تۈرك يازغۇچىسى ياشار كامال

يوللانغان ۋاقتى:21-05-2012   مەنبە: 未知   مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
تۈرك تازغۇچىسى ياشار كامال

 

تۈرك يازغۇچىسى ياشار كامال
 
بەگيار
 
 ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە «مەمەت ئاۋاق»ناملىق رومانى بىلەن تونۇش بولغان.زامانىمىزدىكى رىئالىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىلى ۋە مەشھۇر رومانچىلاردىن بىرى بولغان ياشار كامال 1922-يىلى تۈركىيەنىڭ ئوسمانىيە ناھىيەسى ھەمتە يېزىسىدا بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.ئۇ توققۇز يېشىدا ئۆز يېزىسىدىن ئىككى سائەتلىك يىراقلىقتىكى بۇرھانىيە ناملىق باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن.ياشار كامال ئەسلىدە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا ئىشتىياق باغلىغان ۋە كەلگۈسىدە خەلق قوشاقچىسى بولۇشنى نىيەت قىلغان.ئەسلى ئۇنىڭ يېزىسى بۇرھانىيە بىر كۆچمەنلەر يېزىسى بولۇپ، ياشار كامال خەلق قوشاقلىرىنى، داستانلارنى بەك ياخشى ئېيتىدىكەن. كۈنلەردىن بىر كۈنى ئافشىن دېگەن جايدىن ئاشىق رەخمى دېگەن بىر قوشاقچى بۇرھانىيە يېزىسىغا كەلگەن.ئۇ قوشاقچى ياشار كامالغا:«ئاڭلىسام سەن خەلق قوشاقلىرىنى ياخشى ئېيتىدىكەنسەن، قېنى بىز ‹گورئوغلى›نى ئېيتىشىپ باقايلى»دەپ قولىدىكى سازنى ياشار كامالغا بەرگەن.ئۇ بارلىق ھۆنىرىنى كۆرسىتىپ ئېيتىشقا باشلىغان.بۇ چاغدا شۇ سورۇندا ئۇنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسى بار ئىكەن.ئۇ ياشار كامالنىڭ قوشاق ئېيتىشتىكى ماھارىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئادا ناشەھرىگە بېرىپ ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلغان.شۇنىڭ بىلەن ياشار كامال يېزىدىن ئايرىلىپ ئاداناغا كەلگەن.ئۇ بۇ يەردە بىر ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن، لېكىن بۇ ئوقۇشىنى پۈتتۈرمەيلا مەكتەپتىن چىقىپ كېتىپ، مەدىكارچىلىق قىلىش، كىشىلەرنىڭ خەت-چەك ۋە ئەرز-ھاللىرىنى يېزىشتىن تارتىپ شىركەت خىزمەتچىسى بولۇشقىچە قىرىقتەك ئىش ئورنىدا ئىشلىگەن، بۇ جەرياندا ئۇ شېئىر ۋە باشقا ماقالىلەرنى يېزىپ يۈرگەن.«ماتەم قوشاقلىرى»، «بەش بۇلاق»،«تۇمۇز ئىسسىق»قا ئوخشاش شېئىر-ھېكايىلەرنى گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلغان.
ياشار كامال 1951-يىلى ئىستامبۇلغا كېلىپ، جۇمھۇرىيەت گېزىتخانىسىدا مۇخپىرلىق قىلغان.ئۇ يازغان «دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا يەتتە كۈن»ناملىق ئۇزۇن ماقالىسى تۇنجى قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ ھېكايە، رومان ۋە دېراما ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان ۋە سەھنىلەردە ئوينىلىشقا باشلىغان، يەنە بىر مۇنچە ئەسەرلىرى سىنارىيەلەشتۈرۈلگەن.
1955-يىلى يېزىشقا كىرىشكەن«مەمەت ئاۋاق»رومانى ھازىرغىچە يىگىرمە سەككىز خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان.26-تىلدىكى خەنزۇچە تەرجىمىسىنى لى شەندى دېگەن بىر كىشى قىلغان، ئەمما بىرىنچى قىسمى بىلەنلا توختاپ قالغان.بىز ئوقۇۋاتقان «مەمەت ئاۋاق»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ھۆرمەتلىك تەرجىمانىمىز، مەرھۇم دېكتور تۇرسنئاي ساقىم ھەدە تەرجىمە قىلغان 28-خىل تىلدىكىسى بولۇپ، تۆت تومنىڭ ھەممىسى تولۇق نەشر قىلىنغان.
تۈرك يازغۇچىسى ياشار كامال 1989-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇرسۇنئاي ساقىم ھەدە بىلەن كۆرۈشكەندە،«مەمەت ئاۋاق»رومانى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:«مەن ‹مەمەت ئاۋاق›رومانىنى 1955-يىلىدىن 1960-يىلىغىچە يېزىپ تۈگەتتىم. بىراق بۇ رومان ئۈستىدە ئوتتۇز توققۇز يىل ئىشلىدىم، مەن‹مەمەت ئاۋاق›رومانىنى يېزىشنى ئويلىغان ۋاقتىمدا يىگىرمە تۆت ياشتا ئىدىم، مەمەت ئاۋاق شۇچاغدا يىگىرمە ياشتا ئىدى. ھازىر مەن يەتمىشكە يېقىنلاپ قالدىم، ئەمما مەمەت ئاۋاق تېخىچە يىگىرمە بەش ياشتىن نېرىغا بارمىدى، مېنىڭ بالىلىق چاغلىرىم قاراقچىلار ئارىسىدا، قاراقچىلارنىڭ ئىش-ھەركەتلىر ىنى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش بىلەن ئۆتتى، ئۇچاغلاردا مەمەت ئاۋاق ھەركەت قىلىپ يۈرگەن تۇرۇس تاغلىرى قاراقچىلارنىڭ ئۇۋىسى ئىدى.داڭلىق قاراقچىلارنىڭ تولىسىنى تونىيتتىم، ئۇلار ھەققىدە ھەرخىل قوشاقلار، مەرسىيىلەر بارلىققا كەلگەن، كېيىن ئازادلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىلغان چاغلاردا ئۇلار تاغلاردىن تۈزلەڭلىككە چۈشۈپ تۈركىيە خەلقىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن دۈشمەنلەرگە قارشى ئوق ئاتتى».
ياشار كامالنىڭ ئەسەر يېزىشتىكى ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكلىرىنى خەلقنىڭ يەرلىك تىلى بىلەن ئاددىي ئىخچام قىلىپ يازىدۇ.جۈملىلەرنى قىسقا-قىسقا ئۈزىدۇ، گەپنىڭ ئۆزىنىلا بېرىدۇ.تەبىئەت مەنزىرلىرىنى يىپىدىن-يىڭنىسىغىچە تەسۋىرلەشكە خۇشتار.
گېرمانىيەلىك يازغۇچىۋالىت ۋوھ ياشار كامال ھەققىدە مۇنداق دېگەن:« بۇ رومان (مەمەت ئاۋاق) ئىنتايىن ياخشى ۋە ئىنتايىن جۇشقۇن بىر قوشاققا ئوخشايدۇ، ئۇ شۇنچىلىك ئاددىي، ئىنسانپەرۋەر، رومانتىك ۋە مۇھەببەتكە تولغان».
گېرمانىيەلىك يازغۇچى پىېر شىۋان بوم مۇنداق دېگەن:«ھازىرقى زامان نەسرىي ئەدەبىياتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ دىققەتكە سازاۋەر يازغۇچىسىنىڭ تۈرك بولۇشى بىرقەنچە جەھەتتىن ئادەمنى تولىمۇ خوشال قىلىدۇ».
روسىيە يازغۇچىسى لېنا ژەگەر:«ياشار كامالنىڭ رومانى ھەجىم جەھەتتىن تولىستويغا، جانلىقلىقى دېككىنىسكە تەڭداشتۇر».
يەنە شۇ روسىيە يازغۇچىسى ئاننە فىلىپ:«بىز بۇرۇن تۈركىيەلىك شائىر نازىم ھېكمەتنى تونۇيتتۇق.ھازىر بولسا، تۈركىيەنىڭ يەنە بىر بۈيۈك يازغۇچىسى ياشار كامالنى تونۇدۇق»دېگەن.
تۈرك يازغۇچىسى ياشار كامال 1989-يىلى تۇرسۇنئاي ساقىم ھەدە بىلەن كۆرۈشكەندە شىنجاڭدىكى يازغۇچىلارغا كۆپتىن-كۆپ سالام يوللاش بىلەن بىرگە:«ئۇلار ئۆز يۇرتىدىكى خەلقنىڭ ھاياتىنى، تەبىئەتنى، ئۆسۈملۈكلىرىنى ياخشى كۆرسۇن، ئۆزى ياخشى كۆرگەندىلا باشقىلارغا ياخشى كۆرسىتەلەيدۇ.يازغۇچىلار ئىنسانلارنىڭ، بولۇپمۇ كەسىپداشلىرىنىڭ قەدرىگە يەتسۇن، بىر-بىرىگە مەدەتكار بولسۇن.سىز نىڭ يۇرتىڭىزدىكى خەلقلەر ئۆزىنىڭ تۇپرىقىدەك سەمىمىي ۋە ئىجادكار خەلق.شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ شۇ تۇپراقلاردا يېتىشكەن يازغۇچىلاردىن ئەڭ ئىسىل ئەسەرلەرنى كۈتىمەن.ئۇلارغا قىزغىن سەمىمىي سالامىمنى يەتكۈزۈڭ»دېگەن.
 





بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار