ئېرنېست ھېمىڭۋاي ۋە «تېڭىرقىغان بىر ئەۋلات»

يوللانغان ۋاقتى:12-01-2014   مەنبە: 未知   مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
ئەركەكيازغۇچى ئېرنېست ھېمىڭۋاي زۇلپىقار بارات ئۆزباش ھەر يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىداخو شىتاتى ۋە باشقا بىر قىسىم جايلىرىدا كىشلەر بېلىق

  ئېرنېست ھېمىڭۋاي ۋە «تېڭىرقىغان بىر ئەۋلات»

 

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

 

ھەر يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىداخو شىتاتى ۋە باشقا بىر قىسىم جايلىرىدا كىشلەر بېلىق تۇتۇش پائالىيىتى ئارقىلىق 20-ئەسىردە ئامېرىكا ئەدەبىيات تارىخى ۋە دۇنيا ئەدەبىيات سەھنىسىدە زور شۆھرەتكە ئىگە ئېرىشكەن بىر ئۇلۇغ يازغۇچىنى خاتىرلەيدۇ. ئۇنىڭغا ئوخشاش ياسىنىپ، چىراي –شەكلىنى ئۇنىڭغا ئوخشاش ياساپ، بۇ يازغۇچىغا بولغان ھۆرمىتە ۋە قايىللىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى نۇرغۇن يەرلەردە .ۇنىڭ بىرەر ئەسىرىنى ئوقۇپ باقمىغانلارمۇ دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ شۆھرەتلىك مۇنبىرىدە مۇشۇنداق بىر يازغۇچىنىڭ ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. 1961-يىلى ئۇ ۋاپات بولغاندا ئاقساراي، كرېمىل سارىيى ، ۋاتىكان ۋە ئىسپانىيىنىڭ تورىئادۇرلۇق مۇسابىقىسى مەيدانى قاتارلىق جايلاردا بۇ يازغۇچىنىڭ ۋاپاتىغا ئالاھىدە تەزىيە بىلدۈرگەن. ھازىرغىچە ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىدىن سكوت دونالدسون، كارلوس بېيكىر قاتارلىقلار مەخسۇس مۇشۇ يازغۇچى توغرىسىدا نەچچىلىگەن كىتابلارنى يازغان. ”شۇنىسى ئېنىقىكى ۋاپات بولىدىغان چاغدا ئۇ ئاللىبۇرۇن بىر يازغۇچى، بىر ئەدىب سۈپتىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلۇغ بىر جامائەت ئەربابى سۈپتىدە كىشلەرگە تونۇلۇپ بولغانىدى“ دەپ يازىدۇ ئامېرىكىلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى سكوت دونالدسون. مانا مۇشۇنداق شۆھرەتلەرگە، يۇقىرى باھالارغا ئېرىشكۈچى دەل ئامېرىكىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى، ”گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد “ ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى ئېرنېست ھېمىڭۋاي.

ئېرنېست ھېمىڭۋاي 1899-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى چىكاگو شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى بىر كاۋچوكزارلىقتا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى كلارون ھېمىڭۋاي دوختۇر بولۇپ، ئوۋچىلىق ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئامراق ئىدى؛ ئاپىسى سەنئەتكە ھەۋەس قىلاتتى. ناخشا ئېيتىيالايتتى. ئائىلىسىنىڭ تەسىرى بىلەن ھېمىڭۋايدا كىچىكىدىنلا ئوۋ ئوۋلاش، بېلىق تۇتۇش، بوكسىيورلۇق، مۇزىكا ۋە رەسىمگە كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا بولدى. 1917-يىلى ھېمىڭۋاي كاۋچوكزارلىق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈردى؛ ھەربىي سەپكە ئۆتۈپ بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، كۆزى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئارزۇيىغا يېتەلمىدى ۋە نائىلاج كانزاس شەھرىدە چىقىدىغان « يۇلتۇز» گېزىتىسە پراكتىكانت مۇخبىر بولۇپ ئىشلىدى. گېزىتنىڭ ماقالە ئىشلىتىش ئۆلچىمى بويىچە، يېزىلغان خەۋەرلەر، ماقالىلەر قىسقا يېزىلىشى؛ بىرىنجى ئابزاستا چوقۇم ئەينى بىر مەزمۇن جانلىق، ئوبرازلىق تىللار بىلەن ئىپادىلىنىشى كېرەك ئىدى. بۇ بىر مەزگىللىك ۋاقىت ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇخبىرلىق ھاياتى ھېمىڭۋاينىڭ ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنىڭ شەكىللىنىشىدە ۋە «تېلگىرامما شەكىللىك  ئەسەر يازغۇچى» دەپ نام ئېلىشىدا ئالاھىدە رول ئوينىدى. بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ئۆزى خالدپ « قۇتقۇزۇش ئەتىرىتىنىڭ شوپۇرى» سالاھىيىتى بىلەن بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ياۋروپاغا باردى. 1918-يىلى ئىتالىيە ئۇرۇش مەيدانىدا ئېغىر يارىلاندى. تاشقى كېسەللەر دوختۇرىنىڭ سىتاتسىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ بەدىنىدىن 237 تال ئوق پارچىسى چىققان. ئەنە شۇنداق ھايات-ماماتلىق پەيىتتىمۇ ھېمىڭۋاي خەتەرگە قارىماي، يارىسى ئۆزنىڭكىدىن ئېغىر بىر سەپدىشىنى يۈدۈپ جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىگە ئېلىپ بارغان. يولدا پىلموتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرىغان. ئۇرۇشتىكى مۇشۇ قەھرىمانلىقى ئۈچۈن ئىتالىيەنىڭ كرېست شەكىللىك كۈمۈش ئوردىنىغا ئېرىشكەن. ھېمىڭۋاينىڭ مۇشۇ ۋاقىتتىكى مۇناسىۋەتلىك سەرگۈزەشتىلىرى ۋە ھېسىياتى“ ياقا يۇرتتا“، ”سىلەر بۇنداق قىلماڭلار“ ھېكايىلىرىدە روشەن ئىپادىلىنىدۇ. بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھېمىڭۋاي پارژدا ئولتۇراقلىشىپ يېزىقچىلىق قانۇنىيەتلىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشتى؛ ئامېرىكا يازغۇچىسى شىردۇن ئازدېرسوننىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئامېرىكېلىق شائىر ئېزا پوند، شائىرە گېدرۇد ستېيىن بىلەن تونۇشتى. بۇ ئىككى شائىر ھېمىڭۋايغا نۇرغۇن يول كۆرسەتتى ۋە ئۇنى ئەدەبىي جەھەتتە يېتەكلىدى. ئۇنىڭ ”گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد» نىڭ ۋەكىلى بولۇپ قېلىشىدا گېدرۇد ستېيىننىڭ تەسىرى چڭقۇر. بىر قېتىملىق سۆھبەتتە گېدررۇد ستېيىن ھېمىڭۋايغا : «سىلەر ھەممىڭلار گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد“ دېگەن. ھېمىڭۋاي كېيىن ستېيىننىڭ بۇ سۆزىنى ”قۇياش يەنە چىقىدۇ“ (1926) دېگەن مەشھۇر رومانىدا ئېپىگراف ئورنىدا ئىشلەتكەن. 20-.ەسىرنىڭ 20-يىللىرى دەل يېڭى بىر ئەۋلاد ئامېرىكا يازغۇچىلىرى باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان دەۋر ئىدى. يېشى پەرقلەنسىمۇ، لېكىن بۇ يازغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ھېسىيات جەھەتتە .ورتاقلىق بار ئىدى، چوڭ يازغۇچىلار بىلەن چىقشالمايتتى. 1926-يىلغا كەلگۈچە ئۇلاردا .ورتاق بىر ئېقىم، ئورتاق بىر ئېتقاد ۋە ئەدەبىي پرىنىسىپ شەكىللەنمىدى. ئۇلار ئەسەرلىرىدە ئامېرىكا ياشلىرىنىڭ بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گاڭگخراشلىرى، چۈشكۈنلۈك، گمراھلىق تۇيغۇسى بىلەن تولغان روھىي دۇنياسىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرگەنىدى. بۇ يازغۇچىلارنىڭ باشلامچىسى ۋە ئەڭ داڭلىقى ئېرنېست ھېمىڭۋاي ئىدى. ئۇنىڭ “ قۇياش يەنە چىقىدۇ“ دېگەن رومانى شۇ دەۋردىكى “ گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد “ ئەدەبىي ئېقىمدىكىلەرنىڭ ئىجادىيەت مايىللىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مەشھۇر ئەسەر. بۇ ئەسىرى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ھېمىڭۋاي “ ئۈچ ھېكايە ۋە ئون شېئىر“ دېگەن توپلىمىنى ئېلان قىلدۇرغان. توپلامدىكى شېئىرلاردا ئانچە تەم بولمىغىنى بىلەن، ھېكايىلەردە ئاپتورنىڭ ئۆزىگە خاس بەدىئىي تالانتى نامايەن بولۇپ تۇراتتى. 1926-يىلى “ قۇياش يەنە چىقىدۇ“ دېگەن رپمانىنىڭ نەشىر قىلىنىشى ھېمىڭۋاينىڭ ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى ئورنىنى تىكلەپ بەردى. 1927-يىلى ئۇنىڭ ”بويتاق ئەرلەر“ دېگەن ھېكايىلەر توپلىمى نەشىر قىلىنىدى. 1929-يىلى ”ئەلۋىدا، قورال“ دېگەن رومانى نەشىر قىلىندى. ھېمىڭۋاينىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى شۆھرەتلىك ئورنى مۇشۇ روماننىڭ نەشىر قىلىنىشى بىلەن تىكلەنگەن. مۇشۇ ئەسىرى ئېلان قىلىنىشتىن بىر يىل بۇرۇن، يەنى 1928-يىلى ھېمىڭۋاي پارژدىن كېيۋېستىقا كۆچۈپ كەتتى؛ شۇ يىلى ئۇنىڭ ئۈچىنچى ئوغلىدىن تۇغۇلغان پاترىك تۇغۇلدى، 1932-يىلى يازغۇچىنىڭ ئىسپانىيىدىكى تورېئادۇرلۇق مەيدانى ۋە كالا سوقۇشتۇرۇش توغرىسىدىكى كىتابى ”ۈشتىن كېيىنكى ئۆلۈم“ نەشىر قىلىندى. 1933-يىلى ئۈچىنچى ھېكايىلەر توپلىمى ”قۇرۇق قول غالىبىيەتچى“ نەشىر قىلىندى. 1935-يىلى يازغۇچى ئۆزىنىڭ ئافرىقىدىكى ئوۋچىلىق پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى كىتابى “ يېشىللىققا پۈركەنگەن ئافرىقا تاغلەرە“ دېگەن كىتابىنى ئېلان قىلدى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ جەرياندىكى ھەققىي مۇۋەپپەقىيىتى ”فرانسىس ماكومبېرنىڭ بەختلىك ھاياتى“ ۋە ”كىلمانجارودىكى قار“ دېگەن ئىككى مەشھۇر ھېكايىسىدە ئەكس ئېتىدۇ.يازغۇچىنىڭ 1937-يىلى نەشىر قىلىنغان ”بايلار ۋە يوقسۇللار “ دېگەن رومانى ئۇنىڭ فلوردادىكى كېيىۋېستتا تۇرۇۋاتقان ۋاقتىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاپتورنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە بولغان دىققەت-ئېتبارى، شۇنچە تىرشىپمۇ جەمئىيەتتىن چىقىش يولى تاپالمىغان بەختسىزلەرنىڭ تەقدىرى يېزىلغان. 1936-يىلى ئىسپانىيىدە ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىدى. بۇ جەرياندا ھېمىڭۋاي ئىسپانىيەگە ئىككى قېتىم باردى. ۋە مۇخبىر بولۇپ ھۆججەتلىك فىلىم ”ئىسپانىيە تۇپرىقى“ نىڭ سىنارىيەسىنى يېزىشقا قاتناشتى ھەم فىلىمدا رول ئوينىدى. يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ چوققىسى ھېسابلىنىدىغان ”ئەجەل سىگنالى كىم ئۈچۈن چېلىندى؟“ (1940) دېگەن نادىر رومانىدا دەل مۇشۇ قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇش ئەكس ئەتكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھېمىڭۋاي باشتىن –ئاخىر ۋاقتىنى ئۇرۇش قاينىمىدا ئۆتكۈزدى. 1942-يىلى مەردانلىىك بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىگە ئۆزىنىڭ بېلىق تۇتۇشتا ئىشلىتىدىغان قولۋىقىدا فلرىدا دېڭىز بوغۇزىدىكى ئەھۋاللارنى چارلاش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى ھەم بۇ پائالىيەتنى ئىككى يىلغىچە داۋاملاشتۇردى. 1944-يىلى ئۇ مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن  ئەنگىلىيىگە باردى. لوندوندا ئېغىر يارىلاندى، دوختۇرلار  ئۇنىڭ بېشىنى 57يىپلىق تىكتى. بۇ قېتىملىق ھادىسىدە جېنىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالغان ھېمىڭۋاي پاژغا قيتىپ بارغاندىن كېيىن قولىغا قورال ئېلىپ، مۇنتىزىم تەشكىللەنمىگەن بىر كىچىك ئەترەتنى باشلاپ ئۇرۇشقا باشلاپ قاتناشتى. 1945-يىلى ياۋروپادىن قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي كۇباغا ككچۈپ باردى. كۇبا ئىنقىلابى غەلىبە قازانغاندىن كېيىن ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى. ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاجايىپ سەرگۈشتلەرنى باشتىن كەچۈرگەچكە، ئوبزورچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇنىڭ مۇشۇ قېتىملىق ئۇرۇش توغرىسىدا بىرەر ئەسەرنى روياپقا چىقىرىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەنىدى. ئەمەلىيەتتە ھېمىڭۋاينىڭمۇ دېڭىز-ئوكيان، ئاسمان ،قۇرۇقلۇق بىر گەۋدە قىلىنغان بىر تىرىلوگىيە يېزىش ئويى بار ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ 1950-يىلى نەشىردىن چىققان ”دەريادىن ئۆتۈپ ئورمانغا كىرىش“ دېگەن ئورمانى ئوقۇرمەنلەرنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى. نۇرغۇن يازغۇچىلار ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ”ھېنىڭۋات تالانتىنى يوقتىپتۇ، ئەمدى ئۇنىڭدىن ياخشى ئەسەر چىقمىغۇدەك“ دەپ قاراشتى. 1952-يىلى يازغۇچىنىڭ ”بوۋاي ۋە دېڭىز“ دېگەن مەشھۇر پوۋېستىنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى ئۇنىڭ ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى شۆھرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈردى. 1954-يىلى ھېمىڭۋاي ئافرىقىدا ئىككى قېتىم ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچىرىدى. بېشى قاتتىق سىلكەنگەچكە ، شۇنىڭدىن كېيىن سالامەتلىكى ۋە زېھنىي كۈچى بارغانسېرى  ناچارلاشتى، ئەڭ ئاخىرىدا ئىجاد قىلىش ئىقتىدارىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدى. 1961-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى دېئابىت، يۇقىرى قان بېسىمى، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ۋە ئېغىر روھىي ئازابنىڭ قىيىنىشىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن، توغرىراقى ئەمدى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنالمايدىغانلىقىنى ئۆكۈنۈش ئىچىدە ھېس قىلغان بۇ قەيسەر يازغۇچى ئىداخو شىتاتىدىكى ئۆيىدە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئوې مىلتىقى بىلەن ئۆلۈۋالدى. ”دۇنيا ئوغلى“ دېگەن چىرايلىق نامغا ئېرىشكەن، فرانسىيە، ئىتالىيە، كۇبا، ئىپانىيە، ئەنگىلىيە، كانادا، جوڭگو قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرگىچە قەدىمي يەتكەن بۇ مەشھۇر يازغۇچىنىڭ مول سەرگۈزەشتىلەرگە تولغان ھاياتى ئەنە شۇنداق ئاياغلاشتى.




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------
  • ئالدىنقىسى : ئىستېتىزم
  • كېيىنكىسى : مۇشۇ ئەڭ كېيىنكىسى

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار