قىرغىز يازغۇچىسى چىڭغىز ئايتىماتوۋ

يوللانغان ۋاقتى:14-04-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
چىڭغىز ئايتىماتوۋنىڭ تەرجىمىھالى چىڭغىز تۆرە قۇلۇۋىچ ئايتىماتوۋ(1928-2008)1928-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ قىرغىزىسىتا

ئاتاقلىق قىرغىزيازغۇچى  چىڭغىز ئايتىماتوۋنىڭ تەرجىمىھالى
چىڭغىز تۆرە قۇلۇۋىچ ئايتىماتوۋ(1928-2008)1928-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ قىرغىزىسىتان ئاپتونۇم جۇمھورىيىتىدە دۇنياغا كەلگەن.ئۇ قىرغىزىستان ۋە روسىيە قوش تەۋەلىكىدە بولۇپ،1990-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە روسىيەنىڭ لىيۇكسىمبورگدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن كېيىن ،1993-يىلىدىن باشلاپ قىرغىزىستاننىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى،شۇنداقلا بىلگىيە،گوللاندىيە ۋە لىيۇكسىمبورگدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان،كۆپ قېتىم قىرغىزىستان خەلقىنىڭ پىرىزدىنىت بولۇش تەكلىۋىنى رەت قىلغان.2008-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى گېرمانىيىدە كىسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.
چىڭغىز ئايتىماتوۋ سوۋىتنىڭ ئاخىرقى دەۋىرلىرىدە باش كۆتۈرگەن ئەڭ داڭلىق يازغۇچى بولۇپ ،ئەسەرلىرىنى قىرغىزچە ۋە رۇسچە يازىدۇ.ئايتىماتوۋ يېزىدا تۇغۇلغان،ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات نامىراتچىلىقتا ئۆتكەن،ئۇنىڭ ئاتىسى ياشلىق چاغلىرىدا كومۇنىسىت بولغان،رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن،1939-يىلى بەخىتكە قارشى ھالدا سىتالىننىڭ تازىلاش ھەركىتىدە ئۇۋالچىلىققا ئۇچىراپ قازا قىلغان.
چىڭغىز ئايتىماتوۋ يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن،ئاۋۋال چارۋىچىلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ تەجىرىبە پونكىتىدا ئىشلىگەن.1956-يىلى «جەمىلە» پوۋىستى بىلەن داڭقى چىققان.ئارقىدىن «قىرغىز ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىغا يۆتكىلىپ كەلگەن.كېيىن ئالاھىدە ئەۋەتىلىدىغان مۇخبىرلىق ۋەزپىسىنى ئۆتىگەن.1966-يىلى «ئەلۋىدا گۈلسارە»رومانىنى ئېلان قىلغان.بۇ رومان ئۇنىڭ ئىجادىيەتتە ئىزدىنىشتىن پىشىپ يېتىلىشكە قاراپ ماڭغانلىقىنى نامايەن قىلغان بولۇپ،ئۇنىڭدا قىرغىزلارنىڭ تاغلىق كەنىتلىرىدىكى ھازىرقى زامان تۇرمۇشى تېخىمۇ روشەن ئىپادىلەنگەن.تېما دائىرىسى كەڭ،رىئاللىقتىكى زىددىيەتلەر چوڭقۇر ئېچىپ بېرىلگەن.
ئايتىماتوۋ 70-يىللاردىن تارتىپ،يېڭى بەدىئىي ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىشقا كىرىشىپ،رىئالىزىمدىن رىئال تەسۋىر بىلەن قىياسەنلىكتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلنى بىرلەشتۈرۈشكە قاراپ تەرەققىي قىلغان. مۇشۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ بۇنداق خاھىشىنى ھەممىدىن بەكرەك ئەكىس ئەتتۈرگەن ئەسىرى «ئاق پاراخۇت».ئايتىماتوۋنىڭ ئىجادىيەت نەزىرى كەڭ،ماتىرىيال مەنبەسى تولا،ئۇسۇل-ۋاستىلىرى كۆپ خىل،ئوخشىشىپ قېلىش ئەھۋاللىرى بەك ئاز.بولۇپمۇ روشەن مىللىي ئالاھىدىلىگى بىلەن ماختاشقا سازاۋەر بولغان.1977-يىلى يەنە بىر داڭلىق ئەسىرى «ئالا ئىت قىياسى»نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن چىڭغىز ئايتىماتوۋ دۇنياغا تونۇلۇشقا باشلىغان.ئۇنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىدىن «ئەسردىن ھالقىغان بىركۈن»،(كېيىن يېزىلغان «چىڭگىزخاننىڭ ئاق بۇلۇتى»مۇ ئەمەلىيەتتە بۇ روماننىڭ بىر بابىدىن ئىبارەت)،«قىيامەت».«كاساندىرا تامغىسى»قاتارلىقلار دۇنيادىكى 100 خىلدىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ ئاجايىپ شۆھرەت قازانغان ۋە ياۋرۇپالىقلار ئەڭ پىششىق بىلىدىغان ئاسىيا يازغۇچىسى بولۇپ قالغان.
ئايتىماتوۋ 1966-يىلىدىن كېيىن تاكى سوۋىت پارچىلانغانغىچە بولغان ئارىلىقتا ئالىي سوۋتنىڭ ۋەكىلى،1976-يىلىدىن كېيىن سوۋىت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ سېكىرتارى،قىرغىزىستان سوۋىتىنىڭ ھەيئىتى ۋە قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى بولغان.1990-يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى پىرىزدىنىت كومىتىتىنىڭ ھەيئىتى بولغان.سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن روسىيە ۋە قىرغىزىستاننىڭ لىيۇكسېمبورىگدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان.2008-يىلى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئۇنىڭ «ئەسردىن ھالقىغان بىر كۈن»،«قىيامەت»،«كاساندىرا تامغىسى»قاتارلىق دۇنياغا كەڭ تارقالغان نادىر ئەسەرلىرى بار.چىڭغىز ئايتىماتوۋ نۇرغۇن دۇنياۋىي ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن،نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نامىزات بولغان .ۋە «ئەسەرلىرى بەدىئىي جەھەتتە ۋايىغا يەتەكن بولسىمۇ سوۋىت ھاكىميىتىدە سىياسىي ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى ئۈچۈن نوبېلنىڭ ۋەسىيىتىدىكى غايىۋىلىك ۋە دېمۇكىراتىك روھقا ئۇيغۇن ئەمەس»دەپ قارىلىپ باھالاش ھەيئىتى تەرىپىدىن قالدۇرۇۋېتىلگەن.
ئۇنىڭ پوۋىسىتلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى كىنو-تېلۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلەنگەن.مۇتلەق كۆپ ئەسىرى ئېنگىلىزچە ۋە خەنزۇچە،قاتارلىق دۇنياۋىي تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. جۈملىدىن ئەسەرلىرىنىڭ زور كۆپ قىسمى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان.

 




ھالقىلىق سۆزلەر : ساكارائۇلى


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار