• 2008-10-19

    سىتودېنتلارغا ئىككى كەلىمە سۆز - [Artsسەنئەت]

    ئالىي مەكتەپلەر بىلىم بۇلىقىدۇر، بىلىم بۇلىقىدىن سۇ ئىچىشكە مۇيەسسەر بولالىغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىز ناھايىتى بەختلىك كىشىلەردۇر. مۇشۇ قىسقىغىنە ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزۈش ئادەمنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتىغا، ھەتتا كېيىنكى پۈتۈن ئۆمرىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. يېقىنقى بىر ئىككى يىلدىن بۇيان مەن بەزى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا قىسمەن مەسىلىلەرنىڭ تېخى ئايدىڭلاشمىغىنىنى بايقىدىم(ئەلۋەتتە بۇ ئومۇمىيلىق ئەمەس). ئىلگىرى بۇ مەسىلىلەرنى مەنمۇ باشتىن كەچۈرگەن. ھازىر مەن بۇ مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالدىم دەپ قارايمەن. بۇنىڭ بەدىلىگە مەلۈم ۋاقىتتىن قۇربان بەرگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. شۇڭا باشقىلارنىڭ ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلماسلىقى ئۈچۈن ئۆزەمنىڭ بەزى تەكلىپلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. ئەلۋەتتە بۇلار ئۆزەمنىڭ قارىشىم. چوقۇم تۇغرا بۇلىشى ناتايىن. كۆپچىلىكنىڭ ئىجابىي يۇسۇندا پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    مېنىڭچە ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا بەزى نەرسىلەر كەم ياكى تېخى ئايدىڭ ئەمەس. مەن ئۇلارنى نىشان، روھ، قەھرىمان، يېتەكچى ئىدىيە قاتارلىقلارغا يىغىنچاقلىدىم. نىشان دېگىنىمىزدە، بۇنى ئىككى تۈرگە بۆلۈش مۇمكىن. بىرى، ئۇلۇغۋار غايە. يەنە بىرى، نۆۋەتتىكى كونكرېت نىشان، مۇددىئادۇر. ئادەمدە بۇ نەرسىلەر بولمىسا سەركىسىز پادىدەك كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلار تازا ئۈنۈملۈك، تولۇق بولمايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ ئۇلۇغۋار غايىنى تىكلەش ياكى ئۆزىگە زادى نېمە لازىملىقىنى بىلىشكە مەلۇم جەريان كېتىدۇ. بۇ تۇرۇپ تۇرسۇن، مەن كونكرېت نىشان ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتەي. مەن بۇنىمۇ ئىككىگە ئايرىدىم. يەنى، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغانلار ئۈچۈن ۋە ئىچكىرىدە ئوقۇغانلار ئۈچۈن. بۇنداق بۆلۈشۈمدە باشقا مەقسىتىم يوق، مەن ئۆزۈممۇ شىنجاڭدا ئوقۇغان. كۆپچىلىكنىڭ باشقىچە ئويلىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭدا ئوقۇغانلار ئۈچۈن دىپلوم، ئۇنۋان ۋە HSK8 كېنىشكىسى ئېلىش دېگەنلەر ئەڭ ئەقەللىي نىشان بۇلىشى كېرەك. بۇلار بەلكىم بەزىلەر ئۈچۈن بەكلا ئاددى تۇيۇلۇشى مۇمكىن، بۇنداق ھېس قىلغان بولسىڭىز CET4 كىنىشكىسىنى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرىسىنى قوشۇۋالسىڭىز بولىدۇ. ئىچكىرىدە ئوقۇغانلار ئۈچۈن دىپلوم، ئۇنۋان، HSK11 كىنىشكىسى ۋە CET4 كىنىشكىسى ئېلىش دېگەنلەر ئوخشاشلا ئەڭ تۆۋەن نىشان بولۇشى كېرەك. بۇنىڭغا يەنە خەنزۇتىلى ئۆلچەملىك تەلەپپۇز ئىمتىھانى(普通话考试) كىنىشكىسى، IELTS ، CET6 ۋە TOEFL نىڭ بىرىنى، شۇنداقلا پاسپورت دېگەنلەرنى قوشسىڭىز ئەڭ ياخشى. پاسپورت توغرىسىدا ئازراق توختىلىپ ئۆتەي. ھازىر مىنىڭ تونۇشلۇرۇمنىڭ ئىچىدە چەتئەلگە چىقىش ئارزۇسى بار ئەمما پاسپورت بېشىنى قاتۇرۇۋاتقانلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ئىچكىرىدە ئوقۇغانلار بولۇپ، ئىچكىرىدە ئويۇننىڭ ئورنىدا بېجىرىدىغان نەرسىنىڭ شىنجاڭدا تەسلىكىدىن قاقشىماقتا. ئۈرۈمچىدە پاسپورت بېجىرىش توغرۇلۇق بۇرۇن بىر تېما يوللىغانىدىم. تۆۋەندىكى ئۇلانما:
    http://bilik.cn/?pagetype-bbsthread-and-tid-13654.html
    ئىچكىرىدە پاسپورت بېجىرىش شىنجاڭدا بېجىرگەنگە قارىغاندا كوپ ئاسان. شەرتلىرى، نوپۇسىڭىزنى ئۆزىڭىز ئوقۇۋاتقان مەكتەپكە يۆتكەپ كەلگەن بولىشىڭىز، ئاندىن كىملىكىڭىزمۇ شۇ جاينىڭ بۇلىشى كېرەك. ئاندىن مەكتەپ ساقچىخانىسىغا كىرىپلا پاسپورت بېجىرىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتسىڭىز جەدۋەلدىن بىرنى بېرىدۇ، شۇنى تولدۇرسىڭىزلا ئىش پۈتتى دېگەن گەپ. نورمال ئەھۋالدا بىر ھەپتىدە پاسپورت قولىڭىزغا چىقىدۇ. چەتئەلدىن چاقىرىق ئەكەلدۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. دەل مۇشۇنداق ئاسان بولغىنى ئۈچۈن بۇنىمۇ ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ھاياتىنىڭ بىر نىشانى سۈپىتىدە قوشۇپ قويدۇم. سىز ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدا بەلكىم چەتئەلدە ئوقۇش خىيالىڭىز يوق بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىككى يىلدىن كىيىن بىر نېمە دېمەك تەس. شۇڭا بىكار يۈرگەندىن بېجىرىپ قويۇڭ، ئارانلا 220 يۈەن. شىنجاڭدىمۇ بېجىرگىلى بولىدۇ، پەقەت سىزدە پاسپورت بېجىرىشكە ھەقىقىي نىيەت بولسىلا. سىز مۇشۇ كونكرېت نىشانلارغا يېتىش يولىدا تىرىشسىڭىز بەلكىم ئۆز غايىڭىزنى تېپىۋېلىشىڭىز مۇمكىن. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ئەڭ ئەقەللىي تەلەپلەر سىزنىڭ خىزمەت تېپىشىڭىزدىكى ئەمەس، خىزمەت تېپىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىڭىزدىكى زۆرۈر شەرتلەردۇر. ئىمتىھاندىن قانداق نەتىجە ئېلىشىڭىز ئۇ تېخى ئايرىم گەپ. ئۇندىن باشقا يەنە ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭىزدا كۆپرەك كىتاب ئوقۇۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ كىتابلار سىز قىزىقىدىغان ھەرقايسى ساھەلەردىن بولسۇن، مەسىلەن، پەلسەپە، تارىخ، باشقۇرۇش ئىلمى قاتارلىقلار ھەمدە قايسى تىلدا بولسا بولىۋېرىدۇ. مۇشۇ كونكرېت نىشانلارنى ستودېنت دوستلارغا ئەسكەرتىپ قويۇش مىنىڭ بۇ تېمىنى يېزىشتىكى ئاساسى مۇددىئايىمدۇر، چۈنكى ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن خەنزۇتىلى سەۋىيە ئىمتىھانىغا قاتنىشىش كېرەكلىكىنى پەقەت ئۇقمايدىغانلارمۇ باركەن.
    كېيىنكىسى روھ، يەنى ئىزچىللىق روھى. دەرسلەردە ئەلاچى بولۇپ ئوقۇسا ئەلۋەتتە ياخشى، ئەمما بىر سىنىپتا ئەلاچىلار ئۇنچە كۆپ بولمايدۇ. مەن ئەلاچى ئوقۇغۇچىغا قارىغاندا ئۆزىنى تاشلىۋەتمەيدىغان، ئەلاچى بولالمىسىمۇ بوشاشماي تىرىشىدىغان روھنىڭ بولۇشىنى بەك مۇھىم دەپ قارايمەن. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك جان بېقىش تەس بولۇپ كەتكەن ۋەزىيەتتە مەيلى سىز ئوقۇغۇچى بولۇڭ ياكى ئوقۇش پۈتتۈرگەن بولۇڭ، جەمئىيەتنىڭ سىزگە بېرەلەيدىغىنى ئۆزىڭىزنىڭ بىر كىشىلىك ئورنىڭىز ئۈچۈن توختىماي ئىزدەنمىسىڭىز بولمايدىغان جاپا يولىدۇر. مانا مۇشۇنداق ئىزدىنىش روھىنى ئۆزىڭىزگە ھەمرا قىلىۋالسىڭىز، جەمئىيەتتىن ئۆزىڭىزگە بىر كىشىلىك ئورۇن يۇلۇپ ئېلىش بىلەن بىرگە ئۆز غايىڭىزنى تاپالايسىز. بۇ خىل روھنىڭ يېتىلىشىمۇ كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارغا باغلىق بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، سىز ياشاۋاتقان مۇھىت، ئائىلە تەربىيىسى، مەكتەپ تەربىيىسى ۋەھاكازالار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئائىلە تەربىيىسىنى بەك مۇھىم دەپ قارايمەن. شۇڭا مەن ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلاردا ھازىردىن باشلاپ مۇشۇنداق بىر روھنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئامال بار ئۆزى ئۈلگە بولۇش ئاساسىدا تەربىيە ئېلىپ بېرىلسا ئەڭ ياخشى. ئەلۋەتتە يېقىن كەلگۈسىدە ئاتا - ئانا بولىدىغان سىز ۋە مەنمۇ بۇ مەسىلىلەرنى ھازىردىن باشلاپ ئويلاپ قويساق زىيىنى يوق.
    ئۈچىنچىسى قەھرىمان. بۇ ھەرگىزمۇ جەڭ قىلىدىغان ئۇرۇش قەھرىمانى ئەمەس، بەلكى بىزگە ئۆگىنىشتە ئۈلگە بولالايدىغان ئادەملەرنى كۆزدە تۇتتۇم. ئىچكىرىدە ئوقۇيدىغانلارنىڭ بۇنداق قەھرىمانلارنى ئۇچۇرتۇش پۇرسىتى شىنجاڭدىكىلەرگە قارىغاندا كوپ. يەنى، سىز ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ۋاقىتتا ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ ئانا مەكتىپىڭىزگە ياكى باشقا داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھانسىز ماگىستىر ئوقۇشقا كۆرسەتكەندە ئۇ يەرلەردە ئوقۇشنى خالىماي، TOEFL ۋە GRE ئىمتىھانلىرىدىن ياخشى نەتىجە ئېلىپ ۋاشىنگىتونغا، لوندونغا ۋە ياكى باشقا دۆلەتلەرگە ماگىستىر ئوقۇغىلى ماڭغىنىنى كۆرەلىشىڭىز، ھەتتا سىز ئەمدى ئوقۇشقا بارغان ۋاقىتتىلا ئاشۇنداق ئىشلارنى ئاڭلاپ تۇرالىشىڭىز تامامەن مۇمكىن. ئەمما شىنجاڭدا بۇنداق ئىشلار ئاساسەن يوق، بۇ يەردىكى مەن ياكى باشقىلار بىۋاستە ئۇچۇرۇشالايدىغان يوغانراق قەھرىمانلىق ھېكايىسى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىرلىقىغا ئىمتىھانسىز ۋە ئىمتىھانلىق قۇبۇل قىلىنغانلىقتىن ئىبارەت. ئەمما بۇ سان بەكلا ئاز. شۇڭا مەن مۇشۇنداق قەھرىمانلارنىڭ كۆپرەك مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە سىزنىڭ ئىچكىرىدىكى ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشىڭىزنى ئارزۇ قىلىمەن(ئەلۋەتتە ياخشى ئوقۇغانلىرى بىلەن).
    ئاخىرقىسى يېتەكچى ئىدىيە. بۇ خىل ئىدىيىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ تازا ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. بۇ نەرسىنى مەنمۇ خېلىدىن بېرى ئىزدەۋاتىمەن، ھازىرچە تاپالمىدىم. بەلكىم ئۇيغۇر پەلسەپىسىدۇر ۋە ياكى باشقا نەرسە. بۇ ھەرگىزمۇ گۇناھنى پەلسەپىگە دۆڭگەپ قويغىنىم ئەمەس. مىنىڭ نەزىرىمدە نۇرغۇن ئىشلار بەكلا ئاددى، ئەمما نۇرغۇن ئادەم شۇ ئاددى نەرسىنى چۈشۈنۈپ بولالماي، ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئۇقماي يۈرگەندەكلا ھېس قىلىمەن. شۇڭا ئاددى، چۈشىنىشلىك، ئاممىباپ بىر نەزەرىيە ياكى بىر ئىدىيىنىڭ كۆپچىلىكنى يېتەكلىشىنى بەكلا ئۈمىد قىلىمەن.
    مېنىڭچە بولغاندا مىللەتكە تۆھپە قوشۇش ئۇنچە بەك تەس ئىشمۇ ئەمەس. ھەممەيلەن ئۆزىمىز قىلالايدىغان ئىشلارنى ياكى ئۆزىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزنى ياخشى ئادا قىلساقلا بولدى. مەسىلەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يۇقىرىدا مەن دېگەن ئەقەللىي تەلەپلەرنى ئورۇنداشقا تىرىشىش بىلەن بىرگە ئىقتىسادچىل بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللەتسە، ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر ھۆكۈمەت ئورنى بولمىسىمۇ، شىركەتلەردە ئىشلەپ ياكى دېھقانچىلىق قىلىپ، ئىشقىلىپ ئۆيگە ئېغىرچىلىقىنى سالماي، ئىقتىسادى جەھەتتە يەنە ئائىلىگە تايىنىۋالىدىغان ئىشنى تۈگەتسە، ئوقۇتقۇچىلار دەرسنى ياخشى ئۆتۈش بىلەن بىرگە بالىلارنى ئىدىيە جەھەتتىن تۇغرا يولغا يېتەكلەشكە تىرىشسا بۇنى مەن مىللەتكە، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشقانلىق ياكى تۆھپە قوشۇشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقانلىق دەپ قارايمەن.
    ئاخىرىدا كۆپچىلىكتىن كۈتىدىغان يەنە بىر ئارزۇيۇم ئۇيغۇر تور مەدەنىيىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەرقانداق توردىكى ھەرقانداق يازمىغا ئىنكاس يازغاندا ھېسسىيات بۇيىچە ئەمەس، ئەقىل بۇيىچە تېمىنىڭ يېزىلىشتىكى مۇددىئاسىنى چۈشۈنۈپ بۇلۇپ ئىنكاس يېزىشىنى، ھەرگىزمۇ يازمىدىكى مەلۇم جۈملىلەرگە ياكى باشقىلارنىڭ ئىنكاسىغا قاراپلا تېمىنى تاشلاپ قويۇپ ئىنكاس يازغان تورداشلارغا ھۇجۇم قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. مىنىڭ بۇلارنى دېيىشىم ھەرگىزمۇ مىنىڭ بۇ يازمامغا قارشى مۇقام توۋلىساڭ بولمايدۇ دېگەنلىكىم ياكى مەن بۇرۇن يازغان تېمىغا بىرەرسى «ھۇجۇم» قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، چۈنكى ئۇنداق ئەھۋال بولمىغان. بەلكى مىنىڭ قارىشىمدا بەزىدە تورداشلار ئىنكاس يازغاندا ھىسسىياتقا بېرىلىپ كېتىپ تېمىنىڭ يېزىلىش مۇددىئاسىغا ياكى بىزنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىمىزگە، جەمئىيەت تەرتىپىگە ماس كەلمەيدىغان خاھىشلار باردەك ھېس قىلىمەن. ئەلۋەتتە بۇنىڭدا ھەرگىزمۇ بىزنىڭ كۇلۇبىمىزدىكى مەلۇم تېمىنى ئەمەس، بارلىق ئۇيغۇرچە تورلارنى كۆزدە تۇتتۇم. تورداشلار باشتىن كەچۈرگەن، ئۆزلىرى باشقىلارغا پايدىسى تېگىدۇ دەپ قارىغان نەرسىلەرنى تورغا يوللاپ تۇرۇشىنى، قولىدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياردەمدە بولۇشىنى بولۇپمۇ ئاشۇنداق تىرىشچان ئادەملەرگە يول كۆرسىتىپ بېرىشنى ئۆزىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى قىلىۋېلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
    مەنبە:بىلىك مۇنبىرى    ئىدىقۇد  ئەپەندى