• كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق ۋە ئۇنىڭ بايانى

    يوللانغان ۋاقتى:31-03-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    قىسقىچە چۈشەندۈرۈش : كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق(Poststructuralism) قۇرۇلمىچىلىق ئوتتۇرىغا قويغان ئاساسىي ھۆكۈمنى ئىلگىرى سۈرگەن ئاساستا بەلگە، ب

    قىسقىچە چۈشەندۈرۈش : «كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق»(Poststructuralism) قۇرۇلمىچىلىق ئوتتۇرىغا قويغان ئاساسىي ھۆكۈمنى ئىلگىرى سۈرگەن ئاساستا بەلگە، بىلىم، سۇبيېكتىپچانلىق قاتارلىق كاتىگورىيەلەرنى يېڭىدىن ئىزاھلاپ، بىر پۈتۈن غەرب پىكىر ئەنئەنىسىگە قارىتا گۇمان پەيدا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كېيىنكى مودىرنىزىمنىڭ نەزىرىيە ئاساسى، شۇنداقلا يەنە كېيىنكى مودىرنىزىمغا قارشى نەزىرىيەلەرنىڭ ئېيتىم مەنبىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.


    ئومۇمىي بايان : كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا قۇرۇلمىچىلىقنىڭ ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، 70-يىللاردىن باشلاپ كەڭ دائىرىدە ئەدەبىياتقا كىرىپ كەلگەن. كېيىنكى مەزگىللەردە ئۇ غەرب ئىلمىي ۋە پىكىرچىلىكىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۇنى ئۆزگەرتكەن نەزىرىيەۋىي پىكىر ئېقىمى ۋە تەپەككۈر ئۇسۇلىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇ خىل سۈپەتلەش ئېنىقكى كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىققا تازا كۆڭۈلدىكىدەك تەبىر بولالمايدۇ. ھەتتا ئىنقلىما بېرىش قائىدىسىگىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس بولۇپ، بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى ئاتالمىش كېيىنكى قۇرۇلمچىلىق ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىللىك ئىشلىتىلىش جەريانىدا كۆپلىگەن تەنقىد نەزىرىيەچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىگە باغلىنىپ، كۆپ خىل، مۇرەككەپ، مۇستەقىل، زىددىيەتلىك ۋە يەنە ئوخشىشىپ قالىدىغان قاراش ۋە ئۇقۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئىلىپ كەتكەن. بۇ خىل مول مەزمۇن ۋە كۆپ خىللىق كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىقنىڭ مەلۇم بىر دەل ئىنىقلىمىغا ئىگە بولىشىنى قېيىنلاشتۇرغان.
    «كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق» دېگەن بۇ نامنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ قۇرۇلمىچىلىق بىلەن بىۋاستە ۋاقىت ۋە سەۋەب نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ. «كېيىنكى» بولسا تارىخىي بىر ۋاقىت ئوقىنى، شۇنداقلا لوگىكىلىق بىر مىقدارنى ئىپادىلىگەن. كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق قۇرۇلمىچىلىقتىن كېيىن پەيدا بولغان بولۇپ قۇرۇلمىچىلىقنى ئۆزگەرتىش، تەڭشەش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى قۇرۇلمىچىلىقنىڭ مەلۇم بىر تەرىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كېڭەيتىپ تولۇقلاش، ئەسلىدىكىدىن ھالقىتىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن. بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل يېقىن مۇناسىۋەت سەۋەبىدىن يەنە بەزىلەر ئۇنى «يېڭى قۇرۇلمىچىلىق» ياكى «ھالقىما قۇرۇلمىچىلىق» دەپمۇ ئاتايدۇ.
    1966-يىلى 10ئايدا ئامېرىكا خوپكىنىس ئۇنۋېرسىتېتى (Hopkins University)دا قۇرۇلمىچىلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. يىغىننىڭ مەقسىتى ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلىقىدا ئاللىقاچان قاينام تاشقىن ۋەزىيەت يارىتىپ مۇئەييەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن قۇرۇلمىچىلىقنى ئامېرىكىنىڭ تېخىچە ھادىسەشۇناسلىق ۋە مەۋجۇدىيەتچىلىك بىلەن ئالدىراش بولىۋاتقان ئاۋانگارت ئىلمىي ساھادىكىلەرگە تونۇشتۇرۇش، ئامېرىكىنىڭ تەنقىدچىلىك ساھەسىنى ياۋرۇپاغا يېقىنلاشتۇرۇش بولۇپ، دەل مۇشۇ قېتىملىق يېغىندا جاكۇس دېررىدا(Jacques Derrida) «ئادىمىيەت ئىلمىدىكى قۇرۇلما، بەلگە ۋە ئويۇن» ناملىق بايان خاراكتېرىلىك ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر ماقالە قۇرۇلمىچىلىققا جەڭ ئېلان قىلىپ، قۇرۇلمىچىلىقتىكى «قۇرۇلما»نى ئايرىپ ئالدى، شۇنداقلا قۇرۇلمىلىقتىن خالىي ھالقىغان شەيئىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ خىل قۇرۇلمىچىلىق بىلەن ئەنئەنىۋىي مېتافىزىكا ئۈزۈل - كېسىل ئايرىمايلا قالماستىن ئەمەلىي پەرقىمۇ يوق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەزكۇر ماقالە غەربنىڭ بىر پۈتۈن تەپەككۈر ئەنئەنىسىگە نىسبەتەن گۇمان پەيدا قىلدى. دېررىدانىڭ قۇرۇلمىدىن چىقىش نەزىرىيەسى كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىقتا شەكسىز مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، بىراق خوپكىنىس يىغىنىنىڭ ئالدى – كەينىدە مىچىل فۇكاۋ(Michel Foucault)، روللان بارتىس(Roland Barthes)، جۇلىيا كىرىسدىۋا(Julia Chris Diva)، جاكۇس لەكەن(Jacques Lacan)، دىرۇزې(Druze)، گۇاتتارى(Guattari) قاتارلىق بىر تۈركۈم فىرانسىيە تەنقىدچىلىك نەزىرىيەچىلىرىمۇ كۆپ جايلاردا كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق ئىددىيەسىنى ئىپادىلىگەن. مەسىلەن، فۇكاۋنىڭ «تەلۋە ۋە مەدەنىيەت»(1961)، بارتىسنىڭ «بەلگەشۇناسلىقنىڭ ئامىلى»(1967) قاتارلىقلار. شۇڭلاشقا بەزىلەر كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىقنى 1962-1972-يىللاردا بىر تۈركۈم فىرانسۇز تىلىدىكى تەنقىدچىلەرنىڭ قەلىمىدە شەكىللەنگەن دەپ قاراپ كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىقنىڭ ئالدىغا «فىرانسىيە»نى قوشۇپ دائىرە ئىچىدە شەرىھلەيدۇ ۋە شۇنداق چۈشىنىدۇ.
    كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىقنىڭ ئاساسلىق كۆز قارىشى نېمە؟ يېغىپ ئېيىتقاندا، «ماھىيەت» ئاللىقاچان كونا بىر سۆزگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى يەنىمۇ چوڭقۇر، يەنىمۇ كۆپ خىللىشىپ ئەنئەنىۋىي مەنىسىدىن ھالقىپ كەتتى. شۇڭلاشقا، كېيىنكى قۇرۇلمىچلىقلمۇ ماھىيەتچىلىككە، نىگىزچىلىككە قارشى، مەركەزسىز، تارىخىي ھېچنىمىزىمچىلىك(历史虚无主义)تىن ئىبارەت. گەرچە بۇ خىل ھۆكۈم پۈتۈنلەي توغرا بولۇپ كەتمەسلىكىمۇ مۇمكىن. كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق «نىگىز – ئاساس» بولسا تەگسىز چوڭقۇرلۇق، تارىخنىڭ تەكرارلىقىنىڭ ئالدىغا «ئۈزۈلۈپ تۇرىدىغان» دېگەن ئىككى سۆزنى قوشۇش كېرەك، شۇنداقلا «مەركەز»نىڭ ساختىلىقى، ھېچنىمىلىكى ھەرگىزمۇ بىزگە مەركەزنىڭ كېرىكى يوقلىقىدىن، ئۇنىڭدىن ئايرىلىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، دەل كىشىلەرنىڭ چۈشىنىشىدىكى پىروزا توقۇپ چىقىرىلغان ساختا قۇرۇلما بولسىمۇ، كىشىلەر يەنىلا ئۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ ياش تۆكىشىدۇ.
    شۇڭلاشقا، ھەقىقەت ئۈچۈن ياش تۆكۈش بىلەن ساختا ھېچنىمە ئۈچۈن ياش تۆكۈش ئوخشاشمايدۇ. كېيىنكى قۇرۇلمىچلىق گەرچە بۇرۇنقى سۆزلەرنى ئۆچۈرىۋەتمىسىمۇ، ھېچ بولمىسا ئاز بولمىغان كىشىلەر توغرا كۆرسەتكىنىدەك ئۇ ئەسلىدىنلا ئەنئەنىۋىي سۆز ئورامىدىن قۇرۇقدالمىغان. بىراق ئۇ يەنىلا باشقا بىر كونتېكىست، شۇنداقلا باشقا بىر يېڭىچە نەزىرىيە سىستېىمىسىنى مەسىلەن، مەدەنىيەت تەتقىقاتى، يېڭى تارىخچىلىق، كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىك، ئايال ھەقچىلىك(فېمەنىزىم)، غەلىتىلىك نەزىرىيەسى، كېيىنكى ماركىسسىزىم قاتارلىقلارنى تۇرغۇزغان. كېيىنكى قۇرۇلمىچىلىق ھەقىقەتەنمۇ غەرب دۇنياسنىڭ ئىلمىي قىياپىتىنى يېڭىلىغان بىر نەزىرىيە سىستېمىسىدۇر.

     

    «غەرب ئەدەبىيات – سەنئەت نەزىرىيەسى ھالقىلىق سۆزلەر لۇغىتى» دىن ئابدۇرەشىد مۇھەممەتئىمىن تەييارلىدى.
    (张中载:《西方文论关键词》外语教学与研究出版社)
     




    ھالقىلىق سۆزلەر : Poststructuralism،Michel Foucault


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار