بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئۆزلىكى
يوللانغان ۋاقتى:12-01-2012
مەنبە: تارىم 2010-يىل 11-سان
مۇھەررىر: admin
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 1 پارچە
شائىر بۇغدا ئابدۇللا ئۆزىنىڭ 55 يىللىق شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدە ئىجادىيەت خاسلىقىنى بايقاش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مۇكەممەللىككە ۋە ئىندۇۋ
ئاپتورى: ئابدۇسالام شۈكۈر نۇھ
شائىر بۇغدا ئابدۇللا ئۆزىنىڭ 55 يىللىق شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدە ئىجادىيەت خاسلىقىنى بايقاش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مۇكەممەللىككە ۋە ئىندۇۋىدۇئاللىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن توختىماي ئىزدەنگەن شائىر. شائىرنىڭ 50- 60 - يىللاردا يېزىلغان قوشاق شەكلىدىكى بالىلار شېئىرلىرى ۋە كۈچلۈك رومانتىزىملىق ئىدىيە سىڭدۈرۈلگەن داستانلىرى بىلەن، كېيىنكى مەزگىللەردە يېزىلغان چوڭقۇر شېئىرىي ھىسسىيات ۋە پەلسەپىۋىي پىكىرلەرنىڭ يۇغۇرىلمىسى بولغان لىرىك شېئىرلىرى، مىللى كۈلتۈر ئېڭى بىلەن سۇغىرىلغان داستانلىرى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى زور پەرق ۋە ھالقىش شەكىللەندى.
شېئىر ئىجادىيىتى بىر خىل بىلىش، ھىسسىيات، مەنا بىرلەشكەن ناھايىتى مۇرەككەپ مەنئىۋىي پائالىيەت، ئۇ شائىرنىڭ مەنئىۋىي سۈپىتى ۋە ئۇنىڭ ھاياتىي تەجرىبىلىرى ئۆزارا بىرلىشىپ كەتكەن « چۈشىنىشكىلا بولىدىغان، سۆزلەپ ئۇقتۇرغىلى بولمايدىغان» ئوبرازلىق تەپەككۈر پائالىيىتى. شېئىرنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى شائىرنىڭ ئىندۇۋىئاللىقى ۋە ھىسسىياتنىڭ ئومۇمىلىق، ئونۋېرساللىققا ئىگە بولۇشىدىن ئىبارەت. بىر پارچە ياخشى شېئىر شائىر قەلبىنىڭ ئېچىلىشى بولۇپلا قالماستىن يەنە شائىرلىق مەنئىۋىي سۈپىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى بىلدۈرۈش ۋە قايتا تەكرارلىماسلىقتا كۆرىلىدۇ. شائىر ئەمگىگىنىڭ قىممىتى، ئۇنىڭ شېئىرىيەتتىكى ئورنى، ئىجتىمائىلىقتىكى ئەھمىيىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چوڭ نۇقتىدىن ئېيتقاندا شائىرنىڭ ئىندۇۋىدۇئاللىققا ئىگە ئەسەر ياراتقان ياراتمىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا، كانت ئىندۇۋۇداللىقنى ئىجادىيەت سوبېكتىنىڭ " بىرىنچى ئالاھىدىلىكى" دەپ قارىغان. ئىندۇۋىدۇئاللىق ئىجادىيەت خاسلىقىغا تەڭ ئەمەس، بىراق بىر روشەن ئىجادىيەت خاسلىقىغا ئىگە شائىرنىڭ ئەسىرى چوقۇم ئىندۇۋىدۇئاللىققا ئىگە بولغان بولىدۇ. ئىجادىيەت خاسلىقىنى بايقاش ۋە شەكىللەندۈرۈش ئاساسلىقى شائىرنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدە" ئۆزلۈك"ىنى تېپىشىدىن ئىبارەت.
شائىر بۇغدا ئابدۇللا شېئىرلىرى شائىر ئۆزلىكىنىڭ ئېچىلىشىدىن ئىبارەت. بۇغدا ئابدۇللا زامانىمىزدىكى ساناقلىق لىرىك شائىرلارنىڭ بىرى. ئۇ لىرىك شېئىر ئىجادىيىتىدە ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت يولى بەرپا قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ لىرىك شېئىرلىرى ئالاھىدە خاسلىققا ۋە ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە.
لىرىك شېئىرلارنىڭ تېمىسى ھەمىشە شائىرنىڭ ئىچكى دۇنياسى تەرەپىدىن بەلگىلىنىدۇ. لىرىك شېئىرلار ئىچكى مايىللىققا ئىگە بولۇپ، ئۇ ھەمىشە شائىرنىڭ ئىچكى مەنئىۋىي سۈپەتلىرىنى ئاساس قىلغان بولىدۇ. شائىرنىڭ ئەمگىگى، ئاساسلىقى تۇرمۇشنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىدىكى ئوبرازلارنى ئەكس ئەتتۈرۈش، مەسىلە ئۇ دىققەت قىلغان مول مەزمۇنلۇق كونكىرتنى تۇرمۇشنى شائىرنىڭ قەلبى ۋە روھىغا ئايلاندۇرۇش، تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا،شائىرنىڭ ھىس تۇيغۇسى ۋە ھالىتىنى كىتاپخاننىڭ قەلبىگە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت.
شائىر بۇغدا ئابدۇللامۇ شېئىرلىرىنىڭ تېمىسىنى خۇددى باشقا شائىرلارغا ئوخشاشلا كونكېرتنى تۇرمۇش زىمىنىدىن ئالىدۇ، شۇڭا بۇغدا ئابدۇللامۇ ئىجادىيىتىدە تۇرمۇشنىڭ ئوبېكتىپ كۆرۈنۈشلىرىنى قايتا ئىپادىلەشتىن، بۇ كۆرۈنۈشلەرنى سوبېكتىپلىققا، قەلبلەشكەن كورۈنۈشلەرگە ئىگە قىلىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن شائىر. شائىرنىڭ 50- 60 – يىللاردا يازغان نۇرغۇن شېئىرلىرى ئىجتىمائىي كۆرۈنۈشلەرنى قايتا ئىپادىلەش باسقۇچىدىن ئېشىپ كېتەلمىگەن شېئىرلار بولۇپ، شائىرنىڭ يېشى ۋە شائىرلىق ئېڭىدىكى چەكلىمىلىك، شۇنداقلا شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدىكى مەشق باسقۇچى بۇ شېئىرلار ھەققىدە ئايرىم باھا قويۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ شائىر بۇ مەزگىللەردە ئۆسمۈر شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، بالىلارچە ساددىلىق ۋە گۈزەللىككە ئىگە شېئىر- داستانلىرى ئارقىلىق بالىلار ئەدەبىياتىمىزنى بېيىتقان، جۈملىدىن « چىك – چىك » قا ئوخشاش بالىلار شېئىرلىرى ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ.
بۇغدا ئابدۇللانى شېئىرىيەت ئېڭىدا ناھايىتى تېزلىك بىلەن ھالقىش ھاسىل قىلغان شائىر دىيىشكە بولىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- 60 – يىللىرى شېئىرىيىتىمىزدە سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپ ۋە قۇرۇلۇشقا ماس بولغان كۆتۈرەڭگۈ ئاھاڭ ۋە مېلودىيە تەلەپ قىلىنغان ، شېئىرلارنىڭ قېلىپى « مەدھىيە ناخشىلىرى » دىنلا ئىبارەت بولۇپ، شېئىرنىڭ ئوبېكتىپ كۈرەش تېمىلىرى ۋە جەڭگىۋار تۇرمۇش كۆرۈنىشلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشى ناھايىتى تەس ئىدى. بۇ مەزگىللەر شېئىرنىڭ ئېستېتىك تۈسى ۋە تەسىرىدىن كۆرە، سىياسىي تۈسى ۋە مەدەنىيەت رولى تەكىتلەنگەن يىللار ئىدى. بۇغدا ئابدۇللانىڭ 1964 – يىلى يازغان « چوغ » ناملىق شېئىرى بۇغدا ئابدۇللانىڭ شائىرلىق كىملىكىنىڭ ئۆسمۈر شائىردىن ئۈمۈتلىك ياش شائىرغا ئايلانغانلىقى شۇنداقلا شېئىرىيەت ئېڭىدا شېئىرنىڭ مەدەنىيەت رولىنى ئەمەس بەلكى ئېستېتىك قىممىتىنى قوغلىشىدىغان شائىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
« چوغ » شېئىرى يالغۇز بۇغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرىيەت يولىدىكى شەخسىي كىملىكىنى بەلگىلەپلا قالماستىن، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنى دەۋر قىلىپ بارلىققا كەلگەن « گۇڭگا شېئىرىيەت » ھادىسىسىنىڭ ئېستتېتىك مەنزىلىنىڭ بىر ئۇيغۇر شائىرى ئىجادىيىتىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلىرى سۈپىتىدە مەزكۇر ھادىسىسىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئىزچىللىقى مەسىلىسىنى كۈزىتىشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى. « چوغ »ناملىق بۇ شېئىرنىڭ تېمىسى مەلۇم سىياسىي ياكى ئىجتىمائى تېمىنى ئەمەس بەلكى شائىرنىڭ بىۋاستە تۇيغۇسىنى ئاساس قىلغان، سوبېكتىپلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ماكان، زامان ئۇقۇملىرى ئېنىق ئەمەس، كىتاپخان شېئىردا يارىتىلغان « چوغ »، « قىز » قاتارلىق ئىماگلارنىڭ يېتەكلىشىدە ئۆزىگە خاس شېئىرىي مۇھىتنى يارىتىدۇ. شېئىر ئۈچ تەبىئى بۆلەكتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، قارىماققا يەككە مۇستەقىللىققا ئىگىدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ھەر بىر بۆلەكلەر ئارىسدا قالدۇرۇلغان مەنا بوشلۇقى شېئىرىي پىكىرنى يەنىلا كۈچلۈك ئىچكى ئىزچىللىققا ئىگە قىلىدۇ. شېئىرنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى بۆلەكلىرى تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى ئاساسىدا تەشكىللەنگەن، شائىرنىڭ ئىچكى سېزىمى بويىچە تىزىلغان ئۇزۇن قىسقا مىسرالار بىردە ئەۋجىگە كۆتىرىلىپ، بىردە پەسىيىپ، كىتاپخان ھىسسىياتىنى شائىر ھىسسىياتىغا ئەگەشتۈرىدۇ، ئۈچىنچى بۆلەكتە «ھە راست / كۆيگەن ئوتنى ئۆچۈرۈپ بولماس » مىسرالىرى لىرىك ھىسسىيات ۋە پەلسەپىۋىي تەپەككۈرنىڭ جانلىق يۇغۇرىلىشى ئارقىلىق كىتاپخان قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ.
بۇغدا ئابدۇللانىڭ « چوغ » شېئىرىدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىدە بۇ شېئىردا يارىتىلغان ئېستېتىك پەللە بەزىدە ئاشكارە بەزىدە يوشۇرۇن ئىپادىلىنىپ كەلدى. 1980 – يىللىرىغىچە يېزىلغان « دېڭىز »، « تەر »، « قەبرىستان »، « ئىلى يولى »، « ئاينى ئوينىتىپ »، « ۋەتەن قوشىقى » قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلاردا يەنىلا ئەنئەنىۋىي سەۋەپ نەتىجىلىك شېئىرىيەت قېلىپى مەلۇم دەرىجىدە تەكرارلاندى. 1974 – يىلى يېزىلغان « موللاتوختىيۈزىدە» شەكىل ۋە بەدىئىي تەشكىللەش نۇقتىسىدىن « چوغ » شېئىرىغا مەلۇم دەرىجىدە يانداشتى.
بىر شائىرنىڭ ئىجادىيەتتىكى "ئۆزلۈك"نى تېپىش ئاسان ئەمەس، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇشمۇ ئاسان ئەمەس. شائىر ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت خاسلىقىدا چىڭ تۇرۇپلا قالماستىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىجادىيەت خاسلىقىنى تەرەققى قىلدۇرىشى لازىم. بەلگىلىك خاسلىقنىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە بەلگىلىك يېتەرسىزلىكى بولىدۇ، بىر شائىر دەل بىر خىل چەكلىمە. ئەگەر شائىر ئىجادىيەت داۋامىدا دائىم تەڭشەش، بۆسۈش، تەرەققىيات، ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئۆز ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتمەيدىكەن، ئاسانلا ئۆز كەمچىلىكى زورىيىپ، كېڭىيىپ ئاخىرىدا خاسلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ ۋە ئىجادىيەتتىكى يامان ئۆسمىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بەزى شائىرلارنىڭ سوبېكتىپ ئېڭى بەك كۈچلۈك بولغاچقا بۇ خىل پىسخىك ھالەتنىڭ بەلگىلەش خاراكتىرىنىڭ تەسىرىدە، ئۇلار مەلۇم خىل ئىجادىيەت خاسلىقىنى شەكىللەندۈرسىلا تەڭشەش، بۆسۈش، ئۆزگىرىش، تەرەققىيات ياسىشىغا يول قويمايدۇ-دە، ئىجادىيىتى قېلىپلىشىپ، ئۈزلۈكسىز بىر خىل كىملىكنى تەكرارلاۋېرىدۇ. بۇغدا ئابدۇللا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىغا كىرگەندە ئالدىنقى مەزگىللىك ئىجادىيەت تەجرىبىلىرى ئاساسىدا بەلگىلىك ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ باردى ۋە ئىجادىيىتىدە يېڭىچە تېما ۋە يېڭىچە شەكىللەرنى ياراتتى، شېئىرىي پىكىردە چوڭقۇرلۇققا ۋە پەلسەپىۋىلىككە ئېرىشتى. شائىرنىڭ « دېڭىز ئۈستىدىكى چۈش »،« چاشقان شۇنداق دەيدىكەن» ، « دېڭىز يوپۇرماق، جانان »شېئىرلىرى شائىرنىڭ ئىجادىيىتىدە ئىجتىمائىي تۇرمۇش تېمىلىرىدىن ئەپسانىۋىي، رىۋايەت، چۈش تۈسىدىكى دېتاللارغا مۇراجەت قىلىش ئارقىلىق مەلۇم شېئىرىي پىكىرلەرنى ئىپادىلەشكە قاراپ بۇرۇلۇشقا ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەلۋەتتە، شائىر ئىجادىيىدە بۇ يىللاردا يەنىلا تەبىئەت، ئادەم، ھاياتلىق ھەققىدە چوڭقۇر ۋە ئۆزگىچە پىكىر يۈرگۈزۈلگەن « ئانىجان – ئانىجان ياشىغىن ئۇزاق »، « ئانا »، « تۇرپان قەسىدىسى »، « گۈل ۋە مۇقامچى »، « ئەقىدە »، « مۇقام » قاتارلىق ئېسىل لىرىكىلارمۇ يېزىلدى. بۇ شېئىرلارغا سىڭدۈرۈلگەن ھىسسىيات جانلىق ۋە تەبىئى بولۇپ، شائىرنىڭ ئۆزلىكىنى، ھىسسىياتىنى ئىپادىلەش شەكلى ئۆزگىچە. شائىرنىڭ ئۆزلىكى ۋە خاسلىقى بۇ شېئىرلاردا ئىپادىلەنگەن ئوبراز ۋە سىموۋۇللارغا سىڭىپ كەتكەن، سۈنئىلىك ۋە ياسالمىلىقتىن خالى بولۇپ، شېئىرىي ھىسسىيات شائىرنىڭ كەچمىشلىرىدە ئەمەس، بەلكى شېئىرنىڭ ئۆزىدە قارار تاپقان. شائىرنىڭ « ئانا » شېئىرى شائىر قەلبىنىڭ ئېچىلىشى بولۇپ، شائىر بىلەن تونۇشلۇقى بار كىشىلەر بۇ شېئىرنى شائىرنىڭ ۋاپادارلىقى بىلەن باغلايدۇ. ئەمىلىيەتتە،بۇ شېئىرنى ئېستېتىك نۇقتىدىن تەكشۈرگەن چېغىمىزدا شائىرنىڭ بۇ شېئىرنى يازغان چېغىدا شەخسىي ھىسسىياتنى ئىپادىلەشتىن، ئۆزلىكىنى سىڭدۈرۈشتىن كۆرە، بايان ۋە پىكىرگە كۆپرەك ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز. شائىرنىڭ لىرىكا نۇقتىسى بىرىنچى شەخس « مەن » ئەمەس، ئۈچىنچى شەخس « سەن » ئارقىلىق ئانىنى كۈزىتىدۇ. بۇ خىل بايان نۇقتىسى شائىرنىڭ شەخسىي كەچمىشلەرنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتۈپ قېلىپ، ھىسسىياتنى ئاقما ھىساۋات شەكلىدە ئىپادىلەشتىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. ھىسسىيات ئانىنىڭ ئوبرازلىق سۆز –ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇنىڭ تۆھپىلىرى ئارقىلىق بارغانچە قېنىقلىشىپ ئەۋجىگە چىققاندىلا « مەن» يەنە بىر لىرىك ئوبراز سۈپىتىدە ئۈچىنچى شەخسنىڭ ھىسسىياتىغا ئورتاقلىشىدۇ. بۇ شېئىردىكى ھىسسىيات پەقەت ئىككى شەخسنىڭ ھىسسىياتى ئاساسىغا قۇرۇلغان ئەمەس،كىشىلىك ئالماش « سەن » ۋە « مەن » نىڭ ھىسسىياتى بارغانچە چوڭقۇرلىشىپ ئۆملۈك ئالماش « بىز » نى شېئىرغا ئېلىپ كىرىدۇ. شېئىر ئىجادىيىتى شائىر مەنئىۋىي سۈپىتىنىڭ يېزىق ئارقىلىق بەلگىلەشكەن مەنا قاتلىمىغا ئىگە بولۇشىدۇر. مەنا سوبېكتىپ، ئابىستراكىتنى بولۇپ، ئىچكى ئىدىيىۋىي ھىسسىياتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە خاسلىقىدىن تەشكىللەنگەن ئالاھىدە ئېستېتىك قۇرۇلمىدىن ئىبارەت. «ئانا » شېئىرىدىكى ئېستېتىك قۇرۇلما تۇراق – ۋەزىنلەرنىڭ كونتروللىقىدىن قۇتۇلۇپ چىققان،لېكىن شائىر سىرتقى رېتىمنىڭ تەسىرىگە ئەمەس، ئىچكى قەلب رېتىمنىڭ ئاۋازىغا ئەگەشكەن بولغاچقا شېئىر يەنىلا ئاھاڭدارلىق ۋە مۇزىكىدارلىققا ئىگە بولغان. يەنە بىر تەرەپتىن شېئىردا تەكرارلاشتىن ئىبارت بەدىئى ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېستېتېكىلىق گۈزەللىك يارىتىلغان. شېئىردا سۆز، مىسرالار ئارقىمۇ – ئارقا، ياكى بىرقانچە مىسرا، كوبلېتلار تەكرارلىنىپ كېلىپ، پارالېل شېئىرىي قۇرۇلما شەكىللەندۈرۈپ، شائىرنىڭ قەلب رېتىمىغا جۆر بولۇش بىلەن بىللە، ھىسسىياتنى تېىخىمۇ ياخشى ئىپادىلەشكە خىزمەت قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا شېئىردا ئانا ئوبرازىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان خەلق ئېغىز ئەدەبىايتىغا تەۋە خاسىيەتلىك سانلار ۋە ئۇدۇم چۈشەنچىلەر شېئىرنىڭ ئېستېتىك كەڭلىكىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ شېئىردىكى ھىسسىياتنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىشى ئىشىنەرلىك بولۇپ، بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان مەنا قاتلىمى ۋاقىت، يەر شارى، ئىنسانىيەت ھەققىدىكى پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىدۇ. « ئانا » شېئىرى پەقەت يۈكسەك مەنا قاتلىمىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى شېرىي شەكىل ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى نۇقتىسىدىنمۇ تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
شائىرنىڭ بۇ يىللاردا ئەپسانىۋىي رىۋايەت دېتاللىرىغا مۇراجەت قىلىشى ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا80 –ۋە 90 يىللاردا « قۇيۇن ھەققىدە رىۋايەت »، « قاغا ھەققىدە رىۋايەت »، « ئەنبەر ھەققىدە رىۋايەت »،« سۈندۈك ھەققىدە رىۋايەت »،« كۆز »،« شىرماق »، « دەريا ئىلاھى»،« تۇرنا ھەققىدە رىۋايەت »، « بىر رىۋايەت »، « قىز قەلئەسى »،« گۇناھكار كېلىن» قاتارلىق شېئىرلارنىڭ يېزىلىشىغا سەۋەپ بولدى. بۇ يىللاردا رىۋايەت ۋە ئەپسانىگە قايتىش دۇنيا ئەدەبىياتىدا بولۇپمۇ پروزىچىلىقتا ئالاھىدە بىر خىل يۈزلىنىش ئىدى. ئۇيغۇر پروزىچىلىقىمۇ بۇ خىل تەسىرنىڭ سىرتىدا قالمىغان بولۇپ، پروزا ئەسەرلىرىمىزدە مىللى فولكلۇرلۇق رىۋايەت ئەپسانە ۋە ئۇدۇملار ئارقىلىق زامانىۋىلىق ۋە ئەنئەنە زىددىيىتىدىكى كۈلتۈرەل مەسىلىلەر ئوتتۇرۇغا قويۇلغان ئىدى. بۇغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرىدىكى ئەپسانىۋىي رىۋايەت دېتاللىرى پارچە – پارچە، كىچىك ھالەتتە بولۇپ، شائىر ھىسسىياتىنى ئىپادىلەشتىكى ماس ماددا سۈپىتىدە ھاياتلىق ۋە ئادەمىلىك ھەققىدىكى شېئىرىي تېمىلارنى مىللىي ئېتنىك مەنبەگە تۇتاشتۇردى.
شائىرنىڭ بۇ خىل رىۋايەت تۈسىدىكى تېمىلىرى ماكان- زامانسىزلاشتۇرۇلغان، شېئىرىي پىكىر يوشۇرۇن ۋە غۇۋا، ناھايىتى زور شېئىرىي بوشلۇق قالدۇرۇلغان بولۇپ، كىتاپخاننى ئۆتمۈش رىۋايەتلىرى ئارقىلىق ئىنسان تەقدىرى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەجرىبىلىرى ھەققىدە چوڭقۇر تەپەككۈرگە يېتەكلەيدۇ. شائىرنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن باشلاپ شېئىرلىرىدا سىناق قىلىشقا باشلىغان شېئىرىي بوشلۇق يارىتىش ئارقىلىق ئېستېتىك پەللىگە ئېرشىشتىن ئىبارەت مەنزىل بۇ مەزگىلدە شائىر شېىرلىرىدا خاسلىققا ۋە ئىزچىللىققا ئىگە بولدى. شائىر ئىجادىيىتىنى تېمىلار نۇقتىسىدىن كۈزەتكىنىمىزدە شائىرنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدىن باشلاپ، ئەپسانىۋىي – رىۋايەت تېمىلارنىڭ تەسىرىدە ئېتنىك جۇغراپىۋىي تېمىلارنىمۇ ئىجادىيىتىگە ئېلىپ كىرىپ، مىڭ يىللاپ تارىخقا ئىگە ئېتنىك كۈلتۈرىمز ھەققىدە ئويلىنىش بىلەن بىرگە، دەۋر يۈكسەكلىكىدىكى پەلسەپىۋىي پىكىرلەرنى كىتاپخانلارنىڭ تەپەككۈرىگە سوغا قىلىدۇ. « قۇرمىش ئاتا »، «يارغول »، «مىرەن»، « چەرچەن يولى»، «ئەسكىشەھەر»،«سەرۋەڭ »،«سۇلتان سەئىد قىلىچ مازارى» قاتارلىق شېئىرلاردا بۇ خىل ئېتنىك تېمىلار شائىرنىڭ ئۆزگىچە بەدىئى تەشكىللىشى ئارقىسىدا ئوبېكتىپ تەسۋىرلەشتىن قۇتۇلغان بولۇپ، شائىر مەنئىۋىي سوبېكتىنىڭ ھىسسىيات تەلقىنلىرىدە چوڭقۇر مەنا قاتلاملىرىنى ھاسىل قىلىدۇ.
شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىكى مەنا سوبېكتىپ، ئابېستراكىتنى بولۇپ، شائىرنىڭ ئىچكى ئىدىۋىي ھىسسىياتى بىلەن ئورگانىك بىردەكلىككە ئىگە قىلىنغان، شېئىرنى تەشكىل قىلغان مۇھىت بولسا ئوبېكتىپ، كونكېرتنى، تاشقى تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. لېكىن بۇ تاشقى تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى شېئىرىي تىل ۋاستىسى ئارقىلىق ھىسسىلاشقان، قەلبلەشكەن بولۇپ، شائىر ئوبراز ۋە تۇيغۇنىڭ چېقىلىشىدا شېئىرىي بوشلۇق ۋە پىكىرنى ئەپچىللىك بىلەن ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ. شائىرنىڭ 1995 –يىلى يازغان « سالغا تېشى » داستانى شائىرنىڭ يەككە شېئىرىي تېمىلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىپادىلەش شۇنداقلا كۆپ خىل شېئىرىي ئوبرازلار سېستىمىسى ئارقىلىق، شېئىرىي پىكىرنىڭ چوڭقۇرلىقى ۋە كەڭلىكىنى بەرپا قىلىشتا مۇۋاپىقىيەتلىك يېزىلدى. شائىرنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىدە « سالغا تېشى»نىڭ تەسىرىنى كۆرۈۋېلىش مۈمكىن. بولۇپمۇ «تاشقاتما » داستانى « سالغا تېشى» دا يارىتىلغان شېئىرىي مۇھىتقا ئەگەشكەندەك قىلسىمۇ لېكىن ئالدىنقىسىدا يارىتىلغان ئېستېتىك پەللىگە يېتەلمىدى.
بۇغدا ئابدۇللانىڭ شېئىر ئىجادىيتىنى شائىرنىڭ ئۆزلۈك ھەققىدىكى ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى دىيىشكە بولىدۇ. شائىر ئۆزىنىڭ شائىرلىق قەلبىنى ئوچۇقتىن – ئوچۇق بازارغا سالمايدۇ، شائىرنىڭ نەزەرىدە شېئىر مۇقەددەس ھەم سىرلىق بولۇپ، ئۇ ئالاھىدە ئېستېتىك قۇرۇلما. شائىرنىڭ مەنئىۋىي سۈپىتى ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئارقىلىق ئۆز مىللىتىنىڭ مىللىي كۈلتۈرىگە باغلاندى. بولۇپمۇ شائىرنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن كېيىنكى شېئىرلىرى ئىنسانىيەتنىڭ ناھايىتى قەدىمى لېكىن مەڭگۈلۈك يېڭى بولغان ئۆلمەس تېمىلىرىغا ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى؛ بۇ شېئىرلار شائىرنىڭ ھايات ۋە ئىنسانىيەتكە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى. ئۇ قەدىمى، ئىپتىدائى ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان تېمىلاردىن ھاياتنىڭ گۈزەللىكى ۋە قىممىتى ھەققىدە ئىزدەندى بولۇپمۇ تراگىدىيەلىك، ئازاپ – ئوقۇبەتلىك رىۋايەتلىك تېمساللار ۋە تارىخىي ئىزنالاردىن ھاياتنىڭ قەيسەر، جەڭگىۋار تەرەپلىرىنى قېزىپ چىقىپ، ئىنسان روھىنىڭ ئېگىلمەس سۇنماس ھاياتىي كۈچىنى بەدىئىي يوسۇندا نامايەن قىلدى. شائىرنىڭ « بۈگۈن ۋە ئەتە »، « كرورەن گۈزىلى » قاتارلىق شېئىرلىرى ئېستېتېتىك كۈچى كۈچلۈك بولغان شېئىرلار بولۇپ، بۇ شېئىرلارنى ئەنئەنىۋىي قوبۇل قىلىش ئېڭى بويىچە ئوقۇپ چۈشىنىش ناھايىتى تەس.
بۇغدا ئابدۇللانىڭ لىرىك شېئىرلىرى تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى، تارىخ، رىۋايەت، مىللىي كۈلتۈرەل تېمىلارنى مەنبە قىلغان، ئەنئەنىۋىي شېئىرلار ۋە يېڭىچە شېئىرلارنىڭ بەدىئى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىرىدىن تەڭ بەھر ئېلىپ،
ھىسسىيات ۋە ئەقلىلىكنىڭ، ئۆزلۈك ۋە ئىنسانىيەت كۈلتۈر ئېڭىنىڭ بىرلىشىشى ئارقىلىق شېئىرىيەتنىڭ يېڭى بەدىئى مەنزىلى ھەققىدىكى ئىزدىنىشىنى رىئاللىققا ئايلاندۇردى. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شائىر بۇغدا ئابدۇللا ئىجادىيىتىدە مىللىي ئېتنىك كۈلتۈر تېمىلىرىنى يېزىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆز مىللىتىنىڭ پىسخىك مەنئىۋىي قاتلاملىرىنى قېزىش ئالاھىدە خاسلىققا ئىگە بولدى، ئەڭ مۇھىمى بۇ خىل تېمىلارنى يېزىش جەريانىدا شائىر شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىدە مۇئەييەن تەجرىبىگە ئىگە بولدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا سىناق قىلغان سوبېكتىپ تۇيغۇ ئارقىلىق شېئىرىي مۇھىت تەشكىللەش، قاتلاملىق شېئىرىي ئوبرازلارنى يارىتىش، شېئىردا بەلگىلىك ئېستېتىك بوشلۇق قالدۇرۇش قاتارلىق بەدىئىي مەنزىلىگە يەتتى. گەرچە شائىر ئىجادىيىتدە مىللىيي ئېتنىك كۈلتۈر تېمىلىرى بىلەن بىللە رىئالنى تېمىلارمۇ تەڭ يېزىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئالدىنقى تېمىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولىۋاتىدۇ.
مىللىي ئېتنىك كۈلتۈر تېمىلىرى شائىر قەلىمىدە جانلاندى، يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولدى. شائىر ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخى، رىۋايەت ۋە ئەپسانىلىرى، ئۇدۇم - چۈشەنچىلىرىنى ئۈگەندى، رەتلىدى. بۇ خىل پارچە – پۇرات، رەتسىز ھالەتتىكى خەلق فولكلورىغا تەۋە ھەر خىل ئامىللار شائىرنىڭ ئىنسانىي سۆيگۈ ۋە ئازاپ، تەرەققىيات ۋە كىرىزىس تۇيغۇلىرى بىلەن بىرلىشىپ شائىرنىڭ مەنئىۋىي سۈپىتىنى تېخىمۇ تاكاماللاشتۇردى. شائىر مىللىي ئېتنىك كۈلتۈر تېمىلىرى ئارقىلىق رىئاللىقنى ئىپادىلەش، ئىنسان روھىنىڭ پۈتمەس –تۈگىمەس ھاياتىي كۈچىنى ئۇلۇغلاش مەقسىدىگە ئېرىشتى.شائىر بۇغدا ئابدۇللا بۇ خىل تېمىلار ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئىپتىدائى، ئەڭ ياۋايى، ئەڭ پاكىز ھىسسىياتىنى قېزىپ چىقىشقا تىرىشتى. بۇغدا ئابدۇللانىڭ بۇ خىلدىكى شېئىرلىرى لىرىك باشلىنىدۇ، مەلۇم باياننى بېسىپ ئۆتۈپ ئەۋجىگە چىقىدۇ؛ شېئىرلىرىنىڭ تېمىسى رىئاللىقتىن باشلىنىپ مىللىي ئېتنىك كۈلتۈر تېمىلىرى ۋە تارىخ، كەلگۈسىگە تۇتىشىدۇ، بۇ چاغدا شائىرنىڭ ئۆزلىكى ئاللىقاچان شائىرنىڭ شەخسىي كىملىكىدىن ھالقىپ ئۇنىڭ قەۋمىگە ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە كېڭىيىدۇ...
بۇ يەردە شۇنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەك، بۇغدا ئابدۇللانىڭ مىللىي ئېتنىك كۈلتۈرەل تېمىلارنى يېزىشى، تېما نامراتلىقىدىن ئەمەس، بەلكى شائىر خەلقنىڭ ۋىجدانلىق بىر زىيالىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يوقىلىپ كېتىش گىرداۋىغا چۈشۈپ قالغان خەلق فولكلۇر بايلىقلىرىنى ئۆز ئۇسۇلى بويىچە قۇتقۇزۇش ۋە قايتا ھاياتلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. بۇ نۇقتىدىن كۈزەتكىنىمىزدە شائىرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە تىرىشچانلىقلىرى بىر ۋىجدانلىق ئىنسانشۇناس ۋە فولكلورشۇناس بىلەن ئوخشاش، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي بوران – چاپقۇنلاردا ھەر خىل قىسمەتلەرگە ئۇچراپ ، بۈگۈن يوقىلىش قىسمىتىگە دۇچ كەلگەن بايلىقلىرىمىزنى سەنئەت تۈسىگە ئىگە قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەقىقى بىر سەنئەتكار.شائىرنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىدە تېمىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقى، يېڭىچە بەدىئى ئىپادىلەش ئۇسۇل – ۋاستىلىرىغا مۇراجەت قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا يېڭى بىر بەدىئىي مەنزىلنى يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
بۇغدا ئابدۇللا شېئىرلىرىنىڭ قىممىتى شۇ يەردىكى، ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن باشلاپ، شېئىرىيەتىمىزدىكى ئاساسىي تېمىلاردىن مەلۇم دەرىجىدە يىراقلىشىپ، شائىرنىڭ بىۋاستە سېزىمى بويىچە يېڭى تېمىلارنى تەشكىللىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شېئىرىي تىل، ئىماگ، تەسەۋۋۇر ۋە ئىپادىلەش شەكىللىرىدىمۇ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، شېئىرىيەت ئېڭىنىڭ يېڭىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت مەنىسىدىن ئېستېتىك مەناغا بۇرۇلىشىدا بۇغدا ئابدۇللا شېئىرلىرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شائىر ئىجادىيىتىدە قاپىيە، ۋەزىنىڭ شېئىرنىڭ سىرتقى بېزەكچىلىك رولىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلدى، ئۇ شېئىرنىڭ ئىچكى قەلب رېتىمىغا تەڭكەش بولىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شائىر شېئىرلىرىدىكى ئوبراز-ئىماگلارنىڭ بىر تەرەپىدە مىللىي تۇرمۇش كۆرۈنۈش- ئادەتلىرى يەنە بىر تەرەپىدە ئەپسانە –رىۋايەت ۋە كۈلتۈرەل تېمساللار تۇرىدۇ. تۇرمۇش ھەقىقەتلىرى، تارىخ تەجربىلىرى ئارقىلىق جۇغلانغان مەنئىۋىي سۈپەت شائىرنىڭ پەلسەپىۋىي ئېڭىنى بەلگىلىگەن شۇنداقلا ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ھىسسىيات ۋە شېئىرىي پىكىرلەرنىڭ بەرىكەتلىك خامىنىغا ئايلانغان.
|
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------