• 2009-04-25

    دىلو ۋە تەھلىل - [دىلو ۋە تەھلىل]

    دىلو ئەھۋالى :

    95-يىلى 55...56 ياشلار چاممىسىدىكى پەرزەنىت يۇزى كۆرمىگەن ئەر-خوتۇن باشقىلار تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلگەن بىر بوۋاقنى بىقىۋالىدۇ . بۇلار ياشىنىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن خەلىق ئىشلار ئىدارىسىگەبىرىپ بىقىۋىلىش   رەسمىيىتىنى ئۆتىمەيلا ۋە ج خ ئورگانلىرىغا بىرىپ نوپوسنى بىجىرمەي بۇ بالىنى ئالتە يىل باقىدۇ. بۇبالا يەسلى يىشىغا توشۇپ شوخ، ئوماق كۈلكىلىرى بىلەن بىقىۋالغان ئاتا ـ ئانىسىنىڭ قەلبىدە شۇنداق گۈزەل ئارمانلارنى قالدۇرۇپ تاسادىبى قاتناش ھادىسىسى بىلەن قازا قىلىپ ئۆلۇپ كىتىدۇ.
    قاتناش ساقچىلىرى ئاساسلىق جاۋابكارلىقنى ئۆلگۇچىگە، قوشۇمچە جاۋابكارلىقنى شوپۇرغا قويۇپ، ئۆلگۇچىنىڭ ئەسلى  ئاتا ـ ئانىسىغا  60مىڭ يىۋەن تۆلەم تۆلەشنى بۇيرىدۇ .
    بۇنىڭغا كۆزى قىزارغان بالىنى تاشلىۋەتكەن  ئاتا ـ ئانىسى بالىنىڭ ئەسلى ئاتا ـ ئانىسى بىز ، 60مىڭ يىۋەننى بىز ئالىمىز دەپ ئادۇكاتلار ئىش ئورنىغا بىرىپ ئادۇكات تەكلىپ قىلىپ سوتقا ئەزىر قىلماقچى بولىدۇ. ئادۇكاتلار تاشلىۋەتكەن بولسىمۇ بالىنىڭ  ئەسلى ئاتا ـ ئانىسى،
    بىقىۋالغان ئاتا ـ ئانىسى خەلىق ئىشلار ئىدارىسىگەبىرىپ بىقىۋىلىش   رەسمىيىتىنى ئۆتىمەيلا ياكى ج خ ئورگانلىرىغا بىرىپ نوپوسنى بىجىرمەي،
    قانۇنسىز بالا بىقىۋالغان.ھەم خەخنىڭ مال ـ مۇلىكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان <<60مىڭ يىۋەننى>> دەپ قاراپ بۇ پۇلنى بىقىۋالغان ئاتا ـ ئانىسىدىن ئەسلى ئاتا ـ ئانىسىغا قايتۇرۇپ بىرىشنى بۇنىڭغا كۆنمىسە سوتقا ئەرىز قىلىشنى ئۇختۇرغان .

     

    تەھلىل  :

    «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بېقىۋېلىش قانۇنى» 15-ماددىسىدا « بېقىۋېلىشتا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكىمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا  تىزىمغا ئالدۇرۇش كېرەك ، بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى تىزىمغا ئالدۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئورنىتىلغان بولىدۇ. ئۆز-ئاتا ئانىسى تېپىلمىغان ، تاشلىۋىتىلگەن بوۋاق ۋە بالىلارنى بېقىۋېلىشتا خەلق ئىشلىرى تارمىقى تىزىمغا ئېلىشتىن ئىلگىرى ئېلان چىقىرىشى كېرەك.» دەپ بەلگىلەنگەن .  
    يۇقارقى دىلۇ ئەھۋالىدىن قارىغاندا ، بېقىۋالغۇچى تەرەپ بىلەن بېقىۋىلىنغۇچى پەرزەنت ئوتتۇرىسىدا  قانۇنلۇق بېقىش-بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى شەكىللەنمىگەچكە  ، ئۇلار  ئارىسىدىكى بېقىش-بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى قانۇنى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ . يەنى بېقىۋالغۇچى ئاتا-ئانا  بىلەن بېقىۋېلىنغان پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى  ھوقۇق-مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىدە قانۇندىكى ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەرمۇناسىۋەت توغرىسىدىكى  بەلگىلىمىلەر تەدبىقلانمايدۇ . شۇڭا سوت مەھكىمىسىنىڭ 60مىڭ يۈەن  تۆلەم پۇلىنى  بالىنىڭ   ئەسلى ئاتا-ئاناسىغا  ئايرىشى قانۇنغا ئۇيغۇن  .  
                                بېقىۋالغۇچى ئاتا-ئانا ھوقۇقىنى قانداق قوغدايدۇ ؟
    «ھەق-تەلەپ قانۇنى قانۇنى ئۇمۇمىي قائىدىسى» نىڭ 93-ماددىسىدا « قانۇندا ياكى پۈتۈمدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتى بولمىسىمۇ ، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى زىياندىن ساقلاپ  قېلىش ئۈچۈن باشقۇرغانلار ياكى مۇلازىمەت قىلغانلار شۇ مۇناسىۋەت بىلەن  بولغان تېگىشلىك چىقىمنى مەنپەئەتلەنگۈچىدىن ئۈندۈرۋىلىشقا ھوقۇقلۇق»  دەپ  بەلگىلەنگەن.   «ھەق-تەلەپ قانۇنى قانۇنى ئۇمۇمىي قائىدىسى» نىڭ «ئاساسسىز باشقۇرۇش» توغرىسىدىكى  بۇ  بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، بېقىۋالغۇچى ئاتا-ئانا بېقىۋىلىنغۇچى پەرزەنتنىڭ  ئەسلى ئاتا-ئانىسىدىن  بېقىۋېلىنغۇچىنى ئالتە يىل باققان  جەرياندىكى كەتكەن چىقىملارنى تەلەپ قىلسا  بولىدۇ . ئەگەر  پەرزەنتنىڭ  ئەسلى ئاتا-ئانىسى ئىقتىسادىي چىقىمنى  بېرىشكە قوشۇلمىسا ياكى ئىككى تەرەپ كېلىشەلمىسە  ، مەسىلىنى سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق ھەل قىلسىمۇ بولىدۇ .

     

    分享到: