• 2008-10-19

    ئەگەر (ئوسمانجان مۇھەممەت پاسىئان) - [Artsسەنئەت]

    ئەگەر بىرسى ئاسمانغا قاراۋاتقان بولسا ،بىزچە ،ئۇ چوقۇم ئىشىق ئوتىدا ساراڭ بولغان ئاشىق ۋە ياكى ھاكاۋۇر ،چەت ئەللەردە بولسا ،ئاسترونومىيە خادىمى ياكى ھاۋادىكى مەلۇم ئۆزگىرىشنى ئۇزاقتىن بېرى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ كىلىۋاتقان دوكتور.ئەگەر بىرسى يەرگە قاراپ كىتىۋاتقان بولسا ،بىزچە ،ئۇ سالام بېرىشنى ئۇقمايدىغان دۆت-مەتو ،چەت ئەللەردە بولسا بىرەر نەرسىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغۇچى .

    ئەگەر بىرسى كۆل بويىغا ياكى تاغ باغرىغا كەلگەن بولسا ،بىزچە ،ئۇ بىرەر قىز بىلەن خۇپىيانە كۆڭۈل ئېچىشنى پىلانلىغان بۇزۇق ،چەت ئەللەردە بولسا ،تەۋەككۈلچىلىك روھىغا باي ساياھەتچى ياكى ئىكىسپىدىتسىيىچى .

    ئەگەر بىرسىنى توك سوقۇۋەتكەن بولسا ،بىزچە ،ئۇباشلانغۇچ مەكتەپنى چالا پۈتتۈرۈپلا تىرىكچىلىك ئۈچۈن سوكۇلداۋاتقان دېھقان ،چەت ئەللەردە بولسا، مەلۇم بىر فىزىكىلىق  ھادىسىنى ئۆز تىنىدە تەجىربە قىلىپ سىناپ باققۇچى تىرىشچان ئاسپىرانت.

    ئەگەر بىرسى كىتاپخانىغا كىرىپ ناھايىتى ئۇزاقتا بىركىتاپ سىتىۋالغان بولسا ،بىزچە،  ئۇنىڭ قولدىكى "مۇھەببەت ئۆزى سۆزلەيدۇ "ياكى "ئارمان"،چەت ئەللەردە بولسا ،"ئاي شارىغا سەپەر "  ياكى مارستىكى بىركۈن .

    (ئوسمانجان مۇھەممەت پاسىئان)

    چوڭ بولغاندا

    چوڭ بولغاندا ئۇچقۇچى بولىمەن دىگەن بالىلارنىڭ قاۋاق بىلەن يالاق ئارىسىدا ئۇچالماي ئۆمىلەپ يۈرىدۇ.

    چوڭ بولغاندا ساقچى بولىمەن دىگەن بالىلارنىڭ بەزىلىرى ساقچىلارنىڭ ئالدىدا بىشىنى سىلىپ كىتىپ بارىدۇ.

    چوڭ بولغاندا دوختۇر بولىمەن دىگەن بالىلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزىگە قىممەت باھالىق زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ خۇمارىنى داۋالاۋاتىدۇ.

    چوڭ بولغاندا ئوقۇتقۇچى  بولىمەن دىگەن قىزلىرىمىزنىڭ بەزىلىرى كېچىلىك بەزمىخانىلاردا يولدىن چىققان بايۋەتچىلەرنى "ئوقۇتىۋاتىدۇ ".

    چوڭ بولغاندا سىزنى باقىمەن  دىگەن بەزى بالىلار ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنچە تېخى قايتىپ كەلمىدى ...

    (ئوسمانجان مۇھەممەت پاسىئان)