگەرلىك، قالتىس، ماھارەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 16,944 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 08-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: walking-on-water-magic.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھازىرقى بايلىق ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمىلەردىن ئايرىلىپ قالغانسىز؟
- كېيىنكى يازما > دۇنيادا سىز ئويلاپ باقمىغان كارامەت ئىشلار، شۇنداقلا سىز كۆرۈپ باقمىغان قالتىس ئىشلار ئىنتايىن كۆپ!
- 1-شەخس كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ 414 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇبەي مۇنارىدىن سەكرەش
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئەر پېرىخون Zach King نىڭ كارامەتلىرى
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- دۇنيادىكى ئەڭ تېز كىشىلەر! تېزلىكىدىن ئادەمگىمۇ ئوخشىمىغايدىغان ئادەملەر….
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- كەلگۈسىدىكى ئويۇن دۇنياسى – دەۋر ھالقىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئويۇنچۇق Virtuix Omni
- بور جېڭى 3.0 – بۇداقى قوراللار ۋەھشەتكەن، بور پالۋاننىمۇ ياساپ چىقىپتۇ بۇ گۇيلار!
- خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى – خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ دۇنياغا نەزەر سېلىپ بېقىڭ
دىۋان،مۇشۇ ئادەمنىڭ مېڭىشى راسىتمىدۇ ھە؟
كاساپەت
مەن غۇھېشنىمىنى كومۇدۇم
مۇشۇ كىشىلەر مۇشۇنداق مىڭىشنى قانداق ئويلاپ تاپىدىغاندۇ؟ پىرىنسىپىنى بىلىدىغانلار بولسا ئىككى شىڭگىل…
زادى ئىشەنمەيلا قالدىمغۇ
چاكۇراسى يامان ئەمەسكەن بۇنىڭ
ما سەرالىق چاكۇرا توغرىسىدا بىلىدىكەن دە . ئاڭلىسام بۇ چەكلەنگەن ماھارەتمىش . ئوت دۆلىتىنىڭ تۇنجى نىنجا ئاتامانىنىڭ دەيدۇ . لىكىن مەن ئىشەنمىدىم بولاپتىما !
بولاپتا،راس چاكۇرا بىلەن ماڭغان بولسا ئايىقى ھۆل بولمايتى.شۇندامۇ يا؟
ماۋۇ سىلە دەۋاتقان «چاكۇرا» دىگەن نەسە قانداق مەخلۇق؟ سۇدا ماڭغان ئادەمنى كۆتۈرۈپ تۇرامدا ئاكۇلادەك؟؟؟
火影忍者 نى جىق كۆرۈپ كەتتىمۇ نىمە سەھرالىق،بولسا بىرەر چاكۇرا توغۇرلۇق ئۇلىنىش قالدۇرۇپ قويمامسىز شەھەرلىك تۇرۇپ بىلمەي يۈرسەك سەت تۇرا
قۇتيارغا كىرىپ،سول تەرەپ بىرىنجى تېمىنى كۆرسەڭلار،شۇنى مەن يازغان،چاكۇرانىڭ نېمىلىكىنى بىر كۆرۈۋىلىڭلا!
ئاۋارە قىلىپ قۇيدۇق قارىم خاپا بۇلمىغايلا ھى ھى ھى
ساكورا دەپ ئاڭلىغان، ئەمما ما چاكورا دىگەن نىمىكىن ئۇنى مەن بىلمىدىم.
ئالدامچىلىق! ئەگەر راسلا سىھىرگەر بولسا بىر يۈگىرەپ باقسا بولمامدۇ سۇدا؟ نىمىشقا ئۇنداق ئاستا ماڭڭىدۇ ؟
مەن بۇرۇن كۆرگەن،سۇ ئاستىدا سۈزۈك ئەينەك ئۈستەل قۇيۇپ ماڭغاننى،بۇ ئاداشنىڭمۇ بەلكىم شۇنداقتۇ…
پۇتىنىڭ ئاستىدىكى سۇ بۇلدۇقلاۋاتىدىغۇ؟
بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى
چاكۇرا نىمە ئۇ تۇلۇك چۇشەندۇرۋەتسەڭلا بىزمۇ ئى سەھرالىققا ئۇخشاش بىلۋاساق
قۇتيارغا كىرىپ،سول تەرەپتىكى كۆپ كۆرۈلگەن تېما قاتارىدا 2- ئورۇندا تۇرغان تېمىنى ئوقۇڭ،ئاندىن بىلىسىز چاكۇرانىڭ نېمىلىكىنى
ئۆتكەندە ئاپتۇبۇسنىڭ يىنىدا لەيلەپ ماڭغان بىر پارچە ماقالىسىنى كۆرگەنتىم ،بۇ قىتىم يەنە ھەيران قالدىم دىسە ،
كۆگىلى بوممىدىغۇ؟!
ھەرگىز ئىشەنمەڭلە پۇتۇنلەي ساختا كۇرۇنۇش ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسىي ئاشۇنىڭ ئادەملىرىي
مۇسۇلمانلار ھەر ئىشقا ھۆكۈم چىقارغاندا ئىسلامنى ئاساس قىلىشى كېرەك. ئۇنداقتا بىز قۇرئان ۋە ھەدىسكە قارىساقلا ئۇ سېھرىگەرنىڭ يالغان ياكى راست ئىكەنلىكىنى ئاسانلا بىلگىلى بولىدۇ.
ئاللاھ پەيغەمبەرلەرگە مۆجىزە ئاتا قىلغان، ئۆزىنىڭ ئىخلاسمەن، سادىق، مۇئمىن ئەۋلىيالىرىغا كارامەت ئاتا قىلغان. كارامەت دېگەندە ئادەتتىكى ئادەملەردە بولمايدىغان، تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچ-قۇۋۋەتنى كۆرسىتىدۇ. ھەدىسلەردە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋىرىدە بىر قىسىم ساھابىلەردە كارامەت كۆرۈلگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: پارسلارغا ئۇرۇش ئېلان قىلغاندا ساھابىلەرنىڭ ئاتلىق قوشۇن بىلەن دېڭىزدىن بىمالال ئۆتكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ساھابىلەر دەۋىرىدىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەنە بىر قىسىم ئەۋلىيالارنىڭ ئۆتكەنلىكى مەلۇم. لېكىن شۇنىسى ناھايىتى ئېنىقكى، ئاللاھ كارامەت ئاتا قىلغان ئەۋلىيالار ئۆز كارامەتلىرىنى خەلق ئالدىدا ئاشكارا قىلىپ يۈرمەيدۇ، مەن ئەۋلىيا، مېنىڭ مۇنداق نوچى كارامەتلىرىم بار دەپ پاش قىلىپ يۈرمەيدۇ، ئەكسىچە ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن توختىماي ئىبادەت قىلىدۇ، كىشىلەرگە كۆرۈنمەي پىنھان جايلاردا ئاددىي ئىشلار ئارقىلىق ئىنسانلارغا ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ. يەنى بەزى ئەۋلىيالار ھەتتا ئۆزىدە كارامەت بارلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ. ئۇلار كارامەتلىرىنى ئاللاھ يولىغا سەرپ قىلىدۇ. ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ئاللاھ ئاتا قىلغان كارامەتنى كۆرسىتىپ ئولتۇرمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئەۋلىيا دېگەن تەقۋالىق مۇقامىغا يەتكەن ئىنسانلاردۇر. ئۇلار دۇنيا ئىشلىرى ئۈچۈن، كەيپ-ساپا، ئەيش-ئىشرەت ئۈچۈن ئاللاھ ئاتا قىلغان كارامەتكە خىيانەت قىلمايدۇ.
يۇقارقى سېھرىگەرگە كەلسەك، ئۇنىڭ قىلغانلىرى بىر بولسا راست، يەنە بىر بولسا يالغان. يالغان بولسا ئۇ رەسۋا بولىدۇ. ئەگەر راست بولسا، ئۇ جىنلارنىڭ ياردىمىدە سۇدا ماڭالايدۇ ۋە بوشلۇقتا بىمالال تۇرالايدۇ. ئۇنى يۇقارقى ھۆكۈم بويىچە ئەۋلىيا دېمەيمىز، بەلكى سېھرىگەر ياكى جىنكەش دېسەك بولىدۇ. تارىختىن بۇيان شەيتانلارنىڭ ئىنسانلارغا سېھىر ئۆگىتىپ رەسۋا بولغانلىقى ھەممىزگە ئايان. سېھىرگەرلىك ھازىرقى زاماندىمۇ تۈگەپ قالغىنى يوق. ئۇ پەقەت جىنلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن بەزى ئىشلارنى قىلالىشى مۇمكىن.
ئۇنىڭ جىنلارنىڭ ياردىمىدە سۇدا ماڭغان بولۇشىنىڭ ئېھتىماللىقى يۇقىرى. چۈنكى ئۆزىدە ئەۋلىيالاردەك كارامەت بولغان بولسا، سۇ ئۈستىدە يۈگرىيەلەيتتى، ھەرگىزمۇ ئاستا-ئاستا ماڭمايتتى. بەلكىم ئىككى ياكى ئۇنڭىدىن كۆپ جىن ئۇ بەرگەن بۇيرۇق بويىچە ئىككى پۇتىنى ئالدىرىماي ئالغا سىلجىتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇنىڭدا راستلا كارامات بولسا، نېمىشقا دارۋازلار تانىدا ماڭغاندەك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن ئىككى قولىنى كۆتۈرۈۋالىدۇ. ئېگىز يەردە مېڭىۋاتقان ئادەملە تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىككى قولىنى ئازىراق بولسىمۇ كۆتۈرىۋالىدۇ. ھەممىنى ئاللاھ بىلىدۇ، ئۇنىڭ قىلغانلىرى راست بولسا، چوقۇمكى جىنلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا قىلىۋاتىدۇ، ئۇ سېھىر ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھقا ئاسىي بولدى. ھەقىقىي ئەۋلىيالار ھەرگىزمۇ سېھىر ئىشلىتىپ ئاللاھقا ئاسىي بولمايدۇ. چۈنكى سېھىرگەرلىك ئاللاھ چوشقا گۆشى يېيىش، بۇتقا ئىبادەت قىلىش قاتارلىق گۇناھى كەبىرلەر قاتارىدا سانىغا ئېغىر گۇناھ ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ئۇ سېھرىگەرنىڭ قىلغانلىرىغا ھەيران قېلىشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. ئۇنىڭ قىلغانلىرى مۇھەممەد ئەلايھىسسالام، مۇسا ئەلەيھىسسالام، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرى، مۇسۇلمان ئەۋلىيالارنىڭ كارامەتلىرى ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىيمەيدۇ. ئۇ سېھىر كۆرسىتىش بىلەن گۇناھىنى ئاشۇرسا ئاشۇرىدىكى ھەرگىزمۇ ساۋاب تاپالمايدۇ.
سىلىگە بىر ئېغىزلا گېپىم بار. قىپقىزىل ساراڭكەنلا
توغرا ئالاقىلىشىش نۇمۇرىڭىز نى كالدۇرۇپ قويۇڭە چچ نى
ئاللاھ مۇشۇ گىپىڭىزگە قانچىلىك ئەجىر بەرسە 2 ھەسسە بەرسۇن گەپنى بىلىپ قىلىڭ نىمگە ئاساسەن ساراڭكەن دەيسىز ھەقنى سۆزلىدىغۇ
ئەلۋەتتە يالغان دە ،لېكىن ھەقىقەتەن بىر قېتىم كۇرۇپ ھۇزۇرلىنىشقا ئەرزىيدىكەن ..رەخمەت ھارمىغايسىز.
راس دىگەندىمۇ بىرە ئاساس با بەلكىم كەيگەن ئايغىدا لەيلەپ تۇرۇشقا ياردەم بىر دىغان نەرسى باردۇ
ئەلۋەتتە يۇقىرى تىخنىكا ئارقىلىق باشقىلارنى ھەيران قالدۇرغان گەپ. ئۇنىڭىدا ھىچقانداق سىھىر يوق. «سۈزۈك ئەينەك قويغان» دىگەندەك پەرەزلەر نىملا بولمىسۇن ئىنتايىن ياخشى بۇپتۇ.