ئاتاغلىق يازغۇچى ئورخان پامۇك

يوللانغان ۋاقتى:14-04-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 3 پارچە
ئاتاغلىق يازغۇچى ئورخان پامۇك تۈرك يازغۇچى ئورخان پامۇك، 2006 يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەڭ ياش يازغۇ

ئاتاغلىق يازغۇچى ئورخان پامۇك


تۈرك يازغۇچى ئورخان پامۇك، 2006 – يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەڭ ياش يازغۇچىلاردىن بىرى بولدى. ئۇنىڭ كىتابلىرى 58 تىلغا تەرجىمە قىلىندى ۋە 100 گە يېقىن دۆلەتتە نەشىر قىلىندى. ئۇ، يازغۇچىلىقتىن باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن مەشغۇل بولمىدى. 2005 – يىلى «Prospect» ژورنىلى تەرىپىدىن دۇنيانىڭ 100 زىيالىسى ئوتتۇرىسىدا كۆرسىتىلدى، 2006 – يىلى بولسا «TIME» ژورنىلى تەرىپىدىن دۇنيا بويىچە ئەڭ مەشھۇر 100 كىشى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
ئورخان پامۇك، 1952 – يىلى 7 – ئىيۇن ئىستانبۇلدا زەردار بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. دادىسى IBM زاۋۇتىنىڭ تۈركىيە شۆبىسىدە باش دىرېكتور بولغان گۈندۈز پامۇك، ئانىسى 1700 – يىللاردا گىرىتكە ۋالى بولغان ئىبراھىم پاشانىڭ نەسلىدىن بولغان شەكۈرە خانىمدۇر.
ئورخان پامۇك، «جەۋدەت ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى (1982)» ناملىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغىنىدەك ئۆي ۋە ئائىلىدە ئىستانبۇلنىڭ نىشانتاشى مەھەللىسىدە ئۆسۈپ چوڭ بولدى. كېچىكىدىن تارتىپلا رەسسام بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ روبېرت ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇدى. ئىستانبۇل پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقىنىدا مېمار ياكى رەسسام بولالمايدىغانلىقىنى قارار قىلىپ مەكتەپنى تاشلىۋەتتى. داۋاملىق كېلىش شەرت بولمىغانلىقتىن يېزىقچىلىققا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئاجرىتالىشىم مۇمكىن، دەپ قاراپ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ژورنالىستلىق ئىنىستىتۇتېغا ئوقۇشقا كىردى ۋە شۇ ئىنىستىتۇتنى پۈتتۈردى. بىراق، «قار» رومانىنىڭ سىرتىدا بۇ كەسىپتە ھېچ ئىشلەپ باقمىدى. ئورخان پامۇك 1982 – يىلى ئايلىن تۈرەگەن خانىم بىلەن توي قىلدى. 1991 – يىلى «رۈيا» ئىسىملىك بىر قىزى دۇنياغا كەلگەن بۇ ئەر – خوتۇن 2001 – يىلى ئاجرىشىپ كەتتى. ئورخان پامۇكنىڭ ئاكىسى شەۋكەت پامۇك ئىقتىساد تارىخچىسى بولۇپ، بوغۇزئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلماقتا.
1985 – 1988 – يىللىرى ئارىسىدا ئىئوۋا ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن بېرىلگەن International Writing Program(IWP) ناملىق كۇرسقا قاتناشتى. بۇنىڭدىن مەقسەت، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋە كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قاراشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان يازغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ كۈندىلىك ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشى ۋە كىتابلىرىنى يازالايدىغان شەرت – شارائىتقا ئېرىشتۈرۈش بولۇپ، ئورخان پامۇكنىڭ ئۆز تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا، كۇرستىن كېيىن، ئۇنىڭ «ھاياتىدا زور بۇرۇلۇش ھاسىل بولدى». تۇنجى كىتابىدىن ئېتىبارەن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. كىتابلىرى ھەم كۆپ سېتىلدى ھەم ئەدەبىي جەھەتتىن ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئورخان پامۇكنىڭ يازغۇچىلىق ھاياتى 1974 – يىلى باشلاندى. 1979 – يىلى تۇنجى رومانى بولغان «قاراڭغۇلۇق ۋە يورۇقلۇق» ناملىق رومانچىلىق مۇسابىقىسىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتنى مەھمەت ئەرئوغلۇ بىلەن ئورتاقلاشتى. يەنە شۇ رومانى 1982 – يىلى «جەۋدەت ئەپەندى ۋە ئوغۇللىرى» تېمىسى ئاستىدا قايتىدىن نەشىر قىلىندى، ھەمدە بۇ قېتىم 1983 – يىلى شۇ ناملىق ئەسىرى ئارقىلىق «ئورخان كەمال رومان مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.
ئورخان پامۇكنىڭ شۇنىڭدىن كېيىن يازغان كىتابلىرى ئۇدا نۇرغۇنلىغان مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئاپتورنىڭ «تىۋىشسىز ئۆي» ناملىق ئىككىنچى رومانى 1984 – يىلى «مادارالى رومان مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. بۇ روماننىڭ فرانسوزچە تەرجىمىسى بولسا 1991 – يىلى « Prix de la Découverte Européenne مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. 1985 – يىلى نەشىر قىلىنغان «ئاق قەلئە» ناملىق رومانى 1990 – يىلى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدا « Independent Award for Foreign Fiction مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى ۋە تۈركىيە سىرتىدا ئاپتورنىڭ كەڭ تونۇلۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
ئورخان پامۇك، 2002 – يىلى نەشىر قىلىنغان «قار» ناملىق ئەسىرىنى، تۈركىيىنىڭ ئېتنىك ۋە سىياسىي مەسىلىلىرى ئىشلەنگەن «سىياسىي رومان» دەپ تەرىپلىمەكتە. ئاپتورنىڭ «قار» ناملىق ئەسىرى ئامېرىكىدا 2004 – يىلى «2004 – يىللىق ئەڭ ياخشى كىتابتىن بىرى» دەپ تونۇشتۇرۇلدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تۈركىيە سىرتىدا تېخىمۇ شۆھرەت قازانىشقا باشلىدى. 1998 – يىلى نەشىر قىلىنغان «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» ناملىق ئەسىرى 24 تىلغا تەرجىمە قىلىندى ۋە 2003 – يىلى ئىرلاندىيىنىڭ دۇنياغا داڭلىق « International IMPAC Dublin Literary Award مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.
رومانلىرىنىڭ سىرتىدا يازمىلىرىدىن ۋە دىئالوگلىرىدىن تاللانمىلار ۋە ھېكايىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «باشقىچە رەڭلەر (1999)» ۋە ئۆمەر قاۋۇر رېژىسسورلۇق قىلغان «سىرلىق يۈز» ناملىق فىلىمنىڭ سېنارىيىسى (1992) بار. بۇ سېنارىيە، يازارنىڭ 1990 – يىلى نەشىر قىلدۇرغان «قارا كىتاب» ناملىق رومانىدىكى بىر بۆلۈمگە ئاساسەن يېزىلغان.
ئورخان پامۇكنىڭ يازغۇچىلىق كەسپى 2006 – يىلى 12 – ئۆكتەبىردە «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشىش بىلەن يۇقىرى پەللىگە يەتتى، ھەمدە «نوبېل مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن تۇنجى تۈرك گراژدانى سۈپىتىدە تارىخ بېتىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالدى.

 




ھالقىلىق سۆزلەر : ساكارائۇلى


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار