جوسېف برودسكى (Joseph Brodsky) ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى

يوللانغان ۋاقتى:23-04-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: {dede:adminname /}   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
جوسېف برودسكى ( Joseph Brodsky ) ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى جوسېف برودسكى (1940 - 1996)، ئامېرىكىلىق شائىر. لېنىنگىراتتىكى بىر يەھۇدىي ئائىلىسى

 

جوسېف برودسكى (Joseph Brodsky) ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى
 
جوسېف برودسكى (1940-1996)، ئامېرىكىلىق شائىر.لېنىنگىراتتىكى بىر يەھۇدىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى فوتوگىراف بۇلۇپ، بىرودىسكى كىچىكىدىن باشلاپلا ئەركىنلىكنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى، مەكتەپنىڭ ئۆلۈك مائارىپىغا قايىل بولمىغا نلىقتىن   15 يېشىدىلا ئۇقۇشنى تاشلاپ جەمىيئەتكە چىقىپ كەتكەن. ئۇ ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ، پويىز پار ئىشچىسى، مىتال تاختاي ئىشچىسى، دوختۇرخانا جەسەت ساقلاش ئۆيى ئىشچىسى، گىئولوگىيلىك چارلاش ئەترىتىنىڭ ئىشچىسى بولغان. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا شېئىر يېز ىش-تەرجىمە قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان.        
بىرودىسكى 1955-يىلدىن باشلاپ رەسمىي شېئىر يېزىشقا باشلىغان بولۇپ، دەسلەپكى شېئىرلىرى ياش يازغۇچى-سەنئەتكارلار باشقۇرغان «سىنتاكىس» ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىنغان ھەمدە دىكلىماتسىيە ۋە قولىدا كۆچۈرۈش شەكلى ئارقىلىق جەمىئەتكە تارقىلىپ، ئۇنىڭ ئاجايىپ شېئىرىي تالانتى نامايەن بولۇشقا باشلاپ «كۇچا شائىرى»دەپ ئاتالغان ھەمدە ئاننا ئاخماتوۋا قاتارلىق مەدەنىيەت ساھاسىدىكى زاتلارنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئىرىشكەن. 1960-يىلى بىرودسكى سوت تەر ىپىدىن«جەمىيئەت پارازىت قۇرتى»دېگەن جنايەت بىلەن بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىغا ئەۋەتىلگەن،15 ئايدىن كىيىن، سوۋىت ئىتتىپاقىد ىكى بىرقىسىم داڭلىق يازغۇچى-سەنئەتكارلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا جازابىكار قىلىنىپ، لېنىنگىراتقا قايتىشقا ئىجازەت قىلىنغان.
 1963-يىلى ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىجادىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان داڭلىق ئەسىرى«جون دىڭغا تەزىيە»ناملىق ئۇزۇن شېئىرى ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن،يەنى 1965- يىلىدىن باشلاپ، بىرودىسكىنىڭ«قاپىيىلىك ئەسەر ۋە شېئىر» (1965)، «تاغ باغرى ۋە باشقىلار »(1967)، «قاقاس چۆللۈكتىكى تۇرۇپ قېلىش»(1970) قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى ئامېرىكا،فىرانسىيە،غەربىي گىرمانىيە ۋە ئەنگىلىيىدە ئارقا- ئارقىد ىن نەشىر قىلىنغان.
 1972-يىلى برودسكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چىگىردىن قوغلاپ چىقىرۋېتىلدى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا مىچىگان ئۇنۋېرستېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن شۇ مەكتە پتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇقۇتۇش ۋە يېزىقچىلىق ھاياتى باشلاندى. ئۇ 1977-يىلى ئامېرىكا دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ، ئامېرىكا گۈزەل سەنئەت ۋە ئېلىم-پەن ئىنىستوتى، مەملىكەتلىك گۈزەل سەنئەت ۋە ئەدەبىيات جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى بولدى. بۇ مەز گىلدە ئۇ، ئۆزىنىڭ بىر نەچچە خىل تىلدىكى شېئىر توپلا ملىرىنى نەشىر قىلدۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ«شېئىرلار توپلىمى»(1973) ۋە «سۆزنىڭ بىرقىسمى» (1980)قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇنىڭ تەبىرشۇناسلىققا ئائىت ئەسەرلىرىدىن «بىردىن كىچىك» (1980)، «قايغۇ- ھەسرەت ۋە ئاقىلانىلىك» (1996) قاتارلىقلارنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ.
 قىسقىغىنە ئون نەچچە يىل ئىچىدە، بىرودىسكىنىڭ نام ئابرويى بىراقلا كۆتۈرلۈپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ داڭلىق شائىرلارنىڭ بىرىسىگە ئايلاندى. ئۇ تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئۆتكۈر كۆز ىتىش ۋە قۇبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇلۇپ،ئىدىيسى ئۇچۇق، ئاقكۆڭۈل، ھىسياتى سەمىمى،  مۇلايىم ئىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى روسىيە پۇرىقىغا سىڭىپ كەتكەن، بۇلۇپمۇ ئۇ چەتئەلدە سەرگەردان بۇلۇپ يۈرگەندە يۇرتنى سېغىنىش ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيتىنىڭ ئاسا سلىق تىمىلىرىدىن بىرى بۇلۇپ قالغان ئىدى. يېزىقچىلىق سەنئىتى جەھەتتە، ئۇ باشتىن- ئاخىرى ئىككى نەپەر پىشقەدەم شائېر ئاخماتوۋا بىلەن ئودىنغا يېقىنلىشىپ، شېئىرىي شەكىل جەھەتتە يىڭىلىق يارىتىش ۋە شېئىردىكى فونتىكىلىق ئاھاڭداشلىقىنى قوغلاشقان.
 1987-يىلى ئۇ«ۋاقىت چەكلىمىسىدىن ھالقىش» ناملىق ئەسىرى بىلەن«ئۇ ئەدەبىيات جەھەتتە ياكى سەزگۈر مەسىلىلەرتەرەپتە بولمىسۇن، ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ كەڭ ئىدىيىسىنى قۇيۇق شېئىرىي مەناسى بىلەن ماھارەتلىك ئىپادىلىگەن»دېگەن باھا بىلەن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
سۈكۈتتە دېمىگىن شېئىر ئىلاھى
 
 سۈكۈتتە دېمىگىن شېئىر ئىلاھى.
بىناۋا يىگىتنىڭ پۈتمەيدۇ ئاھى.
زەڭگەر رەڭ ياغلىقنى يەلپۈتەر قېيىق،
دولقۇنلار كۆكرەككە ئۇرۇلۇپ گاھى.
 
كەينىڭگە باقمىغىن، دېمە ھەم ئۇنداق،
تېرەكلەر رەتمۇرەت تۇرار تىزىلىپ.
ياستۇققا باش قويۇپ ياتىمەن ئېغىر،
كۆزلىرىم پوشكالدەك كەتتى ئېزىلىپ.
 
ئېيتقىن، بۇ تۇپراقتا بەختلىكمۇ سەن؟
چېمەنلەر تۆشىكىڭ، شۇنداق سورايمەن.
ھاۋاغا ئىنتىزار بولغاندەك بېلىق،
نەمخۇش لەۋلىرىمدە سېنى شورايمەن.
 
توشقاننىڭ قۇلىقى بولسا بېشىمدا،
يەر ئىدىم ئورماندا رەگەتكە تېشى؛
ئالدىڭدا نامايان بولاتتىم يارقىن
ياپراقلار سېسىغان كۆلچەك ئىچىدە.
ئۇ ئەمەس ھەرگىزمۇ ئورمانلار ئېشى.
 
بىھۇدە ئۆتمەكتە شۇ خەسىس يىللار.
قاچاندۇر چېچىمغا تولۇپ كەتتى ئاق.
قانسىراپ كەتمەكتە ئەنسىز تەنلىرىم،
مۇردىدەك سىياقىم پىكىرسىز ھەرۋاق.
 
جان دوستۇم، ئەبەدىي ئايرىلار بولدۇق،
قەغەزگە سىزغىنا قېنى بىر چەمبەر.
بىلگەنسەن، شۇ قەدەر كاۋاك ئادەممەن،
يىرتىۋەت، ئاڭا بىر ئاغدۇرۇپ نەزەر.
 
شۇ ئادەم مەن
 
شۇ ئادەم مەن، ئېلىپ باغرىڭغا
باغاشلىغان سۈيۈملۈك ياردەك.
تۈن پەردىسى يېيىلغان ئاخشام
ئالدىڭدا مەن ئېگىلگەن يادەك.
 
شۇ ئادەم مەن، تونۇۋالاي دەپ
پەستىن ئاڭا باققانتىڭ قىيا.
ئەمدى بىلدىڭ كىملىكىمنى سەن،
دەسلىپىدە كۆرۈنسەم غۇۋا.
 
قۇياش كەبى تەنلىرىڭ بىلەن
تاشلانغاندا قۇچاقلىرىمغا
سەزگەن ئىدىم مەۋجۇتلۇقۇمنى
پىچىرلىساڭ قۇلاقلىرىمغا.
 
سەن چۈشۈردۈڭ پەردىنى ئاستا،
لەۋلىرىمگە يېقىپ لىۋىمنى.
بېقىپ يەنە مەيلىڭگە جانان
چاقىرايمۇ سېنىڭ ئىسمىڭنى.
 
كۆرۈنگەنتىڭ ئەما چاغلىرىم
گاھ كىيىملىك، گاھى يالىڭاچ.
بىلگەنىدىم بىلمىگەنلەرنى،
قەلبىمگە ئۇ چوڭقۇر ئورنىغاچ.
 
ئەۋلاد تېپىش كارامىتىنى
جاھان شۇنداق قىلىدۇ ئىجاد.
ئاللا شەپقەت ياغدۇرۇپ چەكسىز،
پىرقىرايدۇ تىنماي كائىنات.
 
گاھ كېچىدە، گاھى كۈندۈزدە
تەرلەيمىز ھەم كېتىمىز توڭلاپ.
ئۇنتۇلىدۇ كىشىلىك دۇنيا،
ئالەم تىنماي تۇرار پىرقىراپ.
 
لېنىنگراد شەھەر ئەتراپىدىكى يەھۇدىيلار قەبرىستانلىقى
 
لېنىنگراد شەھەر ئەتراپىدا يەھۇدىيلار قەبرىگاھى،
چىرىپ كەتكەن شادىلىرى قىڭغىيىپ تۇرار.
ئاشۇ يەردە
ئادۇكات، سودىگەر، مۇزىكانت ھەمدە
ئىنقىلابىي قەھرىمانلارمۇ
ياندىشىپ ياتار.
ئۇلار ئۆزى ئۈچۈن كۈيلىگەن
ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزاي دېگەن
باشقىلار ئۈچۈن بەردى مانا جان.
ئۇلار بۇرۇنلا تۆلەپ بولغان باج،
ساقچىلارغا بىلدۈرگەن ھۆرمەت،
ئىمكان بار جىمىي ئىشلارنى قىلغان.
زوقلىنىپ بەخىتلىك ياشىغانلارغا
يەھۇدىي كالامىدىن سۆھبەتلەر قۇرغان.
بەلكىم، قارغۇلارچە چوقۇندى ئۇلار،
بەلكىم، يىراقلارغا تاشلىدى نەزەر.
لېكىن ئۈگەتتى پەرزەنتلىرىنى
بولۇشقا قەيسەر.
ئۇلار پەقەت چاچمىغان ئۇرۇق.
ئۇلار پەقەت تېرىمىغان يەر.
مۇزلۇق يەر شارىدا ياتار ئۇلار
زىرائەتتەك
مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا چۆكۈپ،
كېيىن يەر شارىغا چېچىلدى ئۇلار
شامغا ئوخشاش نۇرلىنىپ كۆيۈپ،
تىلاۋەت بايرىمىدا
يارىشايلى دەپ
بار ئاۋازدا قىلار ئىلتىجا
ئاچ-زېرىن چاللار.
ئۇلار يەتتى شۇنىڭغا
ماددىلارنىڭ پارچىلىنىشىدا.
ئەسلىگۈدەك نەرسە قالمىدى.
ئۇنتۇغىدەك ھېچ نەرسىمۇ ھەم.
قىيسىيىپ ياتقان شادا ئىچىدە.
ترامۋاي تورىدىن يىراق مىڭ قەدەم.
 
مۇھەببەت
 
بۈگۈن كېچە قاچتى ئۇيقىمىز
سەيلە قىلىپ يۈردۇق ئىككىمىز.
ئۆچتى تامام كوچا چىرىغى
سانسىز توچكا بۇلۇپ يۇقالدى
چۈشۈمدىكى سۇئال بەلگىسى،
ئەنسىز تۇيغۇ قوينىغا ئالدى.
 
چۈشۈمدە سەن ھامىلدار بوپسەن،
ئايرىلغانتۇق نەچچە يىل بۇرۇن؟
پۇشايمىنىم كۆپتۇر شۇ قەدەر،
بۆرتۈپ چىققان كۆكرەكلىرىڭنى
يايراپ-يايراپ سىلىغۇم كېلەر
ئەسنى يىغسام كۆڭلەكلىرىمنى
پۇرلاپتىمەن، مۇجۇپتىمەن ھەم
كارۋات چىرىغىنىڭ مۇنەكلىرىنى،
 
بىلدىم روجەك ئالدىدا،سېنى
تاشلاپ قويدۇم كېچە قوينىدا،
چۈشلىرىمدە، تەنھا، پەرىشان.
سەن يىراقتا كۈتەرسەن مېنى
ئاغرىنمايسە قېيداپ ھېچقاچان.
چىراق نۇرى تاشلىسا ئۈزۈپ
تۈندە يەنە ئۆتىدۇ داۋام؛
تويلاشتۇق بىز ئەر-خوتۇن بولۇپ،
ئايرىلمايمىز ئەبەدىل-ئەبەد،
ئىككى تەن بىر، كەتكەن قوشۇلۇپ،
شاھىت بولۇپ ئاقلار بالىمىز
يالىڭاچلانغان سىياقىمىزنى.
كېچىلەردە كېلەرسەن يەنە،
شۇنچە ھارغىن، نازۇك ۋە ئاجىز،
ئالدىمىزدا بىر ئوغۇل، بىر قىز،
ئۆز قېنىمدىن تانمايمەن ھەرگىز،
مۇناخ بولۇپ كەتكىنىمممۇ يوق.
ئىزدەپ يۈرمەس قوللىرىم بىراق
ئەمدى چىراق مۇنەكلىرىنى.
چۈشلىرىمىى قوغلاپ ئۇ يىراق.
سېنى كېچە ئەنسىزلىكىگە
تاشلاپ قويغۇم يوقتۇر زادىلا،
ئۇندا ئۈنلۈك يىغلىيالمايسە،
كۆز ئالدىڭدا بولماس نامايان
تېڭىرقىغان بىناۋا يىللار،
چۈشلىرىمدىن ئويغانسام، سېنى
كۆرۈش نىسىپ بولمىدى ئەسلا.
 
بېلىق
 
بېلىق ياشار قەھرىتان قىشتا،
خىيالىدا ھاۋانى كۆشەپ.
بېلىق كېزىپ يۈرەر قىش ئارا،
كۆزلىرىنى كۆك مۇزغا بىلەپ.
ئۇيەرلەر
       چوڭقۇر شۇ قەدەر.
بېلىق
       بېلىق
              بېلىق
بېلىق كىزىپ يۈرەر قىش ئارا.
بۇ پەسەلنى تەرك ئەتكىلى.
قۇياش پەرياد چېكەر دىرىلدەپ.
بېلىق كۆزىسىز
            نۇرنى پەرق ئەتكىلى.
ئۆلۈمدىن ئۇزاپ كېتەر ئۇ
بۇ بېلىقنىڭ مەڭگۈلۈك يولى.
ياش تۆكمەيدۇ بېلىق ئەزەلدىن.
مۇز تاغ بىلەن تىركىشىپ مەغرۇر
تۇرار ئۇ ھامان.
سۇۋۇپ كەتكەن بېلىقنىڭ كۆزى
مۇزدەك سۇدا
ئۇيۇپ قالغان.
بېلىق ھامان سۈكۈتتە يۈرەر،
چۈنكى ئۇنىڭ بولمىغاچ تىلى.
بېلىق ھەققىدە يېزىلغان شېئىر
بېلىقتەك
شائىر بوغۇزىغا قىسىلىپ قالغان.
 
لىرىكىلار
1
خوشلىشايلى سۈكۈت ئىچىدە،
فاتىفۇنمۇ توختىسۇن بىر پەس.
بۇ ئالەمدە ئايرىلدۇق شۇنداق،
ئۇ ئالەمدە قوشۇلماقمۇ تەس.
بىر ياستۇققا باش قويالمايمىز،
 ھاياتتىمۇ يۈردۇق ئىككى يان.
ئۆلۈم بىزگە نە ۋىسال بەرگەي،
سەدپارە دىل ئىشىق دەردىدە قان.
 
2
كىمدە ئىيىپ بولسا مەيلىلا.
يېتىپ كەلدى ئاخىرقى سوراق،
گۇناھسىزنى كۈتكىلى بۇندا
پاياندازمۇ سالمايمىز ھېچ ۋاخ.
خەيىرلەشتۇق تەكرار ۋە تەكرار،
كەلمىش قىسمەت كۆڭۈلگە ئايان.
جەننەتتىمۇ ئۇچرىشالمايمىز،
 دوزاختا ھەم بىر بوماس ماكان.
 
3
قوشۇلۇش بەك گۈزەلدۇر، گۈزەل،
ئايرىلىشمۇ نەپىس شۇ قەدەر.
نە قېيىداش، نە نەپرەت قالمىدى،
كېچىكتى رەڭ تاشلىغان سەپەر.
بىز ئەبەدىي بىر جۈپ يەنىلا،
يۈرمەيلى ھەم بۇنى جاكارلاپ.
كامالەتكە كۆتۈرۈپ بىزنى
قىسقا دەملەر تۇرسىمۇ پارلاپ.
 
4
قۇرۇپ قاخشال بولغىچە تەنلەر
يامغۇر بولۇپ تۆكۈلدى تەرلەر.
تەڭ كۆتۈردۇق قەدەھتە مەينى،
ئەپسۇس، بىرىمىز مەست بولدۇق بەتەر.
تاماق ئەمەس بىز ئۈچۈن دۇنيا،
مەنزىللەردە تالاي قىسمەت بار.
يوللار داۋان، يوللار ھاڭ-قىيا،
بەلكىم ۋىسال ياكى فۇرقەت بار.
 
5
خوشلىشايلى سۈكۈت ئىچىدە،
بىلمەيمىز كىم كەتكەننى تاشلاپ.
(سەن«پەرشتە» مەن بىر «شاياتۇن»)
ئالالمىدىم سېنى باغاشلاپ.
ئەيىپكارمىز ئۆزىمىز بەلكىم،
شېئىر ئىلاھى تۇرار سوراقلاپ.
ئۆلۈم بىزگە قىلغان سىتەملەر،
ھاياتلىقتا قالدۇردى ئازاپ.
 
شېئىرلار مۇختەر ماخسۇت تەرجىمانلىقىدىكى دۇنيا ھازىرقى زامان شېئىرلىرىدىن تاللانما «ئىلاھ چوقىسى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.



ھالقىلىق سۆزلەر : جوسېف برودسكى


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار