باش بەت  خەلقئارا خەۋەرلەر  دۆلەت ئىچى خەۋەرلىرى كومپىيۇتېر  ITخەۋەرلىرى رەسىملەر  


  • 10نەچچە يىل بۇرۇن تۆۋەندىكى ئىلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتكەنلەر دەۋىرنىڭ خېلى ئالدىدا ماڭغان ھېسابلىناتتى.94-يىللېرىغۇ دەيمەن باشلانغۇچتا ئوقىۋاتقان ۋاقىتلېرىمدا دادامغا يېلىنىپ يۈرۈپ ئۈرۈمچىدىن 1-رەسىمدىكى ئالقان ئىلىكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇقىنى 85يۈەنگە ئالدۇرغان ئىدىم.ئارىدىن بىرەر يىل ئۆتۈپقۇ دەيمەن 2-رەسىمدىكى 小霸王ماركىلىق ئۆگىنىش ماشىنىسى(ئەينى ۋاقىتلاردا学习机دەپ نام قويىۋاپتىكەن.)نى460يۈەنگە ئالدۇرغان. ئۇنى يېڭى سېتىۋالغان.....

  • يېقىندا دۇنيادىكى داڭلىق يانفون قوشۇمچە ئۈسكۈنىلېرىنى ياساش شىركىتىKrusellيېڭى بىر قېتىملىق دۇنيادىكى ھەرخىل ماركىدىكى يانفونلار سېتىلىش دەرىجىسىنى تىزىپ چىققان بۇلۇپ،تىزىملىك50نەچچە دۆلەتنىڭ بازارلېرىدىكى يانفون سېتىلىش ئەھۋالىنى سىتاتىستىكا قىلىش ئارقىلىق چىقىرىلغان،بىز بۇنىڭدىن پۈتۈن دۇنيا بازىرىدىكى يانفونلارنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىنى تەخمىنىي بىلەلەيمىز.
    نۆۋەتتە تىزىملىكتىكى يانفونلارنىڭ قايسى يانفونلار ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى(تەتۈر تەرتىپتە تىزىلدى)

  • مۇخبىرنىڭ 17-فېبرال چۈشتىن بۇرۇن مىكروسوفت شىركىتىدىن ئېگىلىشىچە،شۇ كۈنى ئىسپانىيىنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا كۆچمە مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىسىدە،مىكروسوفت شىركىتى ئۆزىنىڭHTCLGۋەOrangeقاتارلىق يانفون ياساش شىركەتلېرى بىلەن بىرلىشىپ،مىكروسوفتنىڭ يېڭى ئەۋلاد يانفون مەشغۇلات سېستىمىسى بولغان Windows Mobile 6.5نى مەيدانغا كەلتۈرگەنلىكىنى،بۇ خىل مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئىشلەتكەن يانفونلارنىڭ بۇيىلنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا بازارغا سېلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

  • i728سامسۇڭنىڭ مەھسۇلاتلېرى ئىچىدىكى ئۇنچە بەك نەزەرگە ئېلىنمىغانلېرىنىڭ بىرى،ئۇ دەسلىپىدە يۇقۇرى باھادا بازارغا سېلىنغاندىن كىيىن بەك كۆپ ئېتىۋارغا ئېرىشەلمىدى،ئەمدى بولسا باھاسى2000يۈەن ئەتراپىغا چۈشۈپ قالدى،باھاسىنىڭ چۈشىشى،ئۆزىنىڭ كۈچلۈك قاتتىق دىتال سەپلىمىسىگە تايىنىپ ئۇ ھازىر يەنە قايتىدىن خېلى كۆپ كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىماقتا،ئۇنىڭغا2.8دىيوملۇقQVGAئىنىقلىقىدىكى ئېكران سەپلەنگەن بۇلۇپ،ئاستىدىكى تىلىفون ئېلىش ۋە قويۇش

  • Q8مۇ V8غا ئوخشاشلا يامان ئەمەس يانفونلارنىڭ بىرى،ئۇ ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن QWERTYتىپىدىكى پۈتۈن كۇنۇپكا تاختىلىق يانفونلار ئارىسىدىكى ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرغان،نۇرغۇنلىغان ياش مودىغا قىزىقىدىغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى جەھەتتە Q8نىڭ ئىپادىسى ياخشى،نۆۋەتتە باھاسى1500يۈەنگە چۈشەيلا دەپ قالغان بۇلۇپ،dopod(多普达)نىڭ پۈتۈن كۇنۇپكا تاختىلىق يانفونلېرى....

  • گەرچە ھازىر موتورولا V8نىڭ گېپىنى قىلىپ يۈرسەك بەزىلەرگە نىسبەتەن كۈلكىلىك تويۇلسىمۇ،ئەمما بۇ خىل قاتلىنىدىغان تىپتىكى بۇلۇپمۇ ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەرنىڭ ئەڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن يانفوننىڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. V8بولسا V3گە نىسبەتەن نۇرغۇنلىغانئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق V3گە ئامراقلارنىڭ كۆڭلىدىكى غەم-ئەندىشىلەرنى تۈگەتتى. سۈپىتى ۋە ئىقتىدارى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا V8نىڭ بازاردا بەلگىلىك ئورنى بار،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلىپ بىلمەيلا ئۇنىڭ باھاسى1500يۈەن ئەتراپىغا چۈشۈپ قالدى....

  • كۆپلىگەن يانفون ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بەلگىلىك تۆۋەن باھادا ئىلگىرىكى ئەڭ ئېسىل يانفونلارنى سېتىۋېلىش،گەرچە ۋاقىت جەھەتتە سەل ئۇزۇن ساقلاپ كەتكەندەك قىلسىمۇ ئەمما يەنىلا ناھايىتى ياخشى بىر ئىش.نوكىيا N95دەل مۇشۇ تۈرگە كىرىدىغان يانفون،ئۇ بىزنىڭ ساقلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.ياسىلىش شەكلى جەھەتتە N95نىڭ قوش تەرەپكە سېيرىلدىغان قىلىپ ياسىلىشى نۇرغۇنلىغان يانفون شىركەتلېرىنىڭ ........

  • يانفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ يانفوننىڭ ئىقتىدارىغا بولغان تەلىپى بارغانسېرى يۇقۇرىلاپ بارماقتا،شۇنىڭ بىلەن ھازىر كۆپلىگەن كىشىلەر ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنى سېتىۋېلىشقا باشلىماقتا،تۆۋەندە بىرقىسىم باھاسى مۇۋاپىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنى تەۋسىيە قىلماقچىمەن.ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلار ئۈچۈن پايدىلىنىش بۇلۇپ قالار.

  • ۋاڭيى تورى13-فېبرال تىلىگراممىسى:جۇڭگو تىلىگرافى تىيەنيى ئۈزەك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرىكتورى ماۋۇ(马武)نىڭ 13-چېسىلا چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو تىلىگرافى كۆچمە ئالاقىلىشىش زاپچاسلېرى يۇقۇرى دەرىجىلىك مۇنبەر يىغىنىدا ئاشكارىلىشىچە،جۇڭگو تىلىگىرافى3Gمۇلازىمىتىن...

  • نۇر كابىل دۇنيا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سۆرئىتىنىڭ تېزلىكىگە زور تۆھپە قوشتى،تور ئالاقىسىدىن تارتىپ تىلىۋىزورغىچە ھەممىسىنىلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلېرىغا جايلاشقان نۇر كابىللاردىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.نۇر كابىل تېخنىكىسى20-ئەسىردىكى ئەڭ قىززىق نوقتا بولغان تېخنىكىلارنىڭ بىرى،1901-يىلىلا نۇر كابىل دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلېرىنى تۇتاشتۇرۇرۇپ،شۇ جايلاردىكى كىشىلەرنىڭ ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ تۇرىشىغا قۇلايلىق ياراتقان.

  • تىلىگراف شىركەتلېرىنىڭ يانفوندا تورغا چىقىش ھەققىنى چۈشۈرۈش ۋەزىيىتى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشماقتا. تۆنۈگۈن جۇڭگو تىلىگراف شىركىتىنىڭ ئالاقىدار خادىمى"بىرىنچى مالىيە كۈندىلىك گىزىتى"دە دەلىللەپ مۇنداق دىدى:بىر قىسىم ئۆلكىلەردە مەسىلەن  جىياڭسۇ ئۆلكىلىك تىلىگراف شىركىتى CDMAيانفونىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تورغا چىقىش ھەققىنى كۈنىگە 1يۈەن قىلىپ بەلگىلىگەن بۇلۇپ،ئېقىم مىقدارى ئاساسىي جەھەتتىن چەكلەنمەيدۇ.جىياڭسۇ تىلىگراف شىركىتىدىكى خادىمنىڭ بىلدۈرىشىچە شىركەت پات-ئارىدا CDMAيانفونى ئىشلەتكۈچىلەرگە تورغا چىقىش ھەققىنى كۈنىگە1يۈەندىن ئالىدىغان كەسىپنى يولغان قويماقچى بولغان بۇلۇپ،كۈندىلىك بېرىلىدىغان ئېقىم مىقدارى1Gئىكەن،ئەمما بۇنداق بولغاندىمۇ يەنىلا ئېقىم مىقدارى چەكسىز بولغانغا ئوخشاشلا بۇلۇپ قالىدۇ،چۈنكى بىر كۈندە24سائەت  يانفوندا تىلىۋىزور كۆرسىمۇ ئېقىم مىقدارى1Gغا يەتمەيدۇ.

  • TOSHIBA شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان TG01ناملىق بۇ يانفون ئامرىكاQualcomشىركىتىنىڭSnapdragonناملىق يانفون ئۆزىكىنى ئىشلەتكەن بۇلۇپ،بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ چاستوتىسى1GHzغا يېتىدۇ،قېلىنلىقى9.9مىللىمىتىر،دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز،ئېكرانى4.1دىيوملۇقWVGAسىزىشچان ئېكران،ئېكرانىنىڭ ئىنىقلىق دەرىجىسى800*480پېكسىل.HSDPA،DivX،GPS, WiFiقاتارلىقلارنى قوللايدۇ. microSDكارتىسى ئارقىلىق سىغىمىنى چوڭايتىشقا بۇلىدۇ.مەشغۇلات سېستىمىسىغا Windows Mobile 6.1سېستىمىسى ئىشلىتىلگەن بۇلۇپ نەچچە كۈن ئاۋالقى دۇنيا ئۇچۇر مەھسۇلاتلېرى كۆرگەزمىسىدە ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن قاتتىق زىلزىلە قوزغاپ يانفون بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ1GHzدەۋرىگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى. بۇ يانفون بەلكىم كۆچمە يانفون ساھەسىدە يېڭى بىر ئىنقىلاپ قوزغىشى مومكىن.

  • ھازىر3Gدىگەن سۆز ھەممىمىزگىلا ئۇنچە بەك يېڭىچە تويۇلمايدىغان بۇلۇپ كەتتى،ئەمما يانفونلاردا3Dكۆرسىتىش تېخنىكىسى يەنىلا بىر يېڭىلىق،نۆۋەتتە ياپۇنىيىنىڭ تىلىگراف بازارلېرىدا Woooناملىق3Dكۆرسىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە يانفون پەيدا بولدى.بۇ يانفوننى ياپۇنىيىنىڭHITACHI)日立)شىركىتى ياسىغان بۇلۇپ،KDDIتىلىگراف شىركىتى تەرىپىدىن بازارغا سېلىنغان،پەقەت ياپۇنىيە بازارلېرىدىلا سېتىلىدىكەن.

  • ئامرىكىنىڭ داڭلىق توردا ئىزدەش شىركىتى گوگۇل يېقىندا"گوگۇل دېڭىز-ئوكيان"ئى ناملىق يېڭى بىر مەھسۇلاتنى مەيدانغا كەلتۈرگەن بۇلۇپ،كىشىلەر ئۇنىڭدىكى ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈنۈشتىكى دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ يەر ئاستى خەرىتىسدىن پايدىلىنىپ سىرلىق دېڭىز ئاستىغا چوڭقۇر چۆكۈپ كىرەلەيدۇ.   
    گوگۇل شىركىتى بۇيىل2-ئاينىڭ2-كۈنىدىن باشلاپ يېڭى نەشىردىكى"گوگۇل يەرشارى"دىتالىنى ئېلان قىلغان بۇلۇپ،يېڭى نەشىرىگە دېڭىز ئوكيانلارنىڭ مەزمونى كىرگۈزۈلگەن،ئىشلەتكۈچىلەر دېڭىز ئوكيانلارنىڭ مەنزىرىسى ۋە دېڭىز ئاستى يەر شەكلىدىن ھوزۇرلىنالايدۇ.

  • يېقىندا ياپۇنىيىنىڭ2-چوڭ تىلىگراف شىركىتى بولغانKDDI/auشىركىتى تۈنجى بۇلۇپ سونىي ئېرىكسون(SonyEricsson)نىڭ 8مىليون100مىڭ پېكسىللىقCyber-shotسېستىمىسىدىكى S001ناملىق يانفونىنى بازارغا سالدى.باشقا جايلارنىڭ بازارلېرىغا سېلىنغان سونىي ئېرىكسون يانفونلېرىغا نىسبەتەن قىلىپ ئېيتقاندا ياپونىيە بازارلېرىغا سېلىنغان سونىي ئېرىكسون يانفونلېرى ئۈستۈنلىككە ئىگە بۇلۇپ،باشقا رايونلاردىكى يانفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدۇ. نۆۋەتتىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ يانفون ھازىر ياپۇنىيە بازارلېرىدا رەسمىي سېتىلىشقا باشلىغان.


قايتىش






ھازىر بىلوگدا جەمئىي نەپەر زىيارەتچى بار