-
نوكىيا يېڭى يانفونى5730XpressMusicنى ئېلان قىلدى. - [ITخەۋەرلىرى] 2009-03-12
نوكىيانىڭ XpressMusicسېستىمىسىدىكى مۇزىكىلىق يانفونلار ئۆزىنىڭ بىر نەچچە كىلاسسىك يانفون شەكلىگە تايىنىپ ئىشلەتكۈچىلەر ئارىسىدا بەلگىلىك ياخشى تەسىرگە ئېرىشتى،ھازىرXpressMusicسېستىمىسىدىكى يانفونلار نوكىيانىڭNۋەEسېستىمىسىدىكى يانفونلاردىن قالسىلا ئەڭ كۆپ ئالقىشقا ئېرىشكەن بىر تۈر بۇلۇپ قالدى.3-ئاينىڭ11-كۈنى چۈشتىن كىيىن نوكىيا تەرەپ “Your Music Player is Ringing”دىگەننى ئاساسىي تېما قىلغان ھالدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ،ئۆزلېرىنىڭXpressMusicسېستىمىسىدىكى يېڭى 3دانە يانفونىنى ئېلان قىلدى.بۇ ئۈچ يانفون ئايرىم-ئايرىم ھالدا سېيرىلما قاپلىق مۇزىكىلىق يانفون5730XMۋە 5330XMھەمدە تۆۋەن دەرىجىلىك مۇزىكىلىق يانفون5030XMلاردىن ئىبارەت.
تۆۋەندە يۇقۇرىدىكى3يانفوندىن ئەڭ نوچىسى بولغان5730XMنىڭ ئاساسىي كۆرسەتكۈچلېرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز.خەۋەرلەرگە قارىغاندا5730XMبۇ يىلنىڭ3-پەسىلىدە رەسمىي ھالدا بازارغا سېلىنىدىكەن.باج ئېلىنمىغاندىكى پارچە سېتىلىش باھاسى 280ياۋرۇ ئەتراپىدا بۇلىدىكەن (تەخمىنەن2426يۈەن خەلق پۇلى).
نوكىيا5730XpressMusicنىڭ ئاساسىي كۆرسەتكۈچلېرى:
تور قوللاش دائىرىسى: GSM 850/900/1800/1900MHz,WCDMA 900/1900/2100MHz
مەشغۇلات سېستىمىسى: S60
يانفون ھەجىمى: 112 x 51 x 15.4 mm(قېلىنلىقى*كەڭلىكى*ئېگىزلىكى)
ئېغىرلىقى:135گىرام
ئېكرانى:2.4دىيوملۇقQVGAئېكران(240*320پېكسىل)،16مىليون رەڭلىك.
ئىچكى سىغىمى:يانفون ئۆزىنىڭ سىغىمى100مىگا بايتىس،microSDكېڭەيتىش كارتىسىنى قوللايدۇ،ئەڭ چوڭ بولغاندا16GBلىق microSDكارتىسىنى سەپلەشكە بۇلىدۇ.
باتارىيىسى:نوكىيانىڭBL-4تىپلىق باتارىيىسى،سىغىمى 1000mAh
ئەڭ كۆپ سۆزلىشىش ۋاقتى:4سائەت
ئەڭ كۆپ يانفوننى ئىشلەتمەي تۇرغۇزۇش ۋاقتى:300سائەت
ئەڭ كۆپ مۇزىكا قۇيۇش ۋاقتى:25سائەت
ئۇلىنىشى:كۆك چىش2.1ۋە Wi-Fiقوللايدۇ.
ئۇلىنىش ئېغىزى: microUSBئۇلىنىش ئېغىزى ۋە3.5mmلىق تىڭشىغۇچ ئۇلىنىش ئېغىزى
سېتىۋالغاندا قوشۇلۇپ بېرىلىدىغان بۇيۇملار:نوكىيانىڭ AD-54/HS-83ناملىق سىتىرولۇق تىڭشىغۇچى،نوكىيانىڭ8GBلىقmicroSDHCكارتىسى،نوكىيانىڭMicroUSBئۇچۇر يوللاش سىمى،ۋە نوكىيانىڭ يۇقۇرى ئىقتىدارلىق زەرەتلىگۈچىسى،چۈشەندۈرۈش كىتابى ۋە نۇر دېسكا قاتارلىقلار.
评论