بۇ يەردە يازغۇچى ھېمىڭۋاينىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى، تىل ئۇسلۇبى، ئىجادىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە خاراكتېرى ھەققىدە ئازراق بىر نەرسە قىستۇرۇپ ئۆتۈش زۆرۈر. 1954-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئېلىشتىن سەل بۇرۇن ئايىروپىلان ھادىسىگە ئۇچراپ مېڭىسىنىڭ قاتتىق سىلىكىنىشى ھېمىڭۋاينىڭ سالامەتلىكىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋەتكەن. يازغۇچى كۆڭۈلدىكىدەك ئەسەر يازالمىغان؛ شۆھرىتى ئاشقانسېرى ئۇنى زىيارەت قىلىپ كېلىدىغان مۇخبىرلار ۋە ئەدەبىيات مۇخلىسلىرى ئاۋۇپ كېتىپ، ئىجادىيەت ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت ھەم زېھنىي كۈچىدىن ئايرىلىپ قالغان. 1960-يىلى كۇبادىن ئانا يۇرتى ئىداخۇ شىتاتىغا كۆچۈپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان. ئەمما، سالامەتلىكى قىلچە ياخشىلانمىغان؛ قان بېسىمى، دېئابىت، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىدىن باشقا قاتتىق ئېغىر روھىي ئازەب ئۇنى بەك قىينىغان؛ ئۆزىنىڭ ئەمدى ئەسەر يازالمايدىغانلىقىنى ئازاب ئىچىدە بايقاپ قاتتىق چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن. ئىجادىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىشىنى ئۆلۈم بىلەن تەڭ كۆرىدىغان يازغۇچى جىسمانىي ۋە روھىي ئازابقا بەرداشلىق بېرەلمەي، ”ئىندىئان بارگاھى“ دېگەن ھېكايىسىدىكى ھېلقى ئەرگە ئوخشاشلا 1961-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۆيىدە ئوۋ مىلتىقى بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. يازغۇچى ۋاپات بولۇپ خېلى ئۇزۇن مەگىللەرگىچە ”ھېمىڭۋاي نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان؟“ دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە نۇرغۇن دەتالاشلار، نۇرغۇن قىياسلار بولدى. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ھېكايىلىرىدە باشتىن –ئاخىر ئالاھىدە قىيىن مۇھىت، مەغلۇبىيەت ۋە ئازاب ئالدىدىكى مەرد، جەسۇر ئەزىمەتلەرنىڭ، تەۋەككۈلچىلەرنىڭ ئوبرازى يارىتىلىغىنلىقىغا، يازغۇچىنىڭ ئاجايىپ مول سەرگۈزەشتىلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، نۇرغۇن تىنىچلىق ۋە مەغلۇبىيەت ئالدىدا بېشىنى تىك تۇتۇپ ئەركەكلەرچە ياشىغانلىقىغا دىققەت قىلغان كىشى ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىغا ھەيران قالماي قالمايدۇ. ”ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالدا قېلىپ ھېچقانداق چىقىش يولى قالمىغاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشمۇ بىر خىل قەيسىرانە ئۇسۇل“ دېگەن يازغۇچى ئۆزى دېگەندەك ئەھۋالدا قېلىپ ، ئۆى ئېيتىپ ئۆتكەن ئۇسۇلدا ھاياتىنى ئاخرلاشتۇرۇۋالدى. يازغۇچىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئۇسۇلىغا ئىلمىي يوسۇندا قارىشىمىز، ”ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان يازغۇچى ياخشى يازغۇچى ئەمەس“ دەپلا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەنئەنىۋى تەپەككۇر بىلەن يوققا چىقارماسلىقىمىز لازىم. بىر ئۇلۇغ ئەدىب ، ھەققىي ئەدىب ئۆزىنىڭ دەرد-ئەلىمىدىن باشقا ، پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ، ھەتتا ئىنسانىيەتنىڭ غەم-قايغۇسىنى تەڭ تارتىدۇ. ”ئۇلۇغ ،ئەدىبلەر كېسەل سەۋەبىدنلا ئەمەس، دەرد-ئەلەم دەستىدىنمۇ تۈگىشىپ كېتىدۇ“ دەپ ئېيتىدۇ. جالالىدىن رۇمى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەردىن ياپونىيە يازغۇچىسى كاۋاباتى تاسۇنارى (1968-يىلى ئېرىشكەن) دۆلىتىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى خارابە ھالىتىگە قاتتىق ئۆكۈنۈپ، مىللىتىنىڭ ئىستىقىبالىدىن قاتتىق ئەنسىرەپ ئۆلۈۋالدى. رۇس يازغۇچىسى ئالېكساندىر بۇنىن (1933-يىلى ئېرىشكەن) ئۆز دۆلىتىدە پۇت دەسسىگۈچىدەك يەر تاپالماي، ئۆز ماكانىغا سىغماي ياقا ئەللەردە سەرگردان بولۇپ، روھىي ئازاب ئىچىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. ھېمىڭۋاينىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى ئۇلارنىڭكىدىن پەرقلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ روھىي تۈۋرۈكىدىن –ئىجادىيەتتىن ئايرىلىپ قالدى. بىز بۇ ماقالىدە يازغۇچى ھېمىڭۋاينى :ئەركەك يازغۇچى“ دەپ ئاتىدۇق. ئەلۋەتتە، بۇنداق دېيىشىمىز ئاساسىسىز ئەمەس. يازغۇچى يىگىتلىك چاغلىرىدىلا ئۇرۇشقا قارشى پىدائىيلارنىڭ تەركىبىدە جەڭگە قاتناشتى، بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى چۈشكۈن ياشلارنىڭ يىغىسىنى تىڭ يىغلاپ، ئەسەرلىرىدە شۇنى ئەلس ئەتتۈردى؛ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندى؛ خېيىم-خەتەردىن قورقماي، يازغۇچىلار قۇرۇلتىيىدا نۇتۇق سۆزلەپ. ئۆزىنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتىنى ، فاشىستلارغا بولغان غەزىپىنى ئېنىق ئىپادىلىدى؛ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ كاتېر سېتىۋېلىپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئۈچۈن ئاخبارات توپلىدى؛ ئىجتىمائىي مەسەلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرمىدى. ئىجادىيەتتىن باشقا تورېئادۇرلۇق، بېلىق تۇتۇش، ئوۋ ئوۋلاش قاتارلىق ئىشلاردىمۇ ئوخشاشلا ماھىرلىقنى يېتىلدۈردى. ئاۋۋال ئۆزى باشتىن كەچۈردى، ئاندىن يازدى. بىزنىڭ بىر قىسىم ياش يازغۇچىلىرىمىز توي قىلماي تۇرۇپ ئەر-ئايال تۇرمۇشىنى، جىنىسىي لەززەت، جىنسىي ئاڭنى ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلەشكە ئالاھىدە كۈچەپ كەتتى، يەنە بەزى يازغۇچىلار بولسا چەت ئەلگە چىقىپ باقماي تۇرۇپ ياكى چىققان بولسىمۇ ئۇ يەرلەرنى تولۇق چۈشەنمەي تۇرۇپ، چەت ئەل ھەققىدە چىنلىقى ئاجىز ئەسەرلەرنى يازدى. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بىزنىڭ ۋاپاتىغا قىرىق يىل بولغان يازغۇچى ھېمىڭۋاينىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆگىنىدىغان يەرلىرىمىز خېلى جىق. ئۇنىڭدىن بىر يازغۇچىغا خاس خىسلەتلەر ۋە ھەققىي ئەرلەرگە خاس بىر خىل مەردانىلىق تولۇق تېپىلدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھېمىڭۋاينىڭ تىل ئۇسلۇبىمۇ بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ،دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيىدۇ. ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرىدە ئاجايىپ يېنىك، ئاممىباب، چۈشنىشلىك، تاۋلانغان تىل ئىشلىتىلدۇ. ئەسەرلىرىدىكى دىئالوگلار ھازىرقى زامان جانلىق ئىنگىلىز تىلىدىكى ئوبرازلىق ، پىشقان جۈمىلىلەردىن تاللانغان. بۇ نۇقتىدىن ھېمىڭۋاي ئىشلەتكەن ئىنگىلىز تىلى زاماندىشى، ۋەتەندىشى فولكنېر، بېللوۋ، ستېينبېكلارنىڭكىدىن ۋە ئۆز تەسىرىگە ئۇچىرىغان جامىس جويىسنىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ. ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ : ”ھېمىڭۋاي ئەسەرلىرى كىشىگە دېڭىز يۈزىدىكى سۇنىڭ شىلدىرلىشىنى ئەسلىتىدۇ“ دېگەن باھاسىنىمۇ ئۇنىڭ تىل ئۇسلۇبىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بىزدە يازغۇچى ھېمىڭۋاينىڭ ”ئەزرائىلنى كۈتۈش“، ”خۇنخورلار“، كۆۋرۈك بېشىدىكى بوۋاي: ، ”مۇشتۇمزور“ قاتارلىق بىر قانچە ھېكايىسىلا تونۇشتۇرۇلدى. بۇ بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال. بىزدە چەت ئەل ئەدەبىياتىنى ياخشى ئۆگىنىش ياكى سېستىمىلىق تەتقىق قىلىش كەمچىل بولۇۋاتىدۇ. دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ شۆھرەتلىك مۇنبىرىدە ھېمىڭۋايدەك كاتتا يازغۇچىلار جىق. بىز ئۆزىمىزنىڭ تىل ئىشلىتىش، ئەسەرلەرنى چۈشىنىش سەۋىيىمىزنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن ئۇلارنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز. ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىپ خەلقىمىزگگ تونۇشتۇرۇشىمىز ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئىلگىرلىشىگە مۇناسىپ قوشۇشىمىز كېرەك. ئەسلى مەنبە: ‹‹دۇنيا ئەدەبىياتى›› ژۇرنىلى 2001- يىللىق سانى |