تۈرك يازغۇچىسى رىشات نۇرى گۈنتېكىن

يوللانغان ۋاقتى:01-04-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
تۈرك يازغۇچىسى رىشات نۇرى گۇنتېكىن رىشات نۇرى گۇنتېكىن. XX ئەسر تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ يىرىك نامايەندىلىرىدىن بىرى،ئۇ ئۆز ئەسەرلىرى بىل

 


 
رىشات نۇرى گۈنتېكىن.XXئەسر تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ يىرىك نامايەندىلىرىدىن بىرى،ئۇ ئۆز ئەسەرلىرى بىلەن پەقەت تۈركىيەدىلا ئەمەس،بەلكى دۇنيادىكى باشقا ئەللەردىمۇ مەشھۇر.ئۇ 1892-يىلى ئىستامبۇل شەھرىدىكى بىرھەربىي دۇختۇر ئائىلەسىدە تۇغۇلغان.ئىستامبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدە بىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ،گېرمامىيە قاتارلىق ئەللەدىمۇ بىر مەزگىل ئوقۇغان.ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى ۋە خەلق مائارىپ نازارىتىدە مۇپەتتىش بولۇپ ئىشلىگەن. 1939-يىلى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولۇپ خىزمەت قىلغان.1956-يىلى لوندوندا 64 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.گۇ نتېكىننىڭ پۈتۈن ئەسەرلىرى تۈركىيىدە 24 توم قىلىپ نەشر قىلىنغان.ئۇ 19 رومان ۋە كۆپلىگەن پوۋېست، ھېكايىلەرنى يازغان.
رىشات نۇرى گۈنتېكىننىڭ«چالىقۇشى»،«تامغا»،«كەچكى قۇياش»،«يېشىل كېچە»،«بىر ئايا لنىڭ دۈشمىنى»،«ئېچىنىش»،«تۆكۈلگەن يۇپۇرماق»، «قىزىلچا شاخلىرى»، «ساما»،«كونا كېسەل»، «ئوتلۇق كېچە»،«تۈگمە»،«مىسكىنلەر خانىقاسى»،«خارابە گۈلى»،«قان داۋاسى»، «ئاخىرقى پاناگاھ»، «تېرەك شامىلى»قاتارلىق رومانلىرى ۋە «ھىيلە شارى»،«ھىلالە»قاتارلىق دراما ئەسەرلىرى،«تەڭرى مېھمىنى»، «ئۆچكەن يۇلتۇز»، «لەيلى ۋە مەجنۇن»،«نورمال ئىشلار»، «بو يۇنتۇرۇق»قاتارلىق ھېكايە توپلاملىرى پۈتۈن دۇنياغا تونۇش.گۇنتېكىننىڭ ئەسەرلىرى بەدىئىي جەھە تتىكى تەكرارلانماس ئۆزىگە خاسلىقى بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.يازغۇچىنىڭ «يېشىل كېچە»، «تۈگمە»،«تامغا»،«كەچكى قۇياش»قاتارلىق ئەسەرلىرىدە تۈرك جەمئىيىتىدىكى تۆۋەن قاتلام كىشىلىر ىنىڭ جاپالىق تۇرمۇشى،ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي تەڭسىزلىگى رېئالىستىك ئۇسۇل بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇ ئەسەرلەردە جەمئيەتنىڭ ئالغا ئالغا ئىلگىرلىشىگە پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان تۈرلۈك ئىللەتلەر پاش ۋە تەنقىد قىلىنغان. «خۇدانىڭ مېھمىنى»،«خەنجەر»قاتارلىق ئەسەرلىرىدە بولسا،دىننى نىقاپ قىلىپ ،ئۆز مەنپەتىنى كوزلەيدىغان مۇناپىق رۇھانىيلار تەنقىد قىلىنغان.ئەدىپنىڭ«لەۋدىن قەلىپكىچە»،«كەچكى قۇياش»،«بىر ئايالنىڭ دۈشمىنى»،«ئېچىنىش»،«ئاسمان»،«كونا كېسەل»قاتارلىق ئاجايىپ رومانلىرى مەشھۇر.بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ«چالىقۇشى»رومانى ئۇيغۇر قاتارلىق كۆپلىگەن چەتئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.بۇ روماندا زىيالى ئائىلىدىن چىققان فەرىدە ئىسملىك قىزنىڭ سەرگۈزە شتىلىرىنى تەسۋىر لەش ئاساسىي سيۇجژىت لىنىيەسى قىلىپ تاللىۋېلىنغان.ئەنە شۇ ئوبراز تەسۋىرى ئۆزى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي تۇزۇمنىڭ تۈرلۈك ھالەتلىرى بىلەن باغلانغان ھالدا يۇرتۇپ بېرىلىدۇ.نەتىجىدە روماننىڭ ۋەقە لىگى بىزنى تۈركىيەنىڭ 1-دۇنيائۇرۇشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋىرلەردىكى تارىخىنىڭ بەدىئىي كار تىنىسى بىلەن بېۋاسىتە ئۇچراشتۇرىدۇ.ئەركىنلىك ۋە ئازادلىققا ئىنتىلىۋاتقان تۈرك ئايالىنىڭ تۈرلۈك ئىجتىما ئىي ئىللەتلەرگە،جاھالەتكە قارشى كۇرەشلىرى يۇقۇرى ماھارەت بىلەن ئىپادىلەپ بېرىلگەن.ئەسەردە نىزامىددىن،فاتىمە،ھۇسەين،كامران، خەيرۇللابەيلەرگە ئوخشاش ئوبرازلار سۈرەتلىنىدۇ.مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆزىگە خاس ئىجتىمائىي خاراكتېرگە ئېگە بولغان تىپىك ئابرازلاردۇر



ھالقىلىق سۆزلەر : Reşat Nuri Güntekin،Yaşamı


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار