ئىسيان ۋە ئۇسلۇپ [ئالبېرىت كامۇس](2)

يوللانغان ۋاقتى:12-01-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
شەكىلگە چۈشمەيدىغان ، ماھىيەتكە ياكى ماھىيەتسىز شەكىلگە يۈزلەنگەن ئەسەردىكى سىمۋول قۇرۇق سەپسەتىدىن باشقا ن


   شەكىلگە چۈشمەيدىغان ، ماھىيەتكە ياكى ماھىيەتسىز شەكىلگە يۈزلەنگەن ئەسەردىكى سىمۋول قۇرۇق سەپسەتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس . باشقا ساھەلەردىكىگە ئوخشاشلا بۇ يەردىمۇ ھەم ئۇسلۇپتىن خالى پۈتۈنلۈك پارچىلىنىش بىلەن باراۋەردۇر . سەنئەتكار مەيلى قايسى ياقتىن يانداشمىسۇن ، ئۇ جىمىكى ئىجادكارلار ئۈچۈن ئورتاق ئەقىدە بولغان بىر نەرسىنى ، يەنى رېئاللىق بىلەن روھنىڭ مۇۋازىنىتىنى ساقلايدىغان ، ئۇنىڭغا شەكىل ئاتا قىلىدىغان ئۇسلۇ پلاشتۇرۇشتىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتەلمەيدۇ . پەقەت ئۇسلۇپلاشتۇرۇش ئارقىلىقلا سەنئەتكار ئىجادىيىتىنىڭمۇ ، ئىسياننىڭمۇ ماھىيىتىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ... ئىسياننىڭ ئىجادىي ، جۇشقۇن تەرىپىمۇ ئەسەردىكى ئۇسلۇپ ۋە مەقسەتنىڭ ئۆز-ئارا ئۆيغۇنلۇقىدا ئېنىق كۆزگە تاشلىنىدۇ . سەنئەت - بۇ ئورۇنداپ بولغىلى بولمايدىغان تەلەپلەر ئوتتۇرىغا چىقىر لىدىغان سەھنە. يۈرەكنى پارە - پارە قىلىدىغان دات - پەريادلار ۋە نارازىلىقلار قەتئىي بىر سۆز شەكلىنى ئالغان بولغاچقا ، ئىسيان ئۆزىنىڭ بىرلەمچى خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۆزى ئىجاد قىلغۇچى ئىجادىي كۈچكەئايلىنىدۇ . ماھىيەت ئېتىبارى بىلەن دەۋرىمىز سەنئەتىنىڭ جۇشقۇن ئۇسلۇبى - بۇ ئەڭ ئالىي ئىسيانغا بولغان دەۋەتنى ئىپادىلەشتۇر . ئەقىلگە زىت  رەۋىشتە سەنئەتپەرەستلىك قىلىش بۇ ئۆز – ئۆزىگە قاپسىلىپ قېلىش ، شەكلىنى تاپقان ئىسيان بولسا تالانتتۇر . شۇڭا تالانت مۇتلەق ئىنكارچىلىق ۋە مۇتلەق چۈشكۈنلۈك بىلەن بىر جايدا ياشىيالمايدۇ...

   ئەمما بۇنىڭدىن ھەرقانداق ئۇسلۇپ شۇنچىلىك يۇقۇرى ئورۇنغا ئىگە ئىكەن ، دېگەن مەنا كېلىپ چىقماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئۇسلۇپ شۇنچىۋالا رېئاللىقنى تاللىۋېلىش ئىمتىيازىنىڭ ئۆزىلا بولىدىغان بولسا ، بۇنداق ئۇسلۇپ ناھايتى تېزلا ئۆزىنى پاش قىلىپ قويىدۇ ۋە ئۇ باشقا تۈرلەردىكى نەزىرىيەۋازلىققا ئوخشاش ئىجادىي ئۆزلەشتۈرگۈچى ئەمەس ، قۇرۇق نۇسخا كۆچۈرگۈچىگە ئايلىنىدۇ-دە ، بۇنىڭ بىلەن ئىجادىيەتنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە داغ چۈشىدۇ . مۇبادا، ئۇسلۇبلاشتۇرۇشتا نۇپۇز تەلەپ قىلىنغان تەقدىردىمۇ ، ئۇ ئىنساننىڭ رېئاللىققا توغرىدىن - توغرا ئارلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تۇرىدۇ . ئۇ ئۆزىنىڭ رېئاللىققا بىۋاستە ئارلىشىدىغانلىقىنى سەزدۈرمەسلىكى ، سەنئەتكارنىڭ ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە تۇلۇق ئىمكان يارىتىپ بېرىشى شەرت . ئەڭ سەنئەتكىرانە ئۇسلۇپ ئۆزىنى سەزدۈرمىگەن ، يەنى ئەسەرنىڭ ماھىيىتىگە تولۇق سىڭىپ كەتكەن ئۇسلۇپتۇر . «سەنئەتتە ،- دېگەن ئىدى فىلوبېر ،- مۇبالىغىدىن قورقماسلىق كېرەك». بىراق شۇ گېپىدىن كېيىنلا ئۇ يەنە   دەرھال :   «مۇبالىغە - ئۆزىنى بىلدۈرۈپ قويىدىغان دەرىجىدە ھەددىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى زۆرۈر» دېگەننىمۇ قوشۇپ قويغان ئىدى. ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن ئۇسلۇبلاشتۇرۇشمۇ ھەم ئەسەرنى تومتاقلاشتۇرۇپ قويىدۇ ۋە كۆزلەنگەن جەلىپكارلىقنى ئەمەلگەئاشۇرالمايدۇ . شۇنىڭدەك ، ئۇسلۇبلاشتۇرۇش ئەسەردە ھېچقانداق رول ئوينىماي ، رېئاللىق قۇرۇق كۆچۈرۈلمە بولۇپ قالسىمۇ ، ئوخشاشلا يەنە بەدىئىيلىككە

.تەسىر يېتىدۇ .  ئۇسلۇپ ھەقىقىي ئىسيان بىلەن رېئاللىقنىڭ ئۇيغۇ نلىشىشىدىن پەيدا بولغان ئىجادىي مۇۋازىنەتتۇر

ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى؛ بەگيار.




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار