ئىسيان ۋە ئۇسلۇپ [ئالبېرىت كامۇس]
يوللانغان ۋاقتى:12-01-2014
مەنبە: Tarimweb.com
مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
ئىسيان ۋە ئۇسلۇپ ئالبېرت كامۇس(فىرانىسىيە) سەنئەتكارنىڭ رېئاللىققا چەك قويىشىنى ئەينى پەيتنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭ ئىنكار قىلىش سالاھىيىت
ئىسيان ۋە ئۇسلۇپ

ئالبېرت كامۇس(فىرانىسىيە)
سەنئەتكارنىڭ رېئاللىققا چەك قويىشىنى ئەينى پەيتنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭ ئىنكار قىلىش سالاھىيىتى بولغانلىقىدىن دەپمۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ . رېئاللىقتىكى ۋەقەلىكنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى ئۇ ئۆزى ياراتقان بەدىئىي ئالىمىدە ساقلاپ قېلىش بولسا ، ئۇنىڭ بۇ زۇلمەتنى ئىجاد مەشئىلى بىلەن يۇرۇتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . چۈنكى ، ۋەقەلىك مۇتلەق ئىنكار قىلىنسا ، بۇ چاغدا بىز سەنئەتكە ئەمەس ، پەقەت ئەسەرنىڭ شەكىلىگە دۇچ كېلىمىز . ئەكىسچە ، يازغۇچى سەنئەتكە ھېچبىر ئالاقىسى يوق ھالدا پەقەت ۋەقەلىككە مەپتۇنلۇقتىن قۇتۇلالمىسا ، بىز يالىڭاچ ۋەقەلىك بىلەن ئۇچرىشىمىز . بىرىنچى ھالەتتە ئىسيان ۋە مۇرەسسە-مۇۋازىنەتتىن تۇزىلىدىغان ئىجادىي جۇشقۇنلۇق ئۆزىنى ئىنكارغا تامامەن قۇربان قىلىدۇ. بۇ خىل ۋەقەلىكتىن قېچىشقا ئۇرۇنىۋاتقان شەكىلۋازلىق زامانمىزغا خاس بولۇپ ، ئۇنىڭ قىياپىتىنى ئېچىپ كۆرسىڭىز نىگىلىزمنى ئۇچرىتىسىز . ئىككىنچى ھالەتتە : ھالبۇكى سەنئەتكار باشقا ئۆزگىچە نۇقتىئىنەزەرلەرنى مەنستىمىگەن ھالدا دۇنيانى مۇكەممەل ، تولۇقى بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈشكە بېشىچىلاپلا كىرىپ كېتىدۇ . گەرچە ئۇ مۇشۇ يول بىلەن ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى بىرلىكنى قوغلاشسىمۇ ، لېكىن بىرپۈتۈنلۈككە بولغان ئىنتىلىشنى نامايان قىلىدۇ.
بىراق ، ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن بەدىئىي سەنئەتنىڭ ئەڭ بىرلەمچى تەلىپىنىمۇ ئورۇندىيالمايدۇ . ئىجادىي تەپەككۇرنىڭ نىسبىي ئەركىنلىكىنى ئىنكار قىلغان بۇ سەنئەتكار ئۆزىنى بىۋاستە ماددىي دۇنياغا ئىتائەتچان قىلىپ قويىدۇ . شۇنداقتىمۇ، ھەر ئىككىلى ھالەتتە يەنىلا ئىجادىي سالاھىيەتكە تەسىر يېتىدۇ . دەسلەپكى ھالەتتە ۋەقەلىك پەقەت قىسمەن ئىنكار قىلىنغان ئىدى ، ئەمما كېيىنكى مىسالدا ۋەقەلىك پۈتكۈل ئىنكار قىلىندى ياكى پەقەت شۇلا تەن ئېلىنىدۇكى ئاقىۋەتتە ئۇ يازغۇچى مۇتلەق ئىنكارنىڭ ياكى مۇتلەق ئېتىراپنىڭ چاڭگىلىغا چۈشىدۇ . ھېچقانداق سەنئەتنىڭ ۋەقەلىكتىن تامامەن مۇستەسنا بولىشى مۇمكىن ئەمەس . شەكىلپەرەسلىك قىياپەتسىز ئىجادىيەتنى دۇنياغا كەلتۈرىدۇ . شۇنىڭدەك خىيال ئارلاشمىغان قۇرۇق ۋەقەلىكمۇ پۈچەك بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ . ھەتتا ئەڭ ياخشى فوتوسۈرەتمۇ قۇرۇق ۋەقەلىكتىن قاچىدۇ ؛ ھەتتا ئۇمۇ رېئاللىق بىلەن خىيال ئارلىشىپ كەتكەن مەنزىرىنى ئىز دەيدۇ ۋە شۇنى ئۆزىدە زاھىر قىلىدۇ . ۋەقەپەرەسمۇ شەكىلپەرەسمۇ ئوخشاشلا بىر پۈتۈنلۈكنى ، ئاشۇ بىر پۈتۈنلۈك يوق جايدىن ياكى قۇرۇق ۋەقەلىكتىن ۋە ياكى رېئا للىقنى تامامەن ئىنكار قىلغان قۇرۇق خىيالدىن ئىزلەيدۇ . ئەكىسچە ، سەنئەتتىكى بىر پۈتۈنلۈك سەنئەتكار رېئاللىق بىلەن خىيالنى ئۇيغۇنلاشتۇرالىغان مەنزىرىدە مۇجەسسەم بولىدۇ . رېئاللىق بىلەن خىيال - بىر پۈتۈنلۈكنىڭ ئاجرالماس قىسىملىرىدۇر . سەنئەتكار رېئاللىقتىن تاللىۋالغان ئۇنسۇرلارنى بەدىئىي تىلنىڭ ياردىمىدە خىيال بىلەن ئۇيغۇنلاشتۇرىدىغان ۋە ئۇ ياراتقان بەدىئىي دۇنيانىڭ تۇگەل بولۇشىنى تەمىنلەيدىغان ۋاستە - ئۇسلۇپ دەپ ئاتىلىدۇ. ھەر بىر سەنئەتكار ئىسيانكار ئۇسلۇ پنىڭ ياردىمىدە-گەرچە ، بۇ ئىنتايىن ئاز ساندىكى تالانتلىقلارغا نىسىپ بولسىمۇ ، ئۆزىنىڭ بەدىئىي دۇنياسىنى ۋە ئۇنىڭ قانۇنلىرىنى يارىتىدۇ . «شائىرلار - دېگەن ئىدى شېللېر ، -دۇنيانىڭ تەن ئېلىنمىغان قانۇن ياراتقۇچىلىرىدۇر ».
رومانچىلىق سەنئىتى بۇ گەپنىڭ پەيدا بولىشىدىن تا يېقىنقى نەمۇنىسىگىچە توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدۇ . ئۇ رېئاللىقىنى تۇلۇق قوبۇل قىلالمىغىنىغا ئوخشاش، ئۇنىڭدىن تامامەن يۈزمۇ ئۆرىيەلمەيدۇ . پەقەت خىيالدىن ئىبارەتلا بولغان سەنئەت يوق ، شۇنداقتىمۇ ،ئەگەر قايسىدۇر بىر ئەسەردە ئۇ مەۋجۇت بولسا ۋە ئەقىل- ئىدراكنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالسا، ئۇنىڭدەك ئەسەر بىر پۈتۈنلۈككە ئىنتىلىۋاتقان ، باشقىلار بىلەنمۇ شۇ بىر پۈتۈنلۈكتىن ئورتاق بەھىرلەنمەكچى بولىۋاتقان روھنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان ، بەدىئىيلىكتىن يىراق ئەسەر بولىدۇ . چۈنكى رېئاللىققا يۆلەنمەيدىغان ساپ خىيالىي بىرلىك -يالغان بىرلىكتۇر . پەندى - نەسىھەت ، تەشۋ ىقات خاراكتېردىكى رومانلار سەنئەتنىڭ قانۇنىيىتىدىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنمۇ سەنئەت ئەسىرى بولالمايدۇ . ئەكىسچە ، ھەقىقىي سەنئەت ئەسىرى ، رېئاللىقتىن ، پەقەت ۋە پەقەت رېئاللىقتىن ، ئۇنىڭ مۇھەببەبىتى ۋە گۈزەللىكىدىن ، ھەسىرەت ۋە ئېھتىراسىدىن ئىلھام ئېلىپ ئىجاد قىلىنىدۇ . بىراق بۇ رېئاللىق خىيالنىڭ ئېنىق گۈزەللىكى بىلەن ئۇيغۇنلىشىدۇ .
ليۇسېنا لېۋېننىڭ ھۇجراھدا پەيدا بولۇشىنى ستېندال پەقەت بىرلا جۈملە بىلەن ئىپادىلەيدۇ : ھەقىقى مەنىدىكى رېئالىست يازغۇچى بولسا ، بۇ مەنزىرىنى تولۇق مەنتىقىلىك ئاساسلارغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن لاققا-لۇققا تەپسىلاتلارنى ھىساپقا ئالمىغاندىمۇ ، ئاز دېگەندە بىر نەچچە باپ تەسىۋىرلىشى لازىم ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ رېئالىزمنىڭ ئېنىق چەك - چىگراىسى يوق . ئۇ سىمۋولىزىمغا ئەمەس ، بەلكى دۇنيانىڭ چەكسىزلىكىنى تەرغىپ قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇ پەقەت مۇستەبىت ئىنقىلاپنىڭ رەسمىي ئىستېتىكىسى بولالايدۇ . بىراق بۇنداق ئىستېتىكا ئۆزىنىڭ يارامسىزلىقىنى ئاللىقاچان كۆرسىتىپ بولدى: ھەتتا رېئالىست رومانچىلارمۇ ئۆز - ئۆزىنى پاش قىلىپ ، رېئاللىقنى تاللاپ قۇبۇل قىلىشقا ئۆتتى . بىراق رېئاللىقنى تاللاش ئۈچۈن يەنە بىر نەرسە - پىكىر ۋە ئىپادىلەش ئىمكانىيىتى ، يەنە تېخى خىيال ئەركىنلىگىمۇ بولۇشى كېرەك . دېمەك ، يېزىقچىلىق - تاللىۋېلىش سالاھىيىتى دېگەنلىكتۇر . ئۆز - ئۆزىدىن مەلۇمكى ، مەيلى رېئاللىق ياكى تەسەۋۇر(خىيال) بولسۇن ھەر ئىككىلىسى ئۇنىڭدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ . ھالبۇكى ھالقىپ ئۆتكەنلىرى بولسا ، روشەنكى بۇ ئەسەرنى نادانلارچە ئەنئەنەپەرەستلىككە ئېلىپ بارىدۇ ... شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ «سوتسىئالىستىك رېئالىزم» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۇسلۇپ ئۆزىنى تەشۋىقا تچىلىق ۋە ئاممىباپ تېمىلار ، پەندى -نەسىھەتلەرنىڭ ئارقىسىغا يۇشۇرىدۇ . دەرھەقىقەت ، ئىجادكارنىڭ رېئالىققا چەك قويۇشى ياكى ئۇنى مۇتلەق ئىنكار قىلىشى بىلەنلا ئۆزىنى نىگىلىستىك سەنئەتكە يىقىنلاشتۇرۇپ قويىدۇ . ئىجاد يېگانە ھالەتتە شەكىل ۋەمەزمۇن ، ئىنكار ۋە ئېتىراپ مۇۋازىنىتىنى ساقلىيالىغان ھالەتتىلا تەرەققىيات بىلەن ئۇيغۇنلىشالايدۇ . ئەگەر بۇ مۇۋازىنەت بۇزۇلسا ، دىكتاتۇرا يا ئانارخىيە ، تەشىۋىقات يا سەپسەتە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ . ئەمما ماھىيەتتىن ئالغاندا ئەقىل -ئىدراكنىڭ ئەركىنلىكى بولغان ئىجادىيەت بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە تاقەت قىلىپ تۇرالمايدۇ . مۇبادا ، ئۇ پەقەت جىمجىتلىق ئىچىدە باش قاتۇرۇشتىن ئىبارەت پۈچەك خىيالغا ۋە شۆھرەتپەرەسلىككە ياكى قامچىنىڭ زورلىقى ئاستىدا ئىجاد قىلىنغان قوپال ھەمدە ئادەتتىكى ۋەقەشۇناسلىققا بويۇن ئەگسە ، ئۇ چاغدا زامانىۋىي سەنئەت ، شۇبھىسىز ، مۇستەبىتلەر ۋە قۇللارنىڭ سەنئىتىگەئايلىنىپ قالىدۇ ، ھەرگىزمۇ ئىجادكارنىڭ سەنئىتى بولالمايدۇ .
|
ھالقىلىق سۆزلەر :
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------