توماس ترانسترومېر تەرجىمھالى

يوللانغان ۋاقتى:01-03-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
توماس تىرانسترومېر( Tomas Transtromer ) شىۋېتسىيەنىڭ بۈگۈنكى دەۋردىكى دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە داڭلىق شائىرى، شۇنداقلا خەلقئارا شېئىرىيەت مۇنب

 


 

توماس تىرانسترومېر(Tomas Transtromer) شىۋېتسىيەنىڭ بۈگۈنكى دەۋردىكى دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە داڭلىق شائىرى، شۇنداقلا خەلقئارا شېئىرىيەت مۇنبىرىدە زور شۆھرەتكە ئىگە مەشھۇر شائىر. ئۇ 1931- يىلى 4 - ئاينىڭ 15- كۈنى شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدا تۇغۇلغان. 1956- يىلى سىتوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخولوگىيە كەسپىنى پۈتكۈزۈپ باكلاۋۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئالغان ھەمدە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخولوگىيە فاكۇلتېتىدا خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ ھايات كەچۈرمىشى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، تاكى پېنسىيەگە چىققانغا قەدەر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى تەربىيەلەش ئورنى ۋە پاراۋانلىق تارماقلىرىدا پىسخولوگ بولۇپ ئىشلىگەن.
توماس تىرانسترومېر 1954- يىلى نەشر قىلىنغان تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «71 شېئىر» بىلەن شىۋېتسىيە شېئىرىيەت مۇنبىرىنى زىلزىلىگە سالغان بولۇپ، ئۇنىڭ «سەپەردىكى سىر» (1958 - يىلى)، «كەمتۈك  ئاسمان» (1962 - يىلى)، «ئاۋاز ۋە ئىز» (1966 - يىلى)، «زۇلمەتتە نەزەر» (1970 - يىلى)، «بالتىق دېڭىزى» (1974 - يىلى)، «ھەقىقەتنىڭ توسالغۇسى» (1978 - يىلى)، «ياۋايىلىق مەيدانى» (1983 - يىلى)، «ئۆلۈكلەر ۋە تىرىكلەرگە» (1989 - يىلى)، «گوندالانىڭ ھەسرىتى» (1966 - يىلى)، «غايەت زور تېپىشماق» (2004 - يىلى) قاتارلىق ئون نەچچە پارچە شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.
توماس تىرانسترومېر ھەممە بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان سىمۋولىزم ۋە ھالقىما رېئالىزم پېشۋاسى بولۇپ، ئۇ كۆپ قېتىم پېت كىلارك مۇكاپاتى، يول باشلىغۇچى مۇكاپاتى قاتارلىق تۈرلۈك ئەدەبىيات مۇكاپاتى ۋە شان - شەرەپلەرگە نائىل بولغان، كۆپ قېتىم نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامزاتى بولۇپ سايلانغان. ئۇ 1990- يىلى مېڭىسىگە قان چۈشۈپ يارتا پارالېچ بولۇپ قالغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا شېئىر ئىجادىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان، پۈتۈن ھاياتىدا 210 پارچە شېئىر يازغان. ئەسەرلىرى 1960 - يىللىرىدىلا ئامېرىكىغا تەسىر كۆرسەتكەن ھەمدە خەلقئارا ئەدەبىيات مۇنبىرىدە دىققەتكە سازاۋەر بولغان، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بۈگۈنگە قەدەر نەچچە ئون خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان.
توماس تىرانسترومېر 1985 - يىلى 4 - ئايدا ئېلىمىزگە زىيارەتكە كەلگەن ھەمدە بېيجىڭ چەت ئەل تىلى ئىنستىتۇتى ئۇيۇشتۇرغان «شىۋېتسىيە شېئىرىيىتى ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى»غا ئىشتىراك قىلغان. «چەت ئەل ئەدەبىيات - سەنئىتى» قاتارلىق ژۇرناللاردا شائىر بېيداۋ تەرجىمە قىلغان «دەرەخ ۋە ئاسمان»، «قارا تاغ»، «چىغىريول» قاتارلىق شېئىرلىرى ئېلان قىلىپ تونۇشتۇرۇلغان، خۇنەن خەلق نەشرىياتى قاتارلىق بىر نەچچە نەشرىياتتا شېئىر توپلاملىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان.

شىۋېتسىيەلىك شائىر توماس تىرانسترومېر 2011-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.


 




ھالقىلىق سۆزلەر : Tomas Transtromer،


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار