-
سونىي ئېرىكسوننىڭ8مىليون100مىڭ پېكسىللىق يانفونى ياپونىيىدە بازارغا سېلىندى. - [ITخەۋەرلىرى] 2009-02-01
يېقىندا ياپۇنىيىنىڭ2-چوڭ تىلىگراف شىركىتى بولغانKDDI/auشىركىتى تۈنجى بۇلۇپ سونىي ئېرىكسون(Sony Ericsson)نىڭ 8مىليون100مىڭ پېكسىللىقCyber-shotسېستىمىسىدىكى S001ناملىق يانفونىنى بازارغا سالدى.باشقا جايلارنىڭ بازارلېرىغا سېلىنغان سونىي ئېرىكسون يانفونلېرىغا نىسبەتەن قىلىپ ئېيتقاندا ياپونىيە بازارلېرىغا سېلىنغان سونىي ئېرىكسون يانفونلېرى ئۈستۈنلىككە ئىگە بۇلۇپ،باشقا رايونلاردىكى يانفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدۇ. نۆۋەتتىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ يانفون ھازىر ياپۇنىيە بازارلېرىدا رەسمىي سېتىلىشقا باشلىغان. (ئىدىقۇت بىلوگى تېمىسى رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ)
سونىي ئېرىكسوننىڭ بۇ سۆرەتكە تارتىشقا ماھىر يانفونىنىڭ سىرتقى شەكلى كۆزنى قاماشتۇرىدۇ،ئىقتىدار ۋە سەپلىمىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. يېشىل،ئاچ قىزىل ۋە قارىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭلىكى بار.(ئىدىقۇت بىلوگى تېمىسى رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ)
يانفوننىڭ ئېكرانى3.3دىيوملۇقFWVGAدەرىجىسىدىكى480×854پېكسىللىق يۇقۇرى ئىنىقلىقتىكى260مىڭ رەڭلىكAMOLEDئېكرانى بۇلۇپ،8مىليون100مىڭ پېكسىللىق كامىرا ئورۇنلاشتۇرۇلغان،رەسىمگە تارتقاندىكى ئاپتۇماتىك توغۇرلاش،تىتىرەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش،ئادەم يۈزىنى تونۇش تېخنىكىلېرىدىن باشقا يەنە Xenonچاقماق لامپا ۋە ئۆزىنى تارتىش ئەينىكى قاتارلىقلار سەپلەنگەن. micro SDكېڭەيتىلگەن كارتىسىنى تونۇيدۇ.(ئىدىقۇت بىلوگى تېمىسى رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ)
مەنبە:http://tech.163.com/mobile/09/0201/07/51268AHL00112K8E.html
收藏到:Del.icio.us
评论
http://karizweb.blogbus.com
خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت ، ھازىر ياپونىيەدە قانچىلىك باھادا سېتىلىۋاتقاندۇ ؟
tp://tech.163.com/mobile/09/0201/07/51268AHL00112K8E.html