ئەدۇنىس قىسقىچە تەرجىمھالى

يوللانغان ۋاقتى:13-01-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: admin   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
ئەدىنۇس، ئەسلى ئىسمى ئەلى ئەھمەد سەئىد ئىسپور 1930-يىلى سۈرىيەدە تۇغۇلغان.

 

 

 

ئەدىنۇس، ئەسلى ئىسمى ئەلى ئەھمەد سەئىد ئىسپور 1930-يىلى سۈرىيەدە تۇغۇلغان.1956-يىلى لىۋانغا كۆچۈپ بارغان ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى باشلىغان. 1980-يىللاردىن باشلاپ ياۋرۇپا ۋە ئامىرىكىدا ئوقۇتۇش، يېزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن مەشخۇل بولغان. ئەدىنۇس مول - ھوسۇللۇق شائىر، مۇتەپەككۇر، ئەدەبىيات نەزەرىيىچىسى، ئۇ دۇنيادا بۈگۈنكى دەۋىردىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئەرەپ شائىرى دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇنىڭ شىئېرنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا بولغان ئاكتىپ تەشەببۇسى، ئەرەپ مەدەنىيىتىگە بولغان چوڭقۇر ئويلىنىشى ئەرەپ مەدەنىيەت ساھەسىدە كەسكىن بەس - مۇنازىرىلەرگە سەۋەپ بولغان ھەم چوڭقۇر تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ھازىرغىچە يىگىرمە ئىككى پارچە شىئېرلار توپلىمى ۋە مەدەنىيەت، ئەدەبىيات نەزەرىيەسىگە ئائىت ئون نەچچە ئىلمىي كىتابى نەشر قىلىنغان. ئۇ «بىريۇسېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، تۈركىيە «ھېكمەت ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، ماكىدۇنىيە «ئالتۇن تاج شىئېرىيەت مۇكاپاتى»، فىرانسىيە «چەتئەل ئەدەبىياتى مۇكاپاتى» ۋە «چەتئەل كىتاپ مۇكاپاتى» قاتارلىق خەلقئارالىق چوڭ مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇ «نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نىڭ قىزغىن نامزاتلىرىدىن بولۇپ كەلمەكتە.




ھالقىلىق سۆزلەر : شائىر، ئىجادىيەت


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار