تۈرك يازغۇچىسى ئەزىزنەسىن

يوللانغان ۋاقتى:01-04-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: {dede:adminname /}   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
تۈرك يازغۇچىسى ئەزىز نەسىن ئەزىز نەسېن 20-ئەسر تەرەققىيپەرۋەر تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ پېشقەدەم ۋەكىللىرىدىن بىرىدۇر.ئۇ 1915-يىلى 20-دېكابرد

 


 
ئەزىز نەسىن 20-ئەسر تەرەققىيپەرۋەر تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ پېشقەدەم ۋەكىللىرىدىن بىرىدۇر.ئۇ 1915-يىلى 20-دېكابردا ئىستامبۇل ئەتراپىدىكى يەر-سۇسىز دېھقان ئائىلىسىدە تۇغىلغان.ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى-مەھمۇد نۇسرەت بولۇپ، ئاددىي مېھنەتكەش ئادەملەر ئارىسىدا چوڭ بولغان.ئۇ كىچىگىدىنلا سەنئەتگە قىزىقاتتى،10ياشلىقاكىرگەندىن باشلاپلا يازغۇچى بولۇشنى ئارزۇ قىلغان.ئۇ ماددىي مۇھتاجلىق تۇپەيلىدىن ئوفىتسېر بولۇپ يىتىشتى.
ئەزىز نەسىن دەسلەپكى بەدىئىي ئىجادىيتىنى شېئر يېزىشتىن باشلىغان (1939-1943)، ئۇنىڭ ھىكايىلىرى 1943-يىلىدىن باشلاپلا«مىللەت»ژورنىلىدا ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان.مۇئەللىپ بۇ ئەسەرلىرىگە نۇرۇنقى ۋادىيە نېسىيە(VediaNesiya)دېگەن تەخەللۇسىنىڭ ئورنىغا ئەزىز نەسىن دېگەن ئىمزا قويۇشقا باشلايدۇ،ئۇ 1944-يىلى ئارمىيە دىن بوشاپ ئاخپارات ساھەسىدە ئىشلەيدۇ.ئۇ سېپى ئۆزىدىن بالا تەبىئەتلىك ئادەم بولغا چقا،ئۇ بالار ھاياتىغا دارئىر نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان،ئۇنىڭدىن قالسا،ئەزىز نېسنگە ئىجادىيەت جەريانىدا ئەڭ كاتتا شۇھرەت ئاتا قىلغان ساھە-ھەجۋىي ھىكايىچىلىك بولدى.«مېنىڭ ھەجۋىي ھېكايلەرنى يېزىشتىكى مەقسىدىم-ئۆزەم ياشاۋاتقان جەمئيەت ۋە دەۋ ىرنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىشتىن، ئىنسان بالىسىنىڭ ھېس-ھاياجانسىز ھېچقانداق خاتىرلىنە لمەيدىغان تەڭداشسىز يۇرەك سوقۇشلىرىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەت»-دەپ يازغان ئىدى ئەدىپ.تۈركلەرنىڭ داڭلىق ئەدىبى ياشار كامال ئەزىز نەسىننىڭ 60ياشقا تولغانلىقىغا بېغىشلانغان مۇراسىمدا سوزلىگەن نۇتقىدا ئۇنى«زامانىمىزنىڭ بۈيۈك ھەجۋيچىسى»دەپ ئاتىغان ئىدى.ھالبۇكى داڭلىق رۇس ھەجۋيچىسى ل.لېنچ:«سىز بېشىڭىزدىن تا تىرنىقىڭىزنىڭ ئۇچىغا قەدەر تۈركسىز،دەل مۇشۇ مىللىي خەلقچىللىق سىزنىڭ ئۆزىگە خاس تالانتىڭىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك جەھىتىد ۇر»،-دېگەن ئىدى ئەزىز نەسېنگە.
ئەزىز نەسىن؛«پۇتبول شاھى»،«تامدىكى ساراڭ»،«پەرزەنت»،«مۇشت ئاتىدۇ»،«پۇلۇمغا تۇشلۇق يەربېرىڭ»،«ئېلىپبەنىڭ بىرىنچى ھەرپى»،«قۇتۇ لدۇرغۇچى ئىت»،«ئات تەربىيەسى»،«ئېيىقنىڭ تەشەككۇرى»،«خوتۇن كىشى بولغان بولسام ...»، «ئوركېستر ئادەم»،«غارايىپ بالىلار»(بۇ ھېكايە ئۇيغۇرچىغا«بۈگۈنكى بالىلار كارامەت»دەپ تەرجىمە قىلىنغان)قاتارلىق ھېكايە، پوۋېستلار توپلاملىرىنى، «دېمو كراتىيە شۇ ڭقارى»(بۇنىڭدا بىر سودىگەر يىگىتنىڭ ئاتا مىراس كەسپىنى تاشلاپ ئەدەبىيات، ئاخپارات ساھەسىگە كىرگەنلىگى ۋە قانداق قىلىپ بۇ ساھەدە داڭ قازانغانلىقى شۇنداقلا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقى ھىكايە قىلىنىدۇ.ئەسەردە گېزېت تەھرىرىيىتىنىڭ «ئاجايىپ خەۋەرلەر»نى ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ«...يەتمىش ياشلىق چال توساتتىن ئايال كىشىگە ئايلىنىپ قېلىپ بەش بالا تۇغدى،دېگەندەك ئاجايىپ،ھېچكىمنىڭ ئەقلى يەتمە يدىغان ھادىسىلەرگە بەك مۇھتاجمىز...»دېگەن «تەۋسىيەلىرى»دىن كېيىن، يالغان -ياۋداق خەۋەرلەرنى يېزىپ شۇھرەت قازانغان،ئەمما بىر قېتىم ھەقىقى ئەھۋالنى يازغاندا، ھالبۇكى تەقىپگە ئۇ چراپ، قامالغان ھەۋەسكار قەلەمكەشنىڭ سەرگۈزەشتلىرى تەسۋىرلەنگەن)، «دەھشەتلىك چۇش»(بۇنىڭدا بىر شەخسنىڭ مۇناپىقلىغى، جۇرئەتسىز لىگى ئۇستىدە سۆزلىنىدۇ ،ئۇنىڭ«دەھشەتلىك چۇش»كۆرۈشىدىكى مەقسىتى ھېكايە يېزىش ئارزۇسى ئىدى)،«مىڭ مەرتە شۇكۇرى»(ئۇنىڭدا ئاۋامغا خاس ئاجىزلىق،مۇناپىقلىق كۇلكە ئاستىغا ئېلىنىدۇ.ھېكايە قەھرىمانى چەرم كەمزۇللىنىڭ كەسپى شوپۇر ئىدى.ئۇ «ھازىر ھەممىسى مېنى تىللىشىۋاتىدۇ.«مىڭ مەرتە شۇكۇرى»دەۋاتقاندىلا بۇنى سەزگەن ئىدىم.بۇلارنى قاياققا سۆرىسەڭ، ئاشۇ ياققا كېتىۋېرىدۇ،پەقەت سۆرەشنى بىلسەڭ بو لدى»،-دەيدۇ،چەرم كەمزۇللى) قاتار لىق رومانلارنى يازغان
مەلۇم بولىشىچە تۈركىيىنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ھەجۋىي ھېكايىچىسى ئەزىز نەسىن كومۇنىست بولۇپ، ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىدا پىنھاندا يۇشۇرنۇپ ياشاپ يېزىقچىلق قىلىشقا مەجبۇر بولغان.ھەتتا ئۇ ۋەسىيەتنامىسىدە ئوغلىغان ئۆزى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھېچقانداق قەبرە قاتۇرماسلىق ۋە ئۆزىنىڭ تۇپراق بېشىنى ئوغلىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ بىلمەسلىگىنى يازغان ئىكەن.
Googleدا ئەزىز نەسىن ۋە ئۇنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك 500پارچىغا يېقىن سۈرەت تەمىنلەنگەن.



ھالقىلىق سۆزلەر : Aziz Nesin,Çalışma hayatı


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار