[بىر كىنو بىر دۇنيا] ۋېل شىمىسنىڭ نادىر كىنولىرىدىن بىرى بولغان كىلاسسىك ئەسەر- بەخىت ئىشىكنى چەككەندە
بىر قەيسەر ئاتىنىڭ بەخىت ئىزدەش يولىدىكى تەسىرلىك قىسمەتلىرى. گەرچە بۇ ئاتا «قەيسەر يۈرەك»تىكى ۋاللاسىدەك باتۇرجەڭچى بولمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا «قەيسەر» سۈپىتى ئۇنىڭغا لايىق. يېڭى باشلىغان [بىر كىنو بىر دۇنيا] ئادىتىمىز بويىچە بۈگۈن ۋوللىۋودنىڭ داڭلىق ئارتىسى Will Smith نىڭ كونا ئەمما ئۇتۇقلۇق چىققان كىنوسى «بەخىت ئىشىكنى چەككەندە The Pursuit of Happyness» ھەققىدە دوسلار بىلەن ئازىراق مۇنازىرىدە بولماقچى.
دائىم يۇمۇرىستىك ۋە ئالاھىدە ئوبرازى بىلەن ھەممىگە تونۇلغان ئارتىس Will Smith نىڭ مەزكۇر فىلىمدە بىر بىچچارە ئاتىنىڭ رولىىغا چىقىپ ئۇتۇق قازىنىشىنى ئەينى ۋاقىتتا ھېچكىممۇ ئويلىمىغان بولىشى مۈمكىن. لېكىن ئۇ بۇ ۋەزىپىنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلىۋەتكەندەك قىلىدۇ. ئادەتتە ئاخىرقى نەتىجىسىنى پەرەز قىلىشقا بولىدىغان ئاددى كىنولارغا ئانچە يۇقىرى باھا بەرمەيدىغان مەن ۋىروسمۇ ئۆز ۋاقتىدا بۇ فىلىمغا خېلى يۇقىرى باھا بەرگەن، ئەلۋەتتە ھازىرمۇ تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچۇرغاندا، ھاياتتىن ئۈمۈتسىزلەنگەندە دائىم مۇشۇ كىنونى كۆرۈپ ئۆزۈمگە تەسسەللى تاپىمەن.
فىلىم ھەققىدە ئىككى كەلىمە
فىلىمدە Chris Gardner ئىسىملىك بۇ ئەر بالىلىقىدىكى ئاتىسىزلىق كەشمىشلىرى سەۋەب ئۆز بالىسىغا ئالەمچە ئاتا مېھرى بېرىشنى ئىستەيدۇ. لېكىن رىئاللىق ھەممە ئادەمگە تەڭ باقمغاچ كۈندە دوختۇرخانىلار ئارا قاتىراپ يۈرۈپ سەھىيەدە ئىشلىتىدىغان سىكاننېر ئەسۋابى سېتىش بىلەن تۇرمۇشىنى قامداپ كېلىۋاتقان بۇ ئاتىنىڭ بالىسىغا ئەمەس، ھەتتا ئايالىغىمۇ تويۇنغۇچە مېھىر ئاتا قىلىشقا قۇربى يەتمەيدۇ. شۇ جەرياندا ئۇ بىر مەبلەغ سېلىش پاي ھەسسىدارلىق شىركىتىدە ھېچقانداق ئوقۇش تارىخى تەلەپ قىلمىغان ھالدا پىراكتىكا قىلىش پۈرسىتىگە ئېرىشىدۇ. لېكىن ھېچقانداق ھەق ئالمىغان شارائىتتا ئالتە ئاي ئىشلەش كېرەك بولغاچ، بۇ ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ بېسم ئىلىپ كېلىدۇ. ئاخىرى ھەتتا ئائىلە شارائىتىنىڭ بۇنچە ناچارلىقىغا چىدىمىغان ئايالىمۇ بالىسى ۋە ئېرىنى تاشلاپ كېتىپ قالىدۇ.
ئايالىدىن ئايرىلغان ئاتا ۋە ئانىسىدىن ئايرىلغان بالا شۇندىن تارتىپ تۇرمۇشنىڭ ئېغىرىنى يۈكىنى زىممىسىگە ئارتىپ ئالغا قاراپ ماڭىدۇ. تۈزەرەك يەيدىغان نەرسىنى قويۇپ ھەتتا ئۆي ئىجارىسىنى تۆلىيەلمىگەچ گاھى مېتىرو ھاجەتخانىسىدا تۈنىسە گاھى چېركاۋنىڭ يىغىۋىلىش ئورۇنلىرىدا تۈنەيدۇ. ئەتتىگىنى پىراكتىكا قىلسا چۈشتىن كېيىن سىكاننېر ساتىدۇ. كەشتە بولسا يىغىۋېلىش ئورنىدىن بىر كىشلىك كارۋات ئېلىش ئۈچۈن ئۇزۇن- ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرىدۇ.
مانا بۇ بىر ئۇلۇغ ئاتىنىڭ ئۆز پەرزەنتگە بەخىتلىك تۇرمۇش ئاتا قىلىش يولىدىكى كەچمىشى. فىلىمدە بەخىت ئۆلچىمىگە ئۆزگىچە بىر خىل يۇسۇندا تەبىر بەرگەن بولۇپ، بەلكىم ھەممە تەل ھالەتتىمۇ تۇرمۇشتىن زوق ئالالمايدىغانلار ئۈچۈن ياخشى بىر دەرىسلىك بولىشى مۈمكىن. گەرچە كونا بولسىمۇ قىممەت قارىشى نۇقتىسىدىن بۇ فىلىم بۈگۈن تورخۇمارلارغا تەۋسىيە قىلىندى. شۇنىسى ئېنىقكى ھەممىڭلار بۇ فىلىمنى كۆرۈپ بولغان بولىشىڭلار مۈمكىن. ئەمما ھېچ بولمىسا مەنچە بۇ فىلىمنىڭ ساقلاش قىممىتى بار.
فىلىمدىن بىر پارچە تەسىرلىك كۆرۈنۈش
سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش [شۈنلېيدىن چۈشۈرۈڭ]
HR-HDTV سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار | ئۇيغۇرچە يېزىقلىق تەرجىمە نۇسخىسى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئائىلە، تەسىرلىك، تۇرمۇش، كىنو، مۇھەببەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,050 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 09-ئاينىڭ 24-كۈنى
- يازما مەنزىلى: the-pursuit-of-happyness.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > شادىمان پادىچىلار! 1000 تۇياق قويدىن پايدىلىنىپ ئېلىكترونلۇق ئويۇن ئويناش دېگەن قانداق گەپ بولۇپ كەتتى ئەمدى؟!
- كېيىنكى يازما > 2007-يىللىق ئوسكاردا نامى ئاتالغان كونا، ئەمما كلاسسىك كارتون فىلىم: تىيىن، قارىغاي ئۇرۇقى ۋە ۋاقىت ماشىنىسى
- ھوللىۋود سەھىيسىدىكى قىسقا فىلىم – ئانا مۇھەببىتىنىڭ قۇدرىتى
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
فىلىمدە بالا دادىسىغا تەڭىرى ھەققىدە شۇنداق بىر يۇمۇر قىلىدۇ. بەلكىم بۇ يۇمۇر مەزكۇر كىنونىڭ مەركىزى ئىدىيىسىنى تېخىمۇ يورۇتۇپ بەرگەن بولىشى مۈمكىن.
بىر كۈنى بىر تەقۋادار دېڭىزغا چۆكۈپ كېتىپتۇ ۋە توختىماستىن تەڭىرىدىن ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنى تىلەپتۇ, شۇ ئەسنادا بىر قۇتقۇزۇش پاراخۇتى يىتىپ كەپتۇ, ئەمما ئۇ تەڭىرى مېنى قۇتقۇزىدۇ دەپ كېمىنى رەت قىپتۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە بىر كېمە كەپتۇ, ھېلىقى تەقۋادار ئوخشاشلا رەت قىپتۇ ۋە سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپتۇ.
ئەرىشكە چىققاندا ھېلىقى تەقۋادار قايىل بولمىغان ھالدا(ئېھ ھەممىگە قادىر ئىگەم, مەندەك بىر تەقۋادار بەندەڭ سۇغا چۆكۈپ كەتسە نىمدەپ قۇتقۇزمايسەن دەپتۇ. تەڭىرى جاۋابەن
– ئەجىبا مەن ئىككى قېتىم سېنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كىمە ئەۋەتمىدىممۇ, دەپتۇ.
ئاپلا خەنچە فىلىمكەنغۇ بۇ!؟ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بولسىچۇ كاشكى،ئالدىنقى قىتىم يوللىغان (ياللانما قاتىل لىئون)نى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ كۆرگەنتىم،ئۇنىڭ ئاقبۈركۈت تورىدا ئۇيغۇرچە خەتلىكى باركەن،بىراق بۇنى نەدىن تاپارمەن ئەمدى،
بۇ كىنو قۇتيار تورىدا بار.
ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە نۇسخىسىنى ئاستىدا ئۇلانما قىلىپ قويدۇمغۇ ، تەپسىلى كۆرۈڭ!
سۈزۈك ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمىسىنى كۆرۈڭ:
http://www.terjimefilim.com/uyghurchefilimler/terjimeqiliniwatqan/2011-03-05/139.html
مەنمۇ مۇشۇ كىنونى قايتا قايتا كۇرگەن ھەقەقەتەن ياخشى كىنوبۇ
مەڭە ھەممىدىن تەسىر قىلغان يىرى ئۇ ئالتا ئاي جاپالىق خىزمەت قىلىش ئارقىسىدا خىزمەتكە ئىرىشكەن يىرى ماڭا نىسپەتەن تولۇمۇ تەسىرلىك تۇيلىدۇ(تۇنجى قىتىم كورگەندە يىغلاپ سالغىلى تاس قالغانتىم)
ھەراس بۇگۇن دىۋانچىلار يوققىنا تورخۇمارغا كەلگەن شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بىرى تۇنجىقىتىم دىۋان جىدىلى كورمەپتىمەن توۋا ھاھا
بۇ بەك پەچەت كىنو . ماڭا ھېلىقى كوبىكنى تىزغان مىنۇتلىرى بەك يارايدۇ .
ئېرقىي كەمسىتىش، كەسكىن رىقابەت ئىچىدىكى جاپالىق تۇرمۇش، بولۇپمۇ نىگىرلار ھېلىقى كۈتۈنۈش ئورنىدا تىزىلىپ تۇرغاندا، بىر توپ ئاق تەنلىك ئۈستى ئوچۇق ماشىنىدا ۋارقىراشقانچە ئۆتۈپ كىتىدۇ. بۇ ئىنتايىن قىسقا كۆرۈنۈش بولسىمۇ دېققەت قىلغان ئادەم كىنونىڭ ئەڭ مەركىزىي ئىدىيىسىنىڭ مۇشۇ يەرگە مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى بىلىپ يېتىدۇ. مەن 20 قېتىمدەك كۆرگەن، ما تېمىنى كۆرۈپ يەنە بىر قېتىم كۆرىۋەتتىم…
فىلىمنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە يالغۇز تېلىۋېزوردىن كۆرگەن، دەل يازمىدا قىستۇرۇلغان كۆرۈنۈش بەك تەسىر قىلغان. كەچ قېلىپ ئۇخلايدىغان جاي يوق ئوبۇرنىدەك بىر جايدا بالىسىنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئۇخلاۋاتقاندا، سىرتتىن ئىشىكنى قاتتىق ئۇرۇپ كېتىدۇ. بالىنى ئويغىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن خېلى تىرىشىدۇ. شۇ ۋاقىتتىكى ئىلاجسىزلىق، بىچارىلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈش، كۆزىدىكى لىغىرلاپ تۇرغان ياشلار مېنىڭمۇ بۇرنۇمنى ئېچىشتۇرىۋەتكەن، ئۆزۈمنى شۇنچە تۇتىۋالساممۇ كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتكەن ئىدى.
دەششەت كىنو ماۋۇ
ئەسالامۇ-ئەلەيكۇم تورخۇمارلار
بۇ فىلىمنى ئىنتايىن ياقتۇرىمەن ، مېنىڭ نەزىرىمدە بۇ فىلىم Will Smith ئەڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئەسىرى ، بۇ فىلىم توغرىسىدىكى ئەڭ ئېىسل چۈشەنچىنى دىۋاندا ئولتۇرغا قېرىندىشىمىز سۆزلەپ بوپتۇ ، بۇ فىلىمنىڭ مەركىزى ئىدىيسىمۇ شۇ بىر ھېكمەتكە باغلانغان، نىمىشقىكىن بۇ فىلىمنى پات-پاتلا كۆرۈپ ئۆزۈمگە ئىرادە توپلاپ تۇرىمەن ، ھازىرغۇچە ئەسلى تىلدىكى ئەڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى ساقلاپ كىلىۋاتىمەن …………
فىلىمدىكى ۋەقەلىك ئامېرىكىنىڭ داڭلىق قارا تەنلىك مەبلەغ سېلىش مۇتەخەسىسى كرىس گاردنېرنىڭ كىشلىك ھايات سەرگۈزەشتىلىرىدىن ئېلىنغان.كىرىس گاردىنىر 28 ياشقا كىرگەندە ئاندىن دادىسى بىلەن كۆرۈشۈپتىكەن شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ بالىسىغا نىسبەتەن مەسئولىيەتچانلىقى كۈچلۈك ئاتا . ھەقىقىي ۋەقەلىككە ئاساسەن يېزىلغان بۇ نادىر فىلىم ھەتتا مەن مەن دىگەن تاش يۈرەكلەرنىڭمۇ بۇرنىنى ئېيچۇشتۇرغان .
Will Smith نىڭ بۇ فىلىمىنى مەنمۇ ناھايتى ياخشى كۆرىمەن .
مەسئۇلىيەت ، چىدام، مېھرىبانلىق، بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ، قىيىنچىلىققا توغرا مۇئامىلە قىلىش… … ئىشقىلىپ ، تەربىيەۋى ئەھمىيىتى بار فىلىم ئىكەن بۇ.
بىلىشىمچە Will Smith مۇشۇ فىلىمنى ئىشلەش ئۈچۈن ، پېرسوناژ ئوبرازىنى يارىتىش ئۈچۈن جىق جاپا چېكىپ ئورۇقلىغان ئىكەن.
مەن ياقتۇرۇپ كۆرگەن كىنولارنىڭ بىرى
چۈشۈرۈش ئادرېسى خاتا ئەمەستۇ ، مېنىڭكىدە چۈشمەيۋاتىدۇ …
ئۇنىڭ «يەتتە فونىستىرلىڭ» دېگەن كىنوسىنى كۆرۈپ شۇنداق يىغلاپ كەتكەنتىم
بۇ فىلىمنى تۇنجى كۆرگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە، ئۈستەل يۈزىدىكى ئەڭ كۆزگە چىلىقىدىغان يەرگە قويۇپ قويدۇم. كۆڭۈلسزلىككە يولۇققاندا بىر قېتىم كۆرۈپ قويىمەن.(گەرچە مېنىڭ بالام بولمىسىمۇ) ئۆزۈمنى باش پىرسوناژغا سېلىشتۇرىمەن… يامان زەڭگى بۇ !!!
بەخت ئىشىكنى چەككەندە
http://www.akburkut.com/eza/forum.php?mod=viewthread&tid=3634&fromuid=3068
مانائۇيغۇرچە ئاۋزلىق سۈزۈك نۇسخۇسى